مەمەت ئېمىن دوختۇر
بىزدە «زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل ,باھارنىڭ قەدرىگە يەتمەس.» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ ماقالە تەمسىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭدا زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىگە، دىكتاتورلۇق تۈزۈمدە ئۇزۇن ياشىغان ئادەم، ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە تىخىمۇ يېتىدۇ، دىمەكچى. ئەمما رېئاللىقتا پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس. چۈنكى زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇلنىڭ باھارنىڭ قەدرىگە، دىكتاتورلۇق تۈزۈلمىسىدە ئۇزۇن ياشىغان ئادەمنىڭ ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زىمىستان ياكى دىكتاتورلۇق تۈزۈمىسىدە ياشىغان ۋاقىتى بەك ئۇزۇن بولماسلىغى ۋە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ۋە تەبىئىتىنى تېخى يوقاتمىغان، يەنى روھىي قۇل بولمىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر زىمىستان بەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ، ئىنساننىڭ روھىنى ئاللا بۇرۇن توڭلىتىپ بولغان، ياكى ئۇ خىل ئەھۋال نورماللىققا ئايلانغان بولسا، باھار كەلگەندىن ياكى ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كىيىنمۇ، باھار ياكى ئەركىنلىكنى بىخەتەر ئەمەس، ياكى ئۇنى «بىنورمال» دەپ ھېس قىلىشى، ھەتتا ئۆزى ياشىغان زىمىستان ياكى دىكتاتورلۇق تۈزۈمنى قوغدايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ دەل مۇستەبىت تۈزۈلمىسىنىڭ ئىنسان روھىنى قۇل قىلىدىغان ئەڭ ئېغىر كىشەنچىدىدۇر.
بۇنداق ئەھۋالدا، بىر ئىنساننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياكى ئەركىنلىككە قايتىشى ئۈچۈن پەقەت تاشقىي دۇنيادىكى «باھار» ياكى تۈزۈلمىدىكى ئەركىنلىكلا تېخى كۇپايە قىلمايدۇ، تىخىمۇ مۇھىمى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى «ئويغىنىش»، ئۆزىنىڭ باھاردا ياكى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش، «روھىي قۇللۇق» ياكى «روھىي ئاسارەت» تىن قۇتۇلۇپ، ئۆز-ئۆزىنى ھەقىقىي تۈردە ئازاد قىلىشتۇر. قىسقىسى، ھەقىقىي ئەركىنلىك ھەرگىزمۇ جۇغراپىيلىك، سىياسىي مۇھىت ۋە ياكى تۈزۈلمىنىڭ ئالمىشىش بولماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇ شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى ئاڭ مەسىلىسىدۇر.
ئەگەر ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا «ئويغىنىش» بولمىسا، سىرتتىكى ئەركىن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئەسلىدىكى كىچىك «قەپەز» دىن پەرقلىق بولغان «چوڭراق بىر قەپەز» تىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ، ئەسلىدىكى بويۇنغا سېلىنغان زەنجىرنىڭ مېڭىگە يۆتكىلىشىدۇر. دىكتاتورلۇق تۈزۈمى، پەقەت ئىنساننىڭ جىسمىدىلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى زەنجىرلەيدىغان بولۇپ، «باھار» ياكى «ئەركىن مۇھىت» پەقەت بەدەندىكى زەنجىرنى چۈشۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئىنساننىڭ مېڭىسىدىكى «ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش»، «قورقۇش» ۋە «بويسۇنۇش» تۇيغۇسىنى، پەقەت ئىچكى دۇنيادىكى ئويغىنىش يوق قىلالايدۇ. ئىچكى دۇنيادىكى ئويغىنىش بولمىغاندا، ئىنسان ئەركىن دۇنيادىمۇ يەنىلا «روھىي قۇللۇق» ياكى «روھىي ئاسارەت» ئىچىدە ياشايدۇ.
ئۇندىن باشقا ئىنسان «زىمىستان» ياكى «دىكتاتورىلىق تۈزۈم» دە ئۇزۇن مۇددەت ياشىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئەركىن بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ياشىغان شۇ موھىتنى «نورمال» دەپ ھېس قىلىپ، ئەركىنلىك ئۇنىڭغا «بىنورمال» تۇيۇلىدۇ. «ئىچكى ئويغىنىش» دېمەك، ئىنساننىڭ ئۆز قىممىتىنى، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس مۇستەقىل بىر «جانلىق» ئىكەنلىكىنى قايتىدىن بايقىشىدۇر.
بۇلار، دەل بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بەزى بىر ئىنسانلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن دۇنياغا چىقىپمۇ، ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالماي، بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە، ھەتتا شۇ ئەسلىدىكى دىكتاتۇرلىق تۈزۈمنى قوللاپ، ئۇ تۈزۈمگە قايتىپ ياشاشنىڭ سەۋەبى دەل شۇدۇر. ئۇ دەل تارىختىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مۇستەبىتلىكتىن قۇتۇلۇپ يەنىلە تەرەققىي قىلالمىغانلىقىنىڭ ياكى قايتىدىن باشقا بىر دىكتاتور تۇۈزۈمگە باغلىنىپ قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋبىدۇر.
يۇقۇرقى ئەھۋالنى پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدىن چىقىش قىلىپ ئانالىز قىلغاندا، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
1. كۆنۈپ كەتكەن ياكى تامامەن تەن بەرگەن ئامالسىزلىق. ئەگەر بىر جانلىق ئۇزۇن مۇددەت زۇلۇم ۋە چەكلىمە ئىچىدە ياشىسا، ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ئۇ ئەھۋالنى ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئەركىنلىك دەرۋازىسى ئېچىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى ياشىغان موھىتتىن سىرتىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ ياكى ئۇ ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلىنىش بولمايدۇ.
2. «غار ھېكايىسى» ۋە ھەقىقەت. پىلاتوننىڭ داڭلىق «غار ھېكايىسى» دە ئېيتىلغاندەك، ئەگەر غارنىڭ ئىچىدە زەنجىرلەنگەن كىشىلەر پەقەت تامدىكى سايىلەرنىلا كۆرۈپ چوڭ بولسا، ئۇلار شۇ سايىلەرنى «ھەقىقىي دۇنيا» دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى سىرتقا چىقىپ، ھەقىقىي قۇياش نۇرىنى كۆرسە، دەسلەپتە كۆزى ئاغرىيدۇ ۋە قورقىدۇ؛ ھەتتا ئۇ ئىنسان غارغا قايتىپ كىرىپ، بۇرۇنقى شۇ قاراڭغۇلۇقتا ياشاشنى ئەۋزەل بىلىشى مۇمكىن.
3. قەپەزنىڭ ئىچىدىكى ئامانلىق تۇيغۇسى. دىكتاتورلۇق تۈزۈم، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى بوغسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشىشى توغرىسىدا «تەييار قېلىپ» ۋە ماڭدىغان يول خەرىتىسى بار. ئۇنىڭدا كۆپ تاللاش بولمىغاچقا، قانداق ياشاش ۋە قايسى يولدا مېڭىشقا بەك باش قاتۇرۇش ھاجەتسىز. ئەركىنلىك، مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا ئۆزىگە ئۆزى جوجا بولۇپ، ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇش ۋە ئۆز يولىنى ئۆزى تاللاش بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يۈكسەك جاۋابكارلىق ۋە مەسئۇليەت تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەر ئەركىنلىكتىن كېلىدىغان «خەتەر»، «جاۋابكارلىق»، «مەسئۇليەت» ۋە «تاللاش قىيىنچىلىقى»قاتارلىقلاردىن قورقۇپ، كونا مۇستەبىت تۈزۈمدىكى «بىخەتەرلىك» تىن مىھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. بۇنى پىسخولوگ ئېرىخ فروم «ئەركىنلىكتىن قېچىش» دەپ ئاتىغان.
