نىلوفەر نۇرتاي قىزى
( ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ۋەتەن ئىشقى)
ﻗﯘﭼﯩﻐﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺳﻼ ﭘﺎﺗﻤﯩﺪﯨﻢ،
ﺑاﻏﺮﯨﯔ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﻪﯓ ﺗﯘﺭﯗﭖ،
ﺩﯨﺪﺍﺭﯨﯖﻐﺎ ئەسلا قانمىدىم،
ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﻼ، ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ.
ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﯖﺪﺍ ﮔﯘﻝ ﺋﯘﺯﻩﻟﻤﯩﺪﯨﻢ،
ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﻢ.
ﺗﻮﭘﺮﯨﻐﯩﯖﻐﺎ ﮪﯧﭻ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ،
ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ – ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﯩﻢ.
