ئۈرۈمچىدىكى ئوت

راشىدا ئابدۇسېمەتوۋا
(مەرسىيە)

ۈرۈمچىدىكى ئوتتا  قازا تاپقان قېرىنداشلارغا

ئۈرۈمچى، ئۇيغۇرنىڭ ژۈرىگى ئېدىڭ،
خەلىقىمنىڭ قاينىغان بۇلۇغى ئېدىڭ.
زامانلار ئۆزگىرىپ ناپىق ئىلكىدە،
بېگۇناھ جانلارنىڭ مازارى بولدىڭ.

كۆكتىكى ھەيۋەتلىك بېنا ئىچىدە،
كۆيۈپتۇ قاياشلار ئوتتا ئۆرتىنىپ.
چىقالماي ئىشىكتىن قۇلۇپلاپ قويغان،
چېقىرغان ئۈنلىرى قۇلاقنى يېرىپ.

تۈگىمىدى بۇ قۇرغان زورلۇق- زومبۇلۇق،
تۈرمىدەك ھەر ئۆيگە كىشەن سېلىنىپ.
تەڭ كۆرۈپ ئادەمنى خۇدا ياراتقان،
قويمامدۇ سۆز بىلەن ئېيتىپ ئۇقتۇرۇپ.

ئەي خۇدا، تۈگىمىدى بۇ سىناقلىرىڭ،
يە تەن پۇڭ بولمىدى بۇ تارازلىرىڭ.
قانچىلاپ دەرتلەرنى كۆتەرگەن بۇ خەلقىم،
سۈرتمەكتە ھېلىمۇ ئۈنسىز ياشلىرىن.

ژۈرىگىم ئوت بولۇپ يانار كۆكرەكتە،.
يېنىڭدا بولالماي ساڭا كېرەكتە
زارلىدىم،قاقشىدىم، قېقىلدىم ياشتىن،
ھىس قىلدىم ئۆزەمنى شۇ ئىس تۈتۈندە.

قازاسى قايىل بوپ قاياشلىرىمنىڭ،
كەڭ بولسۇن ئىشىگى جەننەتلىرىنىڭ.
ئۈمۈتىڭ ئۆچمىسۇن،ئەي، ئەزىز خەلقىم،
لاۋۇلدىسۇن ئوتلىرى كۈرەشلىرىڭنىڭ.

ياركەنت شەھىرى
2022- يىلى نويابىرنىڭ 26-كۈنى

جاۋاب يېزىش