ھىجران

ئايگۈل « تامچە»
سنى قايتا سېغىنايچۇ بىر قېتىم،
مىڭ قېتىمغا قالمىدى ھېچ ماجالىم.
تۈگىمىسۇن ھەسرەتتە پىراقتا،
ھىجراننىلا قۇچاغلاشتا باھارىم.
سېنى قايتا سېغىنايچۇ بىر قېتىم،
ھەردەقىقە سىڭسۇن ئەجر مېھنىتىىم.
تۈنىمىسۇن بۇ سېغىنىش ئەسىرلەر،
ئۆلسەم بولغاي سېنىڭ قوينۇڭ جەننىتىم.
سېغىنايچۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت،
بەرگىن پۇرسەت قەدەملەرگە ۋاپادىن.
مۇساپىر دەپ ئاتىلىشم ھار كەلدى،
قۇتۇلسۇنچۇ ھەتتا ئۇرۇق ئەۋلادىم.
سېغىنايچۇ سېنى قايتا بىر نۆۋەت،
توك ئۆچمەستە يىنىۋال شام كەبى.
ئېرىشلىرىم پېدا بولسۇن سەن ئۈچۈن،
تىپىلماسكەن جاھان ئارا سەن كەبى.

جاۋاب يېزىش