گۈلنۇر ئابدۇرسۇل
يۇقارقى مەھەللىدىكى باھارخاننىڭ،
قولى سۇنۇپ كىتىپتۇ،
بىغىشىدىن چىقىپ كىتىپتۇ،
تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ئانارخان،
ۋېلسىپىتتىن يىقىلىپ،
قازان سۆڭەك چىقىلىپ،
دوختۇرغا كىتىپتۇ…
ياش ئەمەسمۇ؟
تۇتۇپ كىتىدۇ،
تىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدۇ.
ئارقا تەرەپتىكى خوشنىمىزنىڭ پۇتى سۇنۇپ،
دۆڭبازاردىكى ئۇستا تىڭىقىچىغا
چېپىپتۇ…
يىل بويى ئاڭلاپ تۇردۇق سۇنۇقلارنى،
ياتقانلارنى،
قوپقانلارنى،
تۇتقانلارنى،
تۇغقانلارنى…..
قولى سۇنغاننىڭ دەردىنى قولى سۇنغان بىلىپ كەلدى،
بىلى سۇنغاننىڭ دەردىنى بىلى سۇنغان كۆرۈپ كەلدى…
سۇنۇق،
باشقا كېسەلگە ئوخشىمايدۇ،
ئىشىككە قاراپ يىتىپ كىتىمىز،
كىم كىلەر سالام بىلەن،
كىم كىلەر تائام بىلەن.
گاھ تىلفۇنغا قاراپ، گاھ دېرىزە ماراپ كېتىمىز.
كىم سورار ھالىمنى دەپ،
كىم بىلەر دەردىمنى دەپ…
سۆڭىكى سۇنغاننىڭ يۈرىكى تەڭ سۇنۇپ كىتىدۇ،
بۇ سۇنۇق جاندىن، ھەمدە قاندىن ئۆتىدۇ.
سۇنۇق ساقىيىدۇيۇ،
سۇنۇق كۈنلەردە دىلىمىزنى سۇندۇرغانلار،
يۈرەكتە قالىدۇ.
سۇنۇق كۈنلەردە تاۋاق سۇنغانلار،
كۆڭۈلدە قالىدۇ.
ھىچكىمنىڭ ھىچيرى سۇنمىسۇن،
ھىچكىمنڭ كۆزى ئىشىكتە قالمىسۇن،
پۇتى سۇنغانلار قوپوپ كىتىدۇ،
بىلى سۇنغانلار ساقىيىپ كىتىدۇ،
لىكىن…
چىن دوستلاردىن دىلى سۇنغاندا،
يىقىن دوستلۇق يىراق كېتىدۇ.
يىقىن تۇرۇپ قاراپ تۇرغاندىن، كۆڭۈللەرمۇ سويۇپ كېتىدۇ.
بىر ھال سوراش، بىر تىلفون، بىر قەدەمنى ئارتۇق كۆرگەنلەر،
كۆڭۈل ئەمەس، نەزەردىنمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ…
