باھار سەيلىسى

ئايگۈل«تامچە»

باھار كۈنلىرىدە،
ئىلى دەريا بويلىرىدا،
شوخ چېلىنسا باھار ناۋاسى،
تەلكە شاماللىرىنىڭ تارتىشلىرىدا،
ئۇسسۇلغا چۈشەتتى داۋان قارىغايلىرى.
يىنك تىنىپ ، ۋىللىدە چاقنايتتى،
سايرام يۈزىدە بىر جىلۋە.
ئامانمۇ سەن تەلكە تاغلىرىم…
ھاياتمۇ سەن قارىغاي، تاللىرىم.
كېلەتتى سالام ھەريۇرتتىن  ھەر يۇرتقا،
شامال بىلەن ، كۈي بىلەن ،
باھارسەيلىسى بىلەن.
باش قوشاتتى سۈيدۆڭ تاغلىرى،
تارىختا گۈدۈك چالغان ،
بىلگەنلەر ھەرزامان يادقا ئالغان،
بىلمىگەنلەر گاڭگىراپ قالغان،
جەڭگىۋار روھلارنىڭ پىچىرلىشى بىلەن.
ئارقىدىنلا ياش تۆكەتتى كۆپكۈك ئاسمان،
زىمىننى سۇغۇرۇپ،
يۈرەكلەرنى ئويغۇتۇپ،
كۆز ياشلارنى يوشۇرۇپ.
ھىجران ، پىراققا بەرداش ،
ئۆلمەس ئارمانلىرى بىلەن،
قايتا ھاياتقا مىسال،
ياپيېشىل بېدىلىرى بىلەن،
يەر-زېمننى  يېشىللىققا تولدۇرۇپ.

2026-يىل ، باھار نەزمىسى

جاۋاب يېزىش