ئامېرىكىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە كۆرگەنلىرىم

ئامېرىكىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە كۆرگەنلىرىم
(ئەدەبي خاتىرە)
دىلدار ئەزىز
«يازغۇچى دىلدار ئەزىز ئامېرىكىدا سوتقا تارتىلىپتۇ!» بۇ، بۇ يىلقى ئانىلار بايرىمىدا، ئامېرىكا قوشما شىتاتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا دۇنيانىڭ خېلى كۆپ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بايراملىق ئولتۇرۇش سورۇنلىرىدا چاقماق تىزلىگىدە تارقىلىۋاتقان خەۋەر بولدى. بۇ خەۋەر مىنى چۈشىنىدىغان، مىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە مىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلىرىم ئۈچۈن بىر كۆڭۈلسىز خەۋەر بولۇپ، ئىنىقكى ئۇلارنى ئەندىشىگە سالاتتى. مىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆچ كۆرۈپ قالغان، مىنى چۇشەنمەي تۇرۇپ خىياللىرىغا كەلگەنچە باھا بىرىۋاتقان، ھەتتا مەن بىلەن بىرەر قىتىم كۆرۇشۇپمۇ باقماي تۇرۇپ ماڭا يىراقتىن ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان، مەن بىلەن ھېچقانداق مەنپئەەت مۇناسىۋىتى بولماي تۇرۇپمۇ، مىنىڭ تاماشايىمنى كورۇش ئۈچۈن ھەدىسىلا مىنىڭ ماڭغان تۇرغانلىرىمنى تىڭ – تىڭلاپ يۈرىدىغان بىر قىسىم كىسەلمەن كىشىلەر ئۈچۇن، بولۇپمۇ مىنىڭ ھەر بىر مۇاپپىقىيىتىم ئۈچۈن ھەسەت ئوتىدا ئاتەش بولۇپ كۆيۇپ، پۇچۇلۇنۇپ،چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن ۋە شۇ سەۋەپتىن بىزنى ئاغىزىدا بولسىمۇ ئايىلىمىز بىلەن قوشۇپ ئامېرىكىدىن نەلەرگىدۇر «ھەيدىۋەتمەكچى» بولغان «بىچارىلەر» ئۇچۇن بۇ بىر خوش خەۋەر ئىدى.

شۇنداق، مەن سوتقا چاقىرتىلدىم. بىر ئاي بۇرۇن،يەنى 2016-يىلنىڭ «ئانىلار بايرىمى» كۈنى قولۇمغا بىرىلگەن سوتنىڭ چاچىرىق قەغىزىدە، مىنىڭ سوتقا چاقىرىلغانلىقىم يېزىلغان بولۇپ، ئۇنڭغا يەنە، سوت ئېچىلىدىغان ۋاقىت 2016 – يىلى، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، چارشئەنبە،سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئوتكەندە، دەپ ئىنىق يېزىلغان ئىدى. سوتنىڭ ئورنى ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىدىكى لېسبۇرگ شەھرىدە بولۇپ، بۇ دەل مەن ساقچى تەرىپىدىن «قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ قارالغان جايغا ئەڭ يېقىن جايدىكى سوت مەھكىمىسى ئىدى. شۇنداق قىلىپ مەن بىكىتىلگەن ۋاقىتتن سەل بۇرۇنراق چاقىرىقتا كۆرسىتىلگەن جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە يىتىپ كەلدىم.
سوت مەھكىمىسى كىچىككىنا ۋە ئوماققىنا كەلگەن قەدىمىي لېسبۇرگ شەھەرنىڭ مەرگىزىدىكى چۆرىسىى باراقسان ئوسكەن ئىگىز-ئىگىز چىنار دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان، ئەتىراپى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن، ئالدى تەرىپى ئىگىز، ھەيۋەتلىك ئاق يۇمۇلاق تۇۈرۇكلۈك ئاق بىنادىن ئورۇن ئالغان بولۇپ،بۇ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقىۋاتقانلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ھەر خىل ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قاپاقلرى جىددى تۈرۈلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلىغان ئىدى، بەزىلىرىنىڭ روھىي ھالىتى جىددى بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ كەيپىياتى خۇشال ئىدى.

مەن كويۈمچان ئوغلۇم روستەمجاننىڭ ھەمرالىقىدا سوت مەھكىمىسىگە كەلدىم. بىز بىر قاتار بىخەتەرلىك تەكشۇرىشىدىن ئوتۇشتىن بۇرۇن، ساقچى خادىمى قول تېلفونلىرىمىزنى ئۇدۇل تەرەپتىكى تامغا تىكلەپ قويۇلغان،ئاچقۇچلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان تۆمۇر ئىشكاپلارنىڭ بىرىگە سېلىپ قۇلۇپلاپ ،ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىشىمىزنى بۇيرىدى. بىز شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن بىز چوڭ زالدىكى ئاق پىشما كەلگەن 50 ياشلار چامىسىدىكى كۈلگۈن چىراي ساقچىدىن قايسى سوتخانىغا كىرىشىمىز كىرەكلىگىنى سورىدۇق، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ تۇنجى قىتىم سوتقا كەلگەنلىگىمىزنى ئەسكەرتىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇمۇدۇق. ئۇ قولىمىزدىكى سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىگە قاراپمۇ قويماستىن، خۇددى كونا تونۇشلاردەك بىزگە چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزىدىكى ئىنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان رۇسچە شىۋىدىن، ئۇنىڭمۇ چەتئەللىك ئىكەنلىگى بىلىنىپ تۇراتتى
