يانغىن دۇنيا،ياندى ئادەم

ئايگۈل ئالىم<تامچە>

مەجرۇھ تېنىمنىڭ ،بىر پارچىسى دەم،
كۆيمەكتە ،ئىس تۈتەك ،قاپلىنىپ ئالەم.
ھەيرانمەن ،كۆزلەرنىڭ ياشسزلىقىغا،
قۇلاقلار ئاڭلىماس ،گاس -گاچچا ئادەم.

ئىنسانلار ،ئۆلمەكتە، يىرتقۇچلىرى شات،
بۇ قانداق زامانە، بۇ قانداق جاھان؟
ھىكايە سۆزلەيدۇ ،شەيتان كۈۋەجەپ،
جەسەتلەر دۆۋلىنىپ ،ئاقسىمۇ قىيان.

ئاسماننى، ئىس-تۈتەك،قاپلىغان بۈگۈن،
زىمىنغا ، قىيامەت ، باشلايدۇ ئەتە.
سەزمەيلا مۇردىغا، ئايلىنار روھلار،
كىملەرنىڭ  قەبرىگە ، قىلسمۇ پەتە.

ئۆلۈشنى كۈتمىگەن ، جەسۈر تىنىقلار،
تۈتۈننىڭ ئىچىدىن، ياڭراتتى سادا.
بىل ئالەم ،ئاخىرقى ئۆلۈم تىۋىشى،
ئىنسانلىق بۇرچىنى، قىلماقتا ئادا.

ھەر سادا ،بىر جاننىڭ جاكاسى ئەمەس،
ئاخىرقى كۈرەشكە گۈدۈك ئۇ شۇدەم..
كىملەردىن ئۆزىگە كۈتمىدى رەھىم،
يۈرىگى، ئالقاندا ئالماقتا قەدەم.

ئاۋىترالىيە
2022-11-28

جاۋاب يېزىش