راھىلە كامال شئىرلىرى

(شىۋىتسىيە)

سۇنىڭ كۆزى

تۆرەلمە چېغىمدا،

 ئانامنىڭ قورسىقىدا،

 سۇنىڭ ئىچىدە ياتقىنىمنى،

تامچە سۇدىن ئۆزۈمگە قاتقىنىمنى ئويلىساملا،

 بارلىق دەريالارنى،

دېڭىز، ئوكيانلارنى،

ھەتتا يامغۇر تامچىسى،

شەبنەم، كۆز ياشلارنىمۇ قىزغىنىمەن.

ھويلىمىزدىكى  كىچىككىنە ئېرىق،

مەن ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن دېڭىز ئىدى كۆزۈمدە. 

كۆك ئاسمان بىلەن بىللە تاتلىق سۇلىرىدا بېلىق بولاتتىم.

مومام خوشمۇ دېمەي كېتىپ قالغان ماي ئاخشىمى،

تۇنجى ھېجراننىڭ تۇزلۇق سۈيىنى يۇتقىنىمدا،

دادام مېنى شۇ ئېرىقتا سۇغا چاپلىشىپ ياتقان يېرىمدىن تېپىپتۇ.

كېيىن مەن ئۆستەڭ، دەريالارنىمۇ كۆردۈم.

ئۇلارنىڭ مېھرىبان، مەردلىكىنى بىلدىمكى ،

نەمخۇش تۇپراقنىڭ ھېدى، گۈللەرنىڭ جىلۋىسىدىن.

مۇھەببەتنى بىر ئالما ياكى ئىللىق بىر شامال ،

دەپ بىلگەن چېغىمدا، گۈل بەرگىدىكى شەبنەمنى،

 يۈزۈمگە سۈركىۋالاتتىم  چىرايلىق بولاي دەپ. 

ھەممە نەرسىلەرنى يىغلايدۇ، دەپ ئويلىسام كېرەك،

ھايۋانلارنىڭ كۆزىگە ياش قوندۇرۇپ قوياتتىم رەسىم دەرسىدە.

ئاھ ، ئۆزۈمنىڭ ياشلىرى ئىكەنتۇق ئۇ ئەسلىدە.

ئوقۇتقۇچۇمنىڭ

  دېڭىز، ئوكيانلارنىڭ بىزدىن يىراقتا ئىكەنلىكىنى 

دېگەندىكى پەرىشانلىقىنى، 

ئېرىقىمنىڭ دېڭىز ئەمەسلىكىنى بىلگىنىمدە چۈشەندىم.

سۇنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزى

قوللىرىمىزنى  تۇتقاندا ،

سۇنىڭ يۇمشاق قوللىرى 

تەنلىرىمىزنى  ئۇتقاندا

يىغلاپ كېتىمىز، يىغلاپ كېتىمىز.

بىز مەڭگۈ ئۇسسۇغۇچى،

ئۇسسىغاندا ئىلغىيالمايمىز.

شۇڭا سۇنىڭ سېھىرلىك كۆزىگە قارىيالمايمىز.

سۇ يىغلاپ كېتىدۇ، ئېقىپ كېتىدۇ. 

بىزدىن يىراق دېڭىز، ئوكيانلار،

دەريا، ئۆستەڭ تۇققانلىرىڭلار،

بىز سىلەرنى چۈشەپ تۇرىمىز، چۈشەپ تۇرىمىز.

كۆچ

كۆزۈڭ يېرىم ئوچۇق،يېرىم يۇمۇق..

توپىلىرى ئۇۋۇلۇپ كەتكەن،

پاكار بىر تامنى دالدا قىلغان،

بىر يالغۇز تېرەكنىڭ سايىسىدا ياتقۇدەكسەن،

قىزىل كۆينەكلىك بىرى، 

يېنىڭدا پىرقىراپ، چېقىراپ تۇرغۇدەك.

كۆچ، كۆچ ، كۆچ..

ئەسكى تاملىقلارغا،

يالغۇز ياغاچقا،

قىزىل ئىشتانلىقلارغا…

كىرگۈچى

دېرىزىدىن كىرىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.

رۇخسەتسىز ئوغرىدەك.

ئېچىپ توغرىدەك.

ئۇچۇپ قۇشتەك.

ئېقىپ قاندەك.

چېقىپ نۇردەك.

قاراپ كۆزدەك.

ماراپ يۈزدەك.

قورقۇتقانچە ،

يورۇتقانچە كىرىپ كەلسەم.

جاۋاب يېزىش