«ئەندىشە قىلمىىساڭلارمۇ بولىدۇ،» دىدى ئۇ، بىزنىڭ سەل جىددىلىشىپ قالغانلىقىمىزنى كورۇپ، – مەنمۇ چەتئەللىك، مەنمۇ يىڭى كەلگەندە ھەممە ئىشقا جىددىلىشىپلا قارايىتتىم. مانا قاراڭلار، سوتنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاختىغا يەنە تېخى بىر سائەت باركەن. سىلەر بىرىنچى سوتخانىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاچ ساقلىساڭلارمۇ بولىدۇ. سوتخانىنىڭ ئالدىدىكى كارىدوردىن ئىچكىرى تەرەپكە قاراپ ماڭساڭلار، ئۇ يەردە ھاجەتخانا ۋە قەھۋەخانى قاتارلىقلار بار » ئۇ كىشى شۇنداق دىگەچ بىزنى ئاتايەن سوتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا باشلاپ قويۇپ كىتىپ قالدى. بىز شۇ بىرىنچى نومۇرلق سوتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق. بۇ مىنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بىرى تۇنجى قىتىم سوت مەھكىمىسىگە كېلىشىم بولۇپ، ھەر قانچە ئۆزەمنى تۇتىۋالاي، دىسەممۇ ، كەيپىياتىم يەنىلا جىددئى ئىدى. بۇ جىددىلىشىشنىڭ چىرايىمغىمۇ چىققىنى ئىنىق ئىدى. ئەگەر شۇ تاپتا مەن ۋەتەندە بولغان بولسام ئىنىقكى، بۇنچىلىك جىددىلەشمىگەنمۇ بولاتتىم. ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرىدىكى ساۋاقداشلىرىم ۋە دوسلىرىم بىلەن بولىدىغان بىر قىتىملىق دەستۇرخان سورىنىدا، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆزلىگىدىن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولاتتى. بىراق ئامېرىكىدەك مۇناسىۋەتكە ئەمەس، پەقەت قانۇننىڭلا كۈچىگە تايىنىدىغان دۆلەتتە، يەنە كېلىپ بۇ كىشىنىڭ يۇرتىدىكى مۇساپىرچىلىقتا ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمىزدە، مەيلى ھەر قانداق كىچىككىنا بىر ئىشمۇ كىشىگە بەكمۇ ئېغىر بىلىنىپ كىتىدىكەن. ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىپ قارىدىم. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بۇ يەرگە ئادۋۇكاتلىرى بىلەن، ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ۋە ياكى بىر نەچچىدىن ئايىلە ئەزالىرى بىلەن كەلگەن بولۇپ، پەقەت مەنلا ئەشۇ مېھرىبان ئوغلۇم روستەمجان بىلەنلا كەلگەن ئىدىم.
ئەسلىدە بۈگۈن چوڭ ئوغلۇم روستەمجاننىڭ ھەپتىدە ئاران بىر كېلدىغان سەيشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. ئۇ مىنى دەپ ئۆزلىگىدىن شۇ دەم ئېلىشىنىمۇ قۇربان قىلدى. باشقىلارنىڭ ئادۈۇكاتلىرى، توپ- توپ ئۇرۇق تۇققانلىرى يېنىدا ھەمرا بولسا، مىنىڭ يېنىمدا بېشىدىن ھېچ ئش ئۆتۈپ باقمىغان ئوغلۇم روستەمجانلا ماڭا خۇددى تاغدەك يۆلەنچۇكلۈك رولنى ئويناپ، يېنىمدا ماڭا خۇددى پىشقەدەم ئادۋۇكاتلاردەك يول كورسىتىپ، ماڭا زور ئىشەنچ بىلەن ئۆمۇت ئاتا قىلغان ھالدا ھەمرا بولۇپ تۇراتتى.
يېنىمىزدىكى ئۇزۇن ئورۇندئۇقتا بىز بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرغان دومچەك بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ، قەيەرگىدۇ كېتىپ قالدى. ئارقىدىنلا شۇ بوش ئورۇنغا ئۇچىسىغا قارا كەستۇم بۇرۇلكا كەيگەن، بوينىغا، ئاپپاق كۆينىگىنىڭ ئۈستىگە قېنىق چىلان رەڭلىك گىلاستۇق تاقىۋالغان،بويى ئىگىز كەلگەن، قارا تەنلىك سالاپەتلىك بىر ئەر كىشى كېلىپ ئولتۇردى. ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇ كىشىگە باش لىڭشىتىپ سالام بىرىپ قويدۇق. ئۇمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا سالىمىمىزنى ئېلىك ئېلىپ، بىزگە سالام قايتۇردى. شۇ ئارىلىقتا يېنىمدىكى كىشىنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان، خۇددى بۇرۇن بىز كىنولاردا كورگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى نېمىس ئەسكەرلىرى بوينىغا ئېسىۋالىدىغان يوغان تۆمۇر بۇلاپكىغا كوزۇم چۇشتى. بىراق بۇ كىشىنىڭ بوينىدىكىسىگە ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ بەلگىسى چۇشۇرۇلگەن ئىدى. ئوغلۇم ماڭا چۇشەندۇرۇپ، «بۇ كىشى ساقچىكەن،» دىدى پەس ئاۋازدا. شۇ چاغدا ئۇ كىشى بىز تەرەپكە ئورۇلۇپ تەبەسسۇم بىلەن سورىدى: – سىلەرمۇ دىلو ئۈچۈن كەلگەنمۇ؟

«شۇنداق ئەپەندى»، – دىدىم مەن قولۇمدىكى سوتنىڭ چاقىرىغىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
«خانىم، ئىسمىڭىزنى دەپ بىرەمسىز؟ «دەپ ئىلتىماس قىلدى ھېلىقى ساقچى بەلگىسىنى بوينىغا ئېسىۋالغان كىشى ئەدەپ بىلەن .ئاندىن چۇشەندۇرگەن ھىساپتا قوشۇپ قويدى. «چۇنكى بۇگۇن مەن مۇشۇ سوتتا 18 نەپەر كىشنىڭ دىلوسنى كەچۇرۇم چىلماقچى. ئەگەر سىزنىڭ ئىسمىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ قالسا،تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلەتتى.» دىدى ئۇ. مەن ئىسسىمنى دەپ بەردىم، بىراق ئۇنىڭ قولىدىكى تىزىملىكنىڭ ئىچىدىن مىنىڭ ئىسمىم چىقمىدى.
– «مەن ئەزەلدىن تەلەيلىك ئىنسان، » دىدىم مەن كونا ئادىتىم بويىچە ئۆزەمگە تەسەللىي بەرمەكچى بولغاندەك، ھېلىقى ساقچىغىمۇ ۋە ئوغلۇمغىمۇ ئاڭلىتىپ تۇرۇپ،چۇنكى بۇ مىنىڭ نىمىلا ئىش قىلسام كاللام بىلەن ئويلۇنۇپ قىلىدىغان ئادىتىمنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شۇ قىلغانلىرىمنىڭ خاتا ئەمەسلىگىگە ئىشەنگەنلىگىم ئۇچۇن، مەن مۇشۇ يېشىمغىچە ھەر دايىم ئەنە شۇنداق ئۆزەمگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدىم.
