خەيرىنىسا ياسىن (ياپونىيە)
داستۇرخان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەدىنيەت بابىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتلىرى ھىساپلىنىدۇ.ئۇيغۇرلاردا ئائىلىلەردە بىر كۈندە نەچچە ۋاق تاماق يىيىلسە،شۇنچە ۋاق داستۇرخان سېلىنىدۇ ۋە يىغىلىدۇ. داستۇرخاندىكى بىر لىگەن پولوغا بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جەم بولغان ھالدا قول ئۇزارتىپ ئاخىرقى بىر تال گۈرۈچ قالغانغا قەدەر بىللە يىگەن ئەشۇ بەختلىك مىنۇتلار كىشىنىڭ ئسىدىن زادىلا چىقمايدۇ. داستۇرخاندىكى ئەشۇ قېرىنداشلىق ،مەھەللىدارچىلىق ،مېھماندارچىلىق مۇھەببىتىنى ۋە توي-تۆكۈن ئۆلۈم-يىتىملاردىكى باشقا نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتلەرنى داستۇرخانسىز ئەسلىيەلمەيمىز.

داستۇرخان ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ۋە باشقا كۆپ نۇرغۇن ئەدەپ-ئەخلاق ۋە قائىدە يۇسۇنلارنى ئۆگىتىدۇ. داستۇرخاندىكى تاماقلارغا چوڭلار قول ئۇزراتمىغىچە باشقىلار قول ئۇزىتالمايدۇ. داستۇرخان ئۈستىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆز-ئارا بىر تەرەپ قىلنىدۇ .ئائىلەردىكى ھەر-خىل چوڭ-كىچىك ئىشلار ئاساسەن داستۇرخاندا ھەل قىلنىدۇ.
