زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا…..

ئوكراينالىق 9 ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغان ناخشىسىنىڭ تىكىستى

 دىلدار ئەزىز تەرجىمىسى

مەن سىزدىم ھېكايەمنى،

رەسىم قىلىپ ھاياتىمنى.   9 years old Ukraine girl sing to ask PEACE 🇺🇦🇷🇺

ئىدى ئۇ تىپ-تىنىچ بىر كۈنى،

ئاپىردە قىلغان ئاتا-ئانام  بۇ دۇنياغا مىنى.

(ياندۇرما)

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

 

بىز مۈكۈشمەك ئوينىمىدۇق،

ئانام دادام بىلەن قاچتۇق،

ئەينەن بىر قاچقۇن بولدۇق.

خۇددى بىر تراگىدىيەگە ئوخشاش.

 

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

 

شۇندىن باشلاپ، قوياش ئۆرلانمىدى قايتا،

كوچىلار جىم-جىت ئادەمسىز گويا.

ھەممە شەھەر ئوخشاش،

ھاياتلىقتىن يوق ئەسلا سىينا.

 

مەن سىزدىم ھاياتىمنى،

رەسىم قىلىپ ھىكايەمنى،

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

 

بەزىلەر  ياشايدۇ شۇنداق  خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك،

بىلمەسكە سېلىپ بىزنىڭ ئازاپلىرىمىزنى ئاڭلىمىغاندەك.

كېلەر بىر كۈن،  يىغلايدۇ ئاخىر ئۇلارمۇ خۇددى بىزدەك.

كەلمەسكە كەتكەندە ئەسلىدىكى  تىنىچ خاتىرجەملىك،

 

بولمىسا تىنچلىق، نەدە ئۇ مۇھەببەت؟

زەمبىرەكلەر ئېتىلغاندا،

كېچىنىڭ جىم-جىتلىقى بۇزۇلغاندا،

دۇنيا كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالغاندا.

 

چامدانلارنى سۆرەپ ماڭغاندا،

سەرگاندان ھايات باشلانغاندا،

يوق بىر تىيىن ئاقچى يېنىمىزدا،

قاچتۇق بىز قالدۇرۇپ ئۆمۇتنى ئارقىمىزدا.

شۇنىڭ ئۈچۈن…..

مەن سىزدىم ھاياتىمنى،

رەسىم قىلىپ ھىكايەمنى،

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

جاۋاب يېزىش