بىراق ئوغلۇم ھېلقى تىزىملىكتىن مىنىڭ ئىسمىمنىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆرۇپ نىمىشقىدۇر ئەنسىرەپ قالدى. ئارقىدىن ئۇ ساقچىدىن سورىدى:
-ئەپەندىم،ئەگەر بىز سوتقا كەلمەي، جەرىمانىسىنى تولىسەكمۇ بولامتى؟
– ئەلۋەتتە بوللاتتى، – دىدى ساقچى، – بىراق ھازىر كىچىكتىڭلا، جەرىمانىسىنى سوتقا كېلىشتىن بىر كۇن بۇرۇن تۆلىشىڭلار كىرەك ئىدى.

– سوتقا كەلگەندىن كورە، جەرىمانىسىنى تۆلەپلا قۇتۇلغان بولساق بوپتىكەن، ھە ئانا؟ – دىدى ئوغلۇم خۇددى ئۆزى قىلالايدىغان بىر ئىشنى بىجىرىش ۋاختىنى ئۆتكۇزىۋەتكىنى ئۈچۈن ئەپسۇسلانغاندەك.
– ياقەي بالام، مەن خاتا قىلمىغان تۇرسام، نىمىشقا جەرىمانە تۆلەيدىكەنمىز؟
– ئۇنداقتا،- دىدى ھېلىقى ساقچى ماڭا يول كورسىتىپ، – ئەگەر شۇنداق دەپ قارىسىڭىز، سىز سوتتا ئۆزىڭىزنىڭ خاتا قىلمىغانلىقىڭىزنى چوقۇم تەكىتلەپ ئۆتۇڭ.ئۆزىڭىزنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىگىڭىزنى ئىسپاتلاڭ.
– ماقۇل ئەپەندى، رەخمەت سىزگە.
– سىزگە ئامەت تىلەيمەن خانىم.
مەن ساقچىغا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن بېشىمنى ئىگىپ قويدۇم. -بوپتۇ ئەمىسئە ئانا، – دىدى ئوغلۇممۇ ئاخىرى، – ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتا قىلمىغالىقىڭىزغا تولۇق ئىشەنسىڭىز، سوتنىڭ بېشىدا ۋە ئاخىرىدا چوقۇم سوتچىغا ئۆزىڭىزنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىڭىزنى كەسكىن تئەلەپپۇزدا بايان قىلىڭ ۋە شەرھىلەڭ – ئوغلۇم ساقچىنىڭ سوزىنى ئۆز سوزىگە ئايلاندۇرۇپ ماڭا يەنە بىر قىتىم ئەسكەرتىپ قويدى.
سوتخانىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ھېلىقى ساقچى، ۋە يەنە دۇمچەك بوۋايدىن باشقا، يەنە بىر توختىماي تاقىلداپ ئۇياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ يۈرىدىغان ياشقىنە ئۇزۇن چاچلىق ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ خۇددى ھازىرلا سەھنىگە چىقىدىغان ئەرتىستەك قىلىۋالغان قېنىق گىرىملىرى، ھەممە كىشىگە مۇڭلۇنۇپ قاراشلىرى كىشىگە پارىژ كوچىلىرىدىكى سەتەڭلەرنى ئەسلەتسە، ئۇنىڭ ئىگىز پاشنىسىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ تۇرىدىغان تاقىلدىغان ئاۋاز ۋە ئۇنىڭ پاشنىسىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئىگىزلىگىدىن ئالدىغا قىسىيىپ قالغان قىياپىتى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تەبىيى ھالدا ئۆزىگە تارتاتتى.

– – بەزى ئاياللار ئاياغ بىلەن بولسىمۇ ئۆزىنى قېينىمىسا ئارام تاپمايدىغان ئوخشايدۇ، – دىدى ئوغلۇم ھېلىقى ئايالغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ مېيىغىدا كۈلگىنىچە. مەن بىردىنلا كۆلۇپ تاشلىدىم. دىمىسىمۇ شۇ تاپتا ئۆزەمنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قىتىم ئىگىز باشنىلىق ئاياغ كىيىپ، ئىش ئورنۇمدىن ئۆيگە كەلگۈچە پۇتۇمنىڭ بىئارام بولغىنىدىن يېغلىۋېتىشكە تاس قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالغان ئىدى.بۇ كۈلكە مىنىڭ جىددىلەشكەن نېرۋىلىرىمگە خېلى ئارام بولدى.
سوتخانىنىڭ ئىشىگىمۇ ئاخىرى ئېچىلدى. ئاندىن ھېلىقى بىز دەسلەپتە بۇ يەرگە كىرگەندە يول سورىغان ساقچى خادىمى بىزنى سوتخانىنىڭ ئىچىگە باشلىدى. بىز سوتخانىغا كىرىۋاتقاندا، سوت ساقچىسى شىلەپە كىيىۋالغانلارنىڭ شىلەپىسىنى بېشىدىن ئېلىۋېتىشنى بۇيرىدى. بۇمۇ قانۇنغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىدى. بىز، بايىدىن بىرى تالادا سوتنىڭ ئېچىلىشىنى كۇتۇپ تۇرغان كىشىلەر ئالدىرىماستىن سوتخانىغا كىرىپ كەلدۇق- دە، ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلگەنچە خالىغان ئورۇندا ئولتۇردۇق.

