كۈنلەر بار

راشىدا سا’ئىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا

ئۈنۈپ-ئۆسۈپ ئۆرلەيدىغان كۈنلەر بار،
كۆككە ئۇچۇپ،غۇلايدىغان كۈنلەر بار
يىللاپ يىققان ئابروي-ئاتاق ،بايلىقنىڭ،
يۈتكىنىنى سەزمەي قالار كۈنلەر بار
ئاتا-ئاناڭ ھايات يۈرسە ئالدىڭدا،
كېتەرىنى بىلمەي قالار كۈنلەر بار.
ۋاقتىڭ يەتمەي بىر سوراشقا ھالىنى،
پۇشمان قىلىپ زارلايدىغان كۈنلەر بار.

بەزەن بەخت دېڭىزىدا ئۈزسەڭمۇ،
مۇڭغا چۆمۈپ، غەم يەيدىغان كۈنلەر بار.
قېرىنداشقا دەرمان قولى بولالماي،
ھەسكە چۈشۈپ»خەپلەيدىغان» كۈنلەر بار.

بەزەن تەغدىر سىنىغىغا چىدالماي،
قاڭغىر قاخشاپ قالىدىغان كۈنلەر بار.
خۇدايىمنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇندۇر،
ھېساپ-چوتقا سالىدىغان كۈنلەر بار.

جاۋاب يېزىش