تارىم مۇمىياسى

 

      كۈندۈزئاي ھامۇت

ۋەتىنىمدىن گۈزەللەر چىقتى،

يەر ئاستىدا ئۇزۇن يېتىپمۇ،

كىروراننى قۇچاقلاپ قانماي،

ئون مىڭ يىللار توزان بولمايمۇ!

ئىمىزگىلىك بوۋاق يېنىدا،

ئوقيا كىرپىك يەنە بىر گۈزەل.

ئاھ! مىرەننىڭ ساھىبجامالى،

قۇش پېيىدا تۇمىقى ئەۋزەل…

كىرورەنلىك  گۈزەلگە ئاشىق،

قايسى يىگىت بەخت قۇشلىدى؟

مانا بۈگۈن ئارخېلوگ ئالىم،

مۇمىيا ئۈچۈن يورۇق ئىزلىدى.

ئاھ تارىمنىڭ مۇمىياسى شاھىت،

مۇز دەۋرىنىڭ يەرلىك خەلقىگە،

سى مۇقەددەس پاكىت، DNA

ھەتتا بىر پىت ھەمراھ گۈزەلگە.

مۇمىيالار گۈزەل ئېگىنى،

بۈگۈن مودا پارس- سەھنىدە.

قەبرىدىكى پاقلان  كاۋاپمۇ،

يۇلغۇن زىقلىق ھالا خوتەندە.

توغراق – ياغاچ قەبرە ۋە ئۆيلەر،

بۈگۈنگىمۇ ئۇدۇم بوپ قالغان.

يۇلغۇن سېۋەت ھەجەپ ياراشقان،

ئۈژمە ،ئۆرۈك يىغقاندا دېھقان.

مۇميالارنىڭ  ئۆزى بىر گۆھەر،

ئېغىزىغا قاشتاش قويۇلغان.

مۇز دەۋرىدىن قالغان قاشتېشىنى،

ئۇيغۇر تەرسە خىتاي بۇلىغان.

گۈزەللەرنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى،

ئەكس ئېتەر كۇچار قىزىدا.

خۇش يېقىملىق مەڭز سۆڭىكى،

لوپنۇردىكى ئوماق سىڭلىمدا.

قوي يۇڭىدا توقۇلغان كىيىم،

دەۋرىمىزگە كەلدى قەدىمدىن.

تېرە ئاشلاپ كۆن-خۇرۇم ئىشلەپ،

ئىگەر،ئۆتۈك ئاشتى داۋاندىن.

سەن بىلمىگەن سىرلار مىڭ تېخى،

ئاقسۇ- تارىم يۇرتۇڭ بولسىمۇ.

قانچە ھېدىن ئاھ ئۇرۇپ كەتتى،

ئۆردەك بوۋام ياردەم قىلسىمۇ.

ئاھ تارىمنىڭ سىرلىرى ئۇزۇن،

تەكلىماكان قۇملىرى گۇۋاھ.

ئەگەر گېنى يېشىلسە قۇمنىڭ،

تارىم مۇمياسى  ھىچ قالماس غۇۋاھ.

مەن تۇغۇلدۇم تارىم بويىدا،

تارىم دەريا بەرگەن ھاياتلىق.

يىلتىزىمىز تىرەن ئۇيغۇرغا،

تىر ىشايلى تىلەپ نىجاتلىق.

2021-11-19 شۋېتسىيە

ستوكھولم

جاۋاب يېزىش