گەرچە بۇ بىر سوتخانا بولسىمۇ، بۇ جاينىڭ ئۆزىدىكى ئومومىي كۆرنۈشتىن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى جىددىلەشتۇرىدىغان بىرەر ماددىي ئامىلنى كۆرگىلى بولمايىتتى. سوتخانا چوڭ بىر زالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قاتىرىسىغا قويۇلغان ئىككى كىشىلىكتىن قىزىل رەڭلىك يۇمشاق كرئىسلو، سەھنىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرى كېلىدىغان جايدا سەھنىگە قارىتىپ قويۇلغان يالغۇز كىشىلىك جاۋاپكارنىڭ سۆزگە چىقىش ئۈستىلى ۋە ئۇنىڭغا ئورنىتىلغان مېكروفۇن،سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە سەھنىگە يانتۇ قارىتىلغان ئەيىپلىگۈچىلەر ئۈچۈن قويۇلغان ئۇستەل، ئورۇندۇق ۋە مىكروڧۇنلار، سەھنىنىڭ سول تەرىپىگە بولسا ئاقلىغۇچىلار ئۇچۈن قويۇلغان ئوخشاش شەكىلدىكى ئۇستەل ئورۇندۇق ۋە مىكروفۇنلار، سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تام تەرەپكە بولسا ئىككى دانە چوڭ تىلۈوزۇر ئىكرانى قويۇلغان بولۇپ، ئىكراننىڭ ئالدى جامائەت تەرەپكە يانتۇ قارىتىلغان ئىدى. بۇ يەردە ۋەتەندىكى سوتخانىلاردا كۆرگىلى بولىدىغان ھەممە نەرسە بار بولۇپ، پەقەت بىر نەرسە ۋەتەندىكىسى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايىتتئى. ئۇ بولسىمۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت گىرىبى ياكى پارتىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيە بايرىقى،ۋە ھەتتا دۆلەت بايرىقى دىگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى بۇ يەردىكى سوتخانىدا كورگىلى بولمايىتتى. مانا بۇلار ئامېرىكىنىڭ قانۇن جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنى، ئامېرىكا قانۇننىڭ ھېچقانداق پارتىيەگە ياكى دۆلەت ئاپىراتىغا مەنسۇپ ئەمەسلىگىنى، ئامېرىكا قانۇنىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇستەقىل يۇرگۈزۈلۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى، قانۇننىڭ پەقەت خەلق ئۈچۈن ئادالەتنىلا قوغدايدىغان مۇستەقىل بىر ئورگاندىنلا ئىبارەت ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۇچىنمۇ ئامېرىكا قانۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئابرويى ۋە ھەيۋىسى بار ئىدى. مىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر نەرسە شۇ بولدىكى، مەن سوت تەۋەلىگىگە كېلىپ تا ھازىرغا قەدەر مەيلى بىنا ئىچىدە بولسۇن، ياكى بىنا تېشىدىكى قورونىڭ ئىچىدە بولسۇن، بىرەر جايدا، ۋەتەندىكىگە ئوخشاش «قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىمىز، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز» دىگەندەك شۇئارلارنى كورمىگەن ئىدىم. ئۇلار ئۇچۇن قانۇن دىگەننىڭ ئۆزىلا ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش ھەر بىر قانۇن خادىمىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى ئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى شۇئار قىلىپ باشقىلارغا كۆرسۈتۈپ يۈرىشى،ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش ئىدى. بەلكىم بۇمۇ 200 يىللاردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئىزچىل ھالدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان دۆلەت بىلەن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى سابىق سوۋىتلەر ئىتتىپاقىدىن مىراس قالغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ئۆز خەلقىنى ئۆزلىرى بىلگەن سەنەمگە دەسسىتىپ، خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىپ كېلىۋاتقان چىرىك تۈزۈلمە ئىچىدىكى بىر دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «قانۇن «چۈشەنچىسىنىڭ نېگىزلىك پەرقى بولسا كىرەك.

Judge Mr.Richard Gardiner
يۇقۇردا دەپ ئۆتكۈنۇۈمدەك، سوتخانىنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق سىياسىي تەشۋىقاتقا ئايىت نەرسىنىڭ بولمىغانلىقى مىنى قىزىقتۇرسا، سوتخانىنىڭ ئوڭ تەرئىپىدىكى تامنىڭ كۆزگە چىلىقىدىغان جايىغا ئېسىلغان 60 ياشلار چامىسىدىكى ئۇچىسىغا تۆمۈررەڭ يوللۇق كەستۇم بۇرۇلكا كەيگەن، مېھرىبان چىراي ئاق تەنلىك بىر ياشانغان كىشىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ماي بوياق رەسىمى مىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. مانا بۇ ئەشۇ مەن كورۇپ تۇرغان ھەيۋەتلىك سوتخانىدىكى بىردىن-بىر سىمۋول خاركتىرىنى ئالغان بويۇم بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىرەر داھىنىڭ رەسىمى بولماستىن، بەلكى ھېلىمۇ ھايات ياشاۋاتقان ۋە مۇشۇ سوتخانىنىڭ باش سوتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رىچارد گاردىنېر ئەپەندىمنىڭ ماي بوياق رەسىمى ئىدى.

سوتچى جانابلىرى كىرىشتىن بۇرۇن، بايا بىزنى مۇشۇ زالغا باشلاپ كىرگەن ساقچى خادىمى قولىدىكى تىزگىنەك بىلەن كامىرانى، ئاۋاز ياڭراتقۇنى ۋە ئىكراننى بىر قۇر تەكشەپ كۆردى. ئارقىدىنلا سوت خاتىرلىگۈچىسى- سېرق قىرقىم چاچ، ئاچ پۇشماق كەلگەن 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايالمۇ كىرىپ كەلدى ۋە كومپىوتۇرى ئالدىدىكى ئۆزى ئولتۇرۇشقا تىگىشلىك جايىدىن ئورۇن ئالدى. بۇلار ئۈچۈن ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ پەقەت 5 مىنۇتتەك ۋاقىت كەتكەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي سوتچى جاناپلىرى-ئۇزۇن قارا رەڭلىك سوتچىلار كىيىمى كەيگەن، 60 ياشلار چامىسىدىكى رىچارد گاردىنېر ئەپەندى سوت سەھنىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىرىش ئېغىزىدا پەيدا بولىۋىدى، ھېلىقى ساقچى خادىمى ھەممىزنىڭ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، سوتچى جاناپلىرىغا ھۆرمەت بىلدۇرۇشنى بۇيرىدى. بىز ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدۇق. ئاندىن سوتچى جاناپلىرى باش ئىشارىتى بىلەن ھەممىمىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. سوتچى جاناپلىرىنىڭ ئولتۇرىشىغا ئەگىشىپ بىزمۇ ئۆز ئورنىمىزدا ئولتۇردۇق.
