ھايات

ئايگۈل ئالىم «تامچە»

ھايات ماڭا سۇنسىمۇ زەھەر،
ئاق قەلبىڭىز بولۇپ يادىكار.
غورۇر بىلەن ياشاش ئۇ قارار،
يەنە سىزدىن تۇغۇلاي ئانا..

نويابىرنىڭ قارلىق كېچىسى،
قار ئۈستىدە ھايات جىلۋىسى.
نەچچە ئاشىق تۆككەن كۆز يېشى،
شۇ تۇپراغدا تۇغىلاي ئانا.

ئېتىزلىرىم ئاشلىقى بۇغداي،
سامانلىرىم بىلەن ئېتەي لاي.
يېرىق تامنى قولۇمدا سۇۋاي،
يەنە سىزدەك تۇغۇلاي ئانا…

تارقاتقانچە زىمىن- ھارارەت،
يەر يۈزىدىن يۈتسە رىيازەت.
ئانا يەرگە قىلىپ تاۋابەت،
قايتا سىزدىن تۇغۇلاي ئانا.

كەتسەممۇ ھېچ كېچىپ باقمىدىم،
خاتىرجەم چاي ئىچىپ باقمىدىم.
چاڭقاق خىيال، بۇلاق ياقىلىدىم،
تۇپراغىڭىز قۇچاغلاي ئانا.

– «تامچە»
2021-يىلى 22-نويابىر، ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش