زۇلفىيە مۇھەممەد
شار _شار _شار،
سۈپۈرگە ئاۋازى،
يېنىك _يېنىك قەدەملەر بىلەن،
سېلىپ ماڭار پاكىزلىق ئىزى
كەڭرى ھويلا، گۈل _گىياھلار خوش،
چىقىرىشىپ گۈزەل جىلۋىسى. .
ئويغىناتتىم ھەر كۈنى ھەمراھ،
تاڭ قوياشى ئانام تىۋىشى.
شارىلدىغان بىر ئاۋاز بىلەن،
ئويغىناتتىم خاتىرجەم بەلەن،
ئۆگزىدىكى ئۇخلىغاق خوراز،
پىشايۋاندا ياتقان مۈشۈكۋاي،
ئېغىلدىكى كالا _قوزىلار..
ئويغىناتتى پۈتۈن مەھەللە،
پاكلىناتتى غېرىپ ئۆيىمىز،
كۆتۈرۈلۈپ مىسكىن كۆڭلىمىز،
جانلىناتتى ئوچاق بېشىمۇ،
چاينەك _چىلەك، قازان _ قومۇچمۇ.
گۈرۈلدەيتى ئوچاقتا ئوتلار.
سالاملىشىپ خۇلۇم _ خوشنىلار.
باشلىناتتى يېپ _ يېڭى بىر كۈن،
پىچىرلىغاچ ئانام تىۋىشى.
مۇدھىش سوغوق، ئېغىر كېچىلەر،
ئوتى ئۆچكەن، ياماق چۈشكەن مەش،
باسالمايتى ئورنىنى ئەسلا،
بالا ئۈچۈن يۈرىگى يانغان،
بولسىمۇ گەر ئۆزىلا تەنھا،
جەسۇرانە ئانا ئوتىنى . ..
مىڭ بىر كېچە، چۆچەكلەر بىلەن،
ئۇخلىتاتتى بەش چۆچۈرىنى…
ھىس قىلمايتۇق بوران _ چاپقۇننى،
چىلىنىپ تۇرغاچ لىققىدە قەلب،
ئايىغى ئاستىدا جەننەت ياسىغان،
ھارمايدىغان، زارلانمايدىغان،
مېھىر كۈپىگە قوياشنى سالغان،
غەمگۈزارىم ئانام تىۋىشى.
كۆزلەر قىسىق.. چىراق ئالدىدا،
تىكىۋېتىپ كانىۋاي كۆينەك
بېسىپ كېلەر بەزىدە ئەسنەك.
مۈگدەيتى. داۋام قىلاتتى،
كىيدۈرمەك بوپ قىزىغا تېزرەك
ئارزۇلىرى بولاتتى تەنتەك.
ئۇخلىمايتى ئانام تىۋىشى.
ماڭغان _ تۈرغان، ئۇيقۇدىمۇ ھەم،
تىۋىشى بار يېنىمدا ھەردەم،
كۆرۈنمەستىن پەرىشتە كەبى،
بەزىدە ئۇ گويا بىر سەبى،
ئۇسسىسام تەڭلەيدۇ لېۋىمگە شەبنەم،
يىقىلسام تۇرغۇزار چۆچەك مىسالى،
كۈلگەندە زوقلىنار چىقىپ پىغانى،
يەتكەندەك مەقسەتكە، ئېشىپ نىشانى…
ھەمراھدۇر دائىما ئانام تىۋىشى…