سوت رەسمىي باشلىنىش ئالدىدا، سوتچى ئەپەندى ئالدى بىلەن سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان، ساقچى فورمىسى كەيگەن ۋە يەنە كاستوم بۇرۇلكا كەيگەن كىشىلەر تەرەپكە قاراپ، ئۇلارغا بۈگۈنكى سوت ئۇستىدە قىلغان بارلىق ئەيىپلەش سوزلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست بولۇشىغا ۋەدە بىرىپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىشقا بۇيرىدى. ھېلىقى ئەيىپلىگۇچىلەر،ساقچىلار ۋە تەپتىش خادىملىرى سوتچى جاناپلىرىنىڭ دىگىنىدەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سوت رەسمىي باشلاندى. تۇنجى بولۇپ سوتلانغىنى ھازىرمۇ تۇرمۇدا قامىلىپ تۇرىۋاتقان،25 ياشلار چامىسىدىكى ئەپلىسۇن رەڭلىك جىنايەتچىلەر كىيىمىنى كەيگەن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئايرىم بىر خانىسىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقان ئىسپانىش يىگىت بولۇپ، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ ئىكران ئارقىلىق سوتلىنىۋاتاتتى. بىراق قاراشقا ئۇ خۇددى بىز بىلەن بىرگە مۇشۇ سوتخانىدا تۇرىۋاتقاندەك تەسىر بىرەتتى. باش سوتچى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا باشتىن ئاخىرى ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «ئەپەندىم» دىگەن ھۆرمەت سۆزىنى قوشۇپ ئىشلەتتى. جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمى، يېشى ۋە كەسپىي،ئولتۇراق ئورنى، دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنىقلىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى ئەيىپلىگەن جىنايەت ناملىرى ئوقۇپ ئۆتۇلدى.
– ئەپەندىم، – دىدى باش سوتچى جانابلىرى ئۇنى ئەيىپلەشكە يوللانغان جىنايەت ناملىرىنى ئوقۇۋېتىپ، – سىز «ئالدامچىلىق جىنايىتى، زور سۇممىدىكى پۇل بۇلاش جىنايىتى، قارا گوروھقا قاتنىشىش جىنايىتى» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەندىڭىز. بۇنى بىلەمسىز؟
– – بىلىمەن ئەپەندىم. – دىدى ھېلىقى ئىسپانىش يىگىت يەرگە قارىغان ھالدا.
مەن ئۇ ئەيىپلەنگەن جىنايەت ناملىرىنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كەتتىم. چۇنكى مۇنداق ئېغىر جىنايەت ئۆتكۇزگەن جىنايەت گۇماندارلىرى بىلەن بىر سوتخانىدا سوتلىنىش،مەن ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى، شۇڭا مىنى ئازىراق سۈر باسغان ئىدى.

– سىز ئالدى بىلەن ئوڭ قولىڭىزنى كۆتۇرۇپ، سوتتا قىلغان بارلىق سۆزلىرىڭىزنىڭ راسىتلىقىغا ۋەدە بىرىڭ.- دىدى سوتچى ئۇنىڭغا..
– – بولىدۇ سوتچى ئەپەندىم، – دىدى ھېلىقى جىنايەت گۇماندارى ئاندىن كويزا سېلىنغان ئوڭ قولىنى سول قولىدىن سەل ئىگىزرەك كۆتۇرۇپ، سوتچى ئەپەندىمنىڭ دىگىنىدەك قىلدى.
– سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئاقلاش ھوقوقىڭىز بار. -دىدى سوتچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، – تەرجىمان ئىشلىتىش ۋە ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھوقوقىڭىزمۇ بار..
– – چۇشەندىم سوتچى ئەپەندىم. – دىدى ھېلىقى جىنايەت گۇماندارى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.
– سىزگە تەرجىمان كىرەكمۇ؟
– ياق ئەپەندى،كىرەك ئەمەس. – دىدى ھېلىقى جىنايەت گۇماندارى ئۆلچەملىك ئېنگىلىز تىلىدا مۇلايىم تەلەپپۇز بىلەن سۆزلەپ.
– ئۇنداقتا سىز ئادۋۇكات تەكلىپ قىلامسىز؟ چۇنكى سىزنىڭ دىلويىڭىزغا ئادۋۇكات بولمىسا بولمايدۇ. -دىدى ھېلىقى سوتچى ئەپەندىم خۇددى كۆيۇمچان دادىدەك تەلەپپۇزدا.
دەل مۇشۇ چاغدا ھېلىقى جىنايەت گۇماندارىنىڭ خېلىدىن بىرى كۆز چاناقلىرىدا لىغىلداپ تۇرغان كۆز ياشلىرى ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى.چوڭ ئىكراندا ئۇنىڭ ياشلانغان كۆزلىرى ۋە ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرى ئىنىق كۆرۈنۇپ تۇراتتى.
– – شۇنداق ئەپەندىم. -دىدى ئۇ تىترىگەن ئاۋازدا، – ماڭا ئادۋۇكات كىرەك، بىراق مىنىڭ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغۇدەك پۇلۇم يوق.
ھېچ بىلمىدىم، شۇ تاپتىكى بۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ كوزىدىكى ياشلىرى پۇشايمانلىق كوز يېشىمىدۇ؟ ياكى ئەينى چاغدا شۇنچە كۆپ ھارام پۇلنىڭ ئىگىسى بولغان بۇ نوچىنىڭ ئاخىرى كېلىپ ئۆزىنى ئاقلىتىش ئۇچۇن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغۇدەك پۇلىنىڭمۇ بولماسلىقىدەك پاجىەلىك ئاقىۋېتى ئۇچۇن توككەن كۆز يېشىمىدۇ؟بۇنىسى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئايان ئىدى.
– سىزنىڭ دىلويىڭىز بۇگۇنچە مۇشۇ يەردە ۋاقىتلىق توختىتىلدى ئەپەندى. سىزنىڭ ئادۋوكاتىڭىز تەييار بولغاندا ئاندىن سوتىڭىز قايتىدىن ئېچىلىدى. سىزگە ئامەت تىلايمەن ئەپەندى.
– رەخمەت سوتچى ئەپەندى. -شۇ سۆزدىن كىيىن ئىكران ئۆچۇرۇلۇپ، ئىكراندىكى ئەپلىسۇن رەڭلىك جىنايەتچىلەر كىيىمىنى كەيگەن جىنايەت گۇماندارى كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى.
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوتلانغىنى ھېلىقى ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋېلىپ،ئالدىغا دوڭغۇيۇپ ماڭىدىغان ياش ئايال ئىدى. ئۇنىڭغا ياش، ئاق سېرىق كەلگەن يىگىت ھەمرا بولۇپ، ئايال سوتچىغا ئۇ يىگىتنى ئۆزىنىڭ تەكلىپ قىلغان ئادۋۇكاتى،دەپ تونۇشتۇردى.

