چىمەنگۈل ئاۋۇت
سېنى كۆرگۈم كەلسە كۆزلىرىمنى يۇماتتىم،
ئىسسىق نەپەسلىرىڭنى جۇغۇلداپ تۇرۇپ تۇياتتىم.
كۈلۈپ تۇرساممۇ، مېنى ئۇششۇق دەيتىڭ يىغلاتقىلى،
تىرنىقىمدىكى ئەتتىكەنلەرنى يۇلاتتىم.
ماشىناڭنىڭ يامغۇر ياغقاندىكى ئەينىكىنى،
قار ياغقاندىكى ئاياق ئىزىڭنى،
ماڭا يوپۇرماق ئۈزۈپ بىرىۋاتقاندىكى بارماقلىرىڭنى،
ئويلاۋىرىپ، ئويلاۋىرىپ ساراڭ بولاتتىم.
سېنى كۆرگۈم كەلگەنلىكىنى دېمىسەممۇ بىلەتتىڭ،
يۈرىكىمدىن چىقىپ كەتمەي شۇنچە مەغرۇر يۈرەتتىڭ.
مەن قات-قېتىمدىن ئېچىلسام گۈلدەك،
شاخلىرىمغا تىكەن بولۇپ ئۈنەتتىڭ.
ھازىر سېنى كۆرگۈم كەلسە،
كۆزلىرىمنى يۇمۇشتىن قورقىمەن.
لېۋىمدىكى ھىدىڭنى،
چوغنى يۇتقاندەك يۇتىمەن.
كۆزلىرىمنىڭ قارىسىنى دەريا قىلدىڭ ئامرىقىم،
بۇ دەريانى ئۆزۈم يالغۇز ئەمدى قانداق توسىمەن؟
2018-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەكشەنبە
