زۇلفىيە مۇھەممەد
سەرگەردان بوپ يۈرۈپ يات ئەلدە،
جىسىم قالدى روھ يوق بۇ تەندە.
تەتۈر قىسمەت بولۇپ بەخشەندە،
ساياق بولۇپ قالدۇق داق يەردە…
دۇنيا كەزدۇق بىراق ئارمان كۆپ،
قەدەم يەتمىگەن يەر كۆپ ۋەتەندە.
تەڭرىتاغقا ياماشماي تۇرۇپ،
قەھرىمانغا سالام بېرەلمەي.
يايلاقلاردا موللاق ئېتەلمەي..
تەكلىماكان سىرىنى يەشمەي،
ئەجدادلارنىڭ كۈلىنى قازماي ،
كېتىپ قالدۇق شەيتاندەك ئېزىپ..
قەدەم يەتمىگەن يەر كۆپ ۋەتەندە.
يۈرەلمەيمىز دېھقان بازاردا،
بالىلىقنى قالدۇرغان سايدا.
ھايات كۈلگەن تاڭدا، باھاردا…
قەلبىمىزدە قاينايدۇ نىدا.
كۆرۈۋالماي قالدۇق ئەلەمدە..
قەدەم يەتمىگەن يەر كۆپ ۋەتەندە.