دىمىسىمۇ بۇ ياش ئايالنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ، ئۇ سائېتىگە 56 كىلومىتىر ماڭىدىغان يولدا، سائېتىگە 88 كىلومىتىر ماڭغان ئىكەن. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا 250 دوللار جەرىمانە تولەتكەندىن باشقا، يەنە پىراۋىسى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شوپۇرلۇق مەكتىپىگە قايتا ئوقۇپ دىپلوم ئېلىشقا ئىۋەتىلىدىكەن، ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە ئوقۇپ دىپلوم ئالالمىسا،پىراۋىسى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق سوت جەريانىدا ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى جاۋاپكارغا كوپ گەپ قىلدۇرماستىنلا ھەممە گەپنى ئۆزى قىلىپ، سوتچىنى قايىل قىلدى بولغاي، سوتچى ئۇنىڭغا پەقەتلا 250 دوللار جېرىمانىسى بىلەن سوت ھەققىنىلا تولەشكە ھۆكۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى چىرايلىق ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى سوتچى ئەپەندىمگە قايتا-قايتا رەخمەت تەشەككۇر ئەيىتقىنىچە سوتخانىدىن چىقىپ كەتتى.
نۆۋەت دۇمچەك بوۋايغا كەلدى. دۇمچەك بوۋاي قولىقىنىڭ ياخشى ئاڭلىمايدىغانلىقىنى ئەيتىپ، سوتچىنىڭ روخسىتى بىلەن، جاۋاپكارلار تۇرىدىغان ئورۇندىن سوتچىنىڭ شىرەسىنىڭ يېنىغا يېقىن كەلدى.
– -قاراڭ ئەپەندىم، -دىدى سوتچى ھەممەيلەن ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا. -سىز ماشىنا ھەيدەش چەكلەنگەن يولدا ماشىنا ھەيدەپسىز،يەنە كېلىپ «ماشىنا توختاتسا بولمايدۇ»، دىگەن جايدا ماشىنىڭىزنى توختىتىپسىز. سىز بۇ قىلغانلىرىڭىزنىڭ سەۋىبىنى ماڭا چۇشەندۇرۇپ بىرەلەمسىز؟

– – شۇنداق سوتچى ئەپەندىم. -دىدى ھېلىقى دۈمچەك كىشى. -بىراق بۇ يولدا يول ياسىلىۋېتىپتىكەن، يول بەلگىلىرىمۇ ئانچە ئىنىق ئەمەسكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن دىققەتسىزلىكتىن خاتا يولغا كىرىپ قاپتىمەن. ئاندىن يولدىن چىقالماي بىردەم مېڭىشقا توغرى كەلدى. ئاندىن قۇرلۇش ماشىنىسى يۆتكەلگىچە مەن ئامالسىز ماشىنىنى شۇ جايدا توختىتىشقا مەجبر بولدۇم.
مەن قانۇننىڭ مىنى مۇشۇ بىر قىتىم كىچىرىشىنى سورايمەن. سىزگە شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى، سوتچى ئەپەندىم، ئەمدى مۇنداق ئەھۋال زادىلا يۈز بەرمەيدۇ.- دىدى بوۋاي كىيىنكى سۆزىنى كۆزىنى دوستانىلەرچە قىسقان ھاكدا ئاستا ئاۋازدا.
– شۇنداقمۇ ئەپەندى؟ – دىدى سوتجى جاناپلىرى دۇمچەك بوۋاينىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولغاندەك. -ئۇنداقتا سىزنىڭ شوپۇرلۇق تارىخىڭىزدا ياخشى رئېكورتىڭىز بارمۇ؟
– – ئەلۋەتتە سوتچى ئەپەندىم. – دىدى ھېلىقى بوۋاي ئوڭ تەرەپتىكى ساقچى خادىملىرىغا تەلمۇرۇپ قاراپ.
– شۇنداق سوتچى جاناپلىرى، بۇ ئەپەندىمنىڭ شوپۇرلۇق تارىخىدا ھېچ قانداق سەۋەنلىك خاتىرلەنمىگەن. – دىدى بايا ئۇنى ئەيىپلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ساقچى خادىمى. مەن ساقچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قولۇقۇمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى مەن ۋەتەندىكى چاغدا كۆرگەن ساقچىلارنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە بارغانسىرى ئوخشىمايۋاتاتتى.
– – ئەمىسە ئەپەندىم، مەن سىزنىڭ ئۇستىڭىزدىن شۇنداق ھوكۇم چىقىرىمەنكى، سىزنىڭ ئۇستىڭىزدىكى قىلىنغان شىكايەت كىچىرىم قىلىندى، سىز بۇگۇن پەقەت دەۋا ھەققىنىلا تولىسىڭىز بولىدۇ.
شۇ چاغدا بىلدىمكى،بۇ ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىكى ئەڭ تۆۋەن جازا بولۇپ، بۇنىڭدىن بوۋاي تولىمۇ مىننەتدار بولغان ئىدى. بوۋاي سوتچى ئەپەندىگە ۋە ئۆزىنى ئەيىپلەشكە كەلگەن ساقچى خادىمىغا قايتا- قايتىلاپ رەخمەت تەشەككۇرلىرىنى ئەيتىپ، سوتخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بىر نەچچە كىشىگىمۇ ئوخشىمىغان ھۆكۇملەر چىقىرىلدى. ئاخىرى نۆۋەت ماڭا كەلدى.
سوتچى ئەپەندىم مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىردى. مەن جاۋاپكارلار تۇرىدىغان ئورۇنغا كىتىۋاتقاندا، ئەيىپلىگۈچىلەر تەرەپتىكى بىرەيلەننىڭ ماڭا قاراپ سالام بەرگىنىنى كۆردۇم، مەنمۇ باش لىڭشىتىپ ئۇنىڭغا سالام قايتۇردۇم.
– – كەچلىگىڭىز خەيىرلىك بولسۇن،سوتچى ئەپەندىم، -دىدىم مەن ئۆز ئورنۇمغا بارغاندىن كىيىن.
– سىزنىڭمۇ كەچلىگىڭىز خەيىرلىك بولسۇن خانىم. -دىدى سوتچى ئەپەندىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. ئاندىن ئىسمىمنى سورىۋىدى،دەپ بەردىم.
– تەرجىمان تەكلىپ قىلسام بولامدۇ ئەپەندىم؟ -دەپ سورىدىم مەن يۇقۇردىكى سۆزۈمگە ئۇلاپلا.
