زۇلفىيە مۇھەممەد
مومام ئېيتاتتى…
ياقا يۇرتقا قىز بەرمە، ئالما….
تېگى _تەكتى، تارىخى نىمە؟
ئادىتى غەيرى، نەسلى مۇئەمما.
مەزمۇت تۇرغىن قەدىم ئۆيىڭدە،
تاشمۇ ئېزىز چۈشكەن يېرىدە،
ياقا يۇرتتىكى ئېچىلغان گۈلدىن،
ئاۋزەلدۇر بىزدىكى چالما.
ئۆز تۇپرىقىدا ياتمىسا،
تونۇش كۆزلەر باقمىسا،
يىگەن تەنگە سىڭمىسە،
ياشاش دەمسەن؟ ئىسىت ئەلەم ئۇ…
«ئەركەك تاشلىماس ۋەتەننى ئەسلا،»
«كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن تۇپراق»
«ياقا يۇرتتا رەڭگى _روھ سامان،
گوياكى ئۇ تۆكۈلگەن ياپراق،»
ياقا يۇرتتا كىمدۇر بىرلىرى…
ئوخشاپ قالار دوستلىرىمىزغا،
تاغا – ھامما، قېرىنداشلارغا…
مۇڭداشقۇمىز، سىرداشقۇمىز بار،
مىھمان قىلىپ كۈتكىمىز ھەم بار،
غېرىپ كۆلبە داستىخانلاردا….
سۆزلىۋالساق كۈلپەتلەرنى..
ۋە ياكى گۈزەل سۈلكەتلەرنى.
ھېيت _بايرام خوشلۈقلىرى ھەم،
باشقا چۈشكەن مۇسىبەتلەرنى….
ياقا يۇرتتا ئۇچۇپ يۈرۈيمىز،
يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك مىسالى،
بىلمەس بىزنى، سورىماس ھېچكىم،
بۇ لەگلەكنىڭ باردۇر نە ھالى؟
قىينار سوغوق مىسكىنلىك يەنە،
ياتلارنىڭ، ئەۋلاتنىڭ ئېغىر سۇئالى….
ياقا يۇرتتا نازۇك كۆڭلىمىز،
يارىلىنار شۇنچە چوڭقۇر تېز،
ئانىسى تاشلاپ كەتكەن بالىدەك،
لىق ياشقا تولغان قارچۈقلىرىمىز،
تەلمۈرىمىز… يولغا تىكىلىمىز…
ئۆتكەن كەچكەندىن سوراپ قويىمىز.
بازار كۈنى دادىسىنى كۈتكەن سەبىدەك….
ياقا يۇرتتا ئاق تىكەن كەبى،
تىترەپ تۇرار ئەشۇ روھىمىز…
بىلىنەر بىزگە ھەممە ياق يوچۇن،
ئىسسىمايدۇ ھېچۋاخ دېلىمىز،،.
قەلبىمىزدە تۇرار بىر بوشلۈق ….
بەزلەيمىز- يۇ، يەنە بەزلىنىمىز…
تىرىشىمىز تولدۇرماقچى ئۈچۈن،
تولمايدىغان شۇ ۋەتەن ئىشقىنى.