– ئەلۋەتتە بولىدۇ خانىم، سىز قايسى تىلدا سۆزلەيسىز، قەيەردىن كەلدىڭىز؟
– – مەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيمەن، ئۆزەم شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئەپەندىم،-دىدىم مەن. سوتچى ئەپەندىمنىڭ مەن دىگەن «شەرقىي تۈركىستان»نىڭ قايسى دۆلەت ئىكەنلىگىنى ئاڭقىرالمىغانلىقىنى كۆرگەن ئوغلۇم، دەرھال چۇشەنچە بىرىپ تولۇقلاپ قويدى..
– بۇ خانىم جوڭگونىڭ ھازىرقى» شىنجىاڭ » دىگەن يىرىدىن كەلگەن ، بىراق ئۇ جاينىڭ ئەسلى ئىسمى شەرقىي تۈركىستان.
– ھە، چۇشەندىم. ئامېرىىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن خانىم.
– رەخمەت سوتچى ئەپەندىم.
دەل شۇ چاغدا بايا ماڭا سالام بەرگەن ساقچى خادىمى سوتچى جاناپلىرىدىن سۆزلەشكە ئىجازەت سوراپ قولىنى كۆتۇردى.سوتچى ئەپەندىم قول ئىشارىتى بىلەن ساقچى ئەپەندىمنىڭ سۆزلىشىگە ئىجازەت بەردى.
– بۇ خانىمنى ئەيىپلەش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى سوتچى ئەپەندىم. -دىدى ھېلىقى ساقچى خادىمى.
مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قولۇقۇمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ئېنگىلىزچە سەۋىيەم تېخى يىتەرلىك بولمىغاچقا، خاتا ئاڭلاپ قالدىممىكىن، دەپ دەرھال ئوغلۇمغا قارىدىم. ئوغلۇمنىڭ چىرايىدىن ئاجايىپ بىر خىل مەمنۇنلۇق ئارىلاش خۇشاللىق ئىپادىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن گەرچە شۇنداق بىر نەتىجىنى كۈتكەن بولساممۇ، بىراق ئىشنىڭ بۇنداق گۈزەل بىر ھالەتتە بىر تەرەپ بولىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدىم.
– مۇبارەك بولسۇن خانىم، – بۇ سوتچى ئەپەندىمنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەن سوتچى ئەپەندىمگە، ئاندىن ھېلىقى ساقچى خادىمىغا قارىغىنىمچە بىر دەقىقە تىڭىرقاپ قالدىم-دە، دەرھال ھوشۇمنى يېغىپ، ئالدى بىلەن سوتچى ئەپەندىمگە، ئاندىن ساقچى خادىمىگە رەخمەت ئەيىتتىم، ئاندىن ئوغلۇم روستەمجانغا قارىدىم-دە، ئۇيغۇر تىلىدا سورىدىم: -بالىۋاي، بۇ راستمۇ؟
بىرەرسى بىز بىلەن چاقچاق قىلىشمىغاندۇ؟
-راست بولمامتى ئەمىسە ئانىۋاي،بۇ چاقچاقلىشىدىغان جاي ئەمەس جۇما . – ئوغلۇم ماڭا چاقچاق تەلەپپۇزىدا جاۋاپ قايتۇردى.
– ئەمدى كەتسەك بولامدىغاندۇ؟ -سورىدىم مەن يەنە نىمىدىندۇر ئەندىشە قىلغاندەك.
– ئەلۋەتتە كىتىمىز- دە، ئەمدى بۇ يەردە ئىشىمىز تۈگىدى ئانا، ئۆيگە كىتىمىز ئەمدى.
سوت دۋاملىشىۋاتاتتى. مەن سوتخانىدىن چىقىۋاتقاندا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئوغلۇمغا سۆزلەپ بەرگەچ، يەنە بىر قىتىم ئەسلەپ ئۆتتۇم.
» ئانىلار بايرىمى» كۈنى ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق بولدى. بىز ۋېرجىنىيەدىكى بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە بايرام مۇناسىۋېتى بىلەن مېھمانغا چاقىرىلدۇق. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېغىر زۇكام بولۇپ، بىر ھەپتە ھەتتا خىزمەتكىمۇ بارالماي ئۆيدە ئارام ئالغان ئىدىم. دوسلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇشنىڭ خوشلىقىدا مىجەزىمنىڭ يوقلىقىغا قارىماي ئۆزەم ماشىنا ھەيدەپ، مېھرىبان يولدىشىمنى يېنىمغا ئولتۇرغۇزۇپ يولغا چىقتىم.ئادەتتە بۇ يوللار ماڭا خېلىلا تونۇش ئىدى، بىراق بىر ھەپتىدىن بىرىقى ئېغىر زۇكام مىنى خېلىلا ھالىمدىن كەتكۈزىۋەتكەن ئىدى. ئۆيدىن چىقىپ ۋاشىنگتون مەركىزى رايونىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ھە دىمەستىنلا دىققەتسىزلىكتىن يولدىن خاتا مېڭىپ، ئاز كەم يېرىم سائەت ۋاشىنگىتون مەركىزى رايونىنىڭ ئىچىدىن چىقالماي چۆگۈلەپ قالدىم. ناھايتى تەسلىكتە مەركىزى رايوندىن چىقىپ، ۋېرجىنىيەگە قاراپ ماڭىدىغان تىز سۇرەتلىك يولنى تېپىۋالدىم. بىراق داللاس ئايروپورتىغا ئاز قالغاندا يولدىن يەنە بىر قىتىم ئېزىپ قالدىم -دە، بۇ ئېزىپ قېلىش ماڭا ئېغىر كەلدىمىكىن، باشلىرىم بىردىنلا قېيىپ كەتتى. بۇ چاغدا مەن دەل قىزىل چىراقنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدىم. ئەسلىدە قىزىل چىراقنىڭ ئالدىدىكى مەن تۇرغان لېنىيە يۇقۇرى سۇرەتلىك يولغا ئېلىپ باراتتى. بىراق مەن توساتتىن ئۆزەمنىڭ تىز سۇرئەتلىك يولدا ماشىنىنى كونترول قىلالىشىمغا كۆزۇم يەتمەي قالدى- دە، ماشىنىنى خاتا ھالدا ئۇدۇلغا ھەيدەپ، ئالدىى تەرەپتىكى ئۆزەمچە «بىخەتەر» دەپ بىلگەن خالىغان بىر جايدا توختاتتىم.( كىيىن بىلدىمكى، بۇ ئاپتوۋۇز قاتنايدىغان يول بولۇپ، بۇ جايدا ماشىنا توختىتىشقا بولمايدىكەن) ماشىنىنى توختاتتىم- دە، دەرھال جىددى ئەھۋالدا ياندۇرىلىدىغان چىراقنى ياندۇردۇم. دەل شۇ چاغدا نەدىندۇر، سول تەرىپىمگە بىر ساقچى ماشىنىسى پەيدا بولدى. مەن ساقچىنىڭ يېنىمغا كېلىشىنى كۈتۈپ ماشىشنىنىڭ ئەينىگىنى چۈشۈردۇم. ساقچى كەلدى.
– خانىم، سىزدە بىرەر مەسىلە كورۈلمىگەندۇ؟ – دىدى ساقچى ماڭا ھەربىچە سالام بەرگەندىن كىيىن.
– شۇنداق ساقچى ئەپەندىم، مەندە مەسىلە كۆرۈلدى. بىر ھەپتىدىن بىرى ئاغرىپ ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان ئىدىم. بۇگۇن «ئانىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن بىر دوستۇمنى يوقلاپ كىتىۋاتقان. ئىككى قىتىم يولدىن ئېزىپ قالدىم، سەل جىددىلىشىپ قالغان ئوخشايمەن، بېشىم قېيىۋاتىدۇ. ماشىنىنى تىز سۇرئەتلىك يولدا كونتۇرۇل قىلىشىمغا كۆزۇم يەتمىدى. شۇڭا قاتناش قانۇنىدا ئۈگەنگەنلىرىم بويىچە ماشىنىنى بۇ يەردە توختۇتۇپ بىر دەم ئارام ئېلىۋالاي، دىگەنتىم ئەپەندىم. – مەن قەستەن قاتناش قانۇنىنى تىلغا ئالدىم. دىمىسىمۇ مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىغا قايتا – قايتىلاپ ئىككى قىتىم ئىمتاھان بىرىش جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ قاتناش قانۇنىنى سۇدەك يادلاپ چىققان ئىدىم.
– ھە مۇنداق دەڭ، ئۇنداقتا مەن سىزگە دوختۇر ماشىنىسى چاقىرىپ بىرەي.
– ھاجىتى يوق ئەپەندىم. بەلكىم بىردەم ئارام ئېلىۋالسام ياخشى بولۇپ قالارمەن.
– ئۇنداق دىمەڭ خانىم، سىز بىر ھەپتە زۇكام بولۇپ يېتىپسىز، بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئەسلىدە مېھمانغا ئەمەس، دوختۇرخانىغا بېرىشىڭىز كىرەك ئىدى.
ساقچى مىنىڭ «ياق»، دىگىنىم بىلەن كارى بولماستىن تىلڧۇن بىرىپ دوختۇر ماشىنىسى چاقىردى. بىر مىنۇتقا قالماي دوختۇرنىڭ 911 – نومۇرلۇق جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. ماشىنىدىن چىرايلىق ئاق سېرىق كەلگەن بىر ياش قىز بىلەن، يەنە بىر ئاق پىشماق، خامسېمىز بىر ئەركىشى چۇشتى. ئۇلار ماشىنامنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر تەرەپتىن مەندىن ئەھۋال سورىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مىنىڭ قان بېسىمىمنىڭ ۋە يۈرەك سېلىشىمنى تەكشۇردى، ئاندىن ئاغىزىمغا تېرمومىتىر سېلىپ بەدەن تىمپۇراتۇرۇمنى تەكشۈردى. بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى مەن ماشىنىدا ئولتۇرغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى..
– سىزنىڭ قان بېسىمىڭىز مىنىڭكىدىنمۇ ياخشىكەن، -دىدى سېمىز،ئاق پۇشماق كەلگەن ھېلىقى جىددى قۇرقۇزۇش خادىمى چاقچاق تەلەپپۇزۇدا. -ئەگەر سىز بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز، بىز سىزنى ھازىر دوختۇرخانىغا ئاپارساقمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن سىز قوشۇلىشىڭىز كىرەك خانىم.
– رەمەت سىلەرگە، -دىدىم مەن ئۇ كىشىنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا، – بىراق مەن بۇگۇن دوختۇرخانىغا بارالمايمەن. بەلكىم بىرسى كېلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ، مىنى بارىدىغان جايغا ئاپىرىپ قويسا، شۇلا كۇپايە قىلار.
– شۇنداق قىلىپ، دوختۇر ماشىنىسىدىكىلەر بىلەن ساقچى خادىمى ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرىۋالغاندىن كىيىن،دوختۇر ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلگەنلەر ماڭا سالامەتلىك تىلەپ كىتىپ قالدى. ئاندىن ساقچى خادىمى يېنىمغا كېلىپ، مىنىڭ ھازىر ماشىنا ھەيدىسەم بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرىتتى. مەن ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدۇم. ئاندىن ساقچىنىڭ ئالدىدىلا مەن مېھمانغا بارماقچى بولغان ئۆيگە تېلڧون قىلدىم. دوستۇم ئوغلىنى ئىۋەتىدىغان بولدى. دوستۇمنىڭ ئوغلى بۇ جاينىڭ ئادىرىسىنى سورىۋېدى، مەن ئۇنىڭغا توغرىسىنى دەپ بىرەلمىدىم – دە،ساقچىدىن ياردەم سوراپ، تېلڧوننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. دوستۇمنىڭ ئوغلىمۇ تىلڧوندا ساقچى ئەپەندىم بىلەن ناھايتى ئەدەپلىك سوزلەشتى ۋە مەن ھازىر ماشىنا توختاتقان ئورۇننى توغرىسى بىلەن بىلىۋالدى. ساقچى ئەپەندىم بىر كىشىنىڭ ماڭا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندىن كىيىنلا، ئاندىن مىنىڭ ئانىلار بايرىمىمنى تەبرىكلەپ، ماڭا خۇشاللىق تىلەپ كىتىپ قالدى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ماڭا بىر يۈرۈش قەغەزلەرگە قول قويدۇرغاندىن كىيىن، سېرىق رەڭلىك بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا بەردى. بۇ سوتنىڭ چاقىرىغى ئىدى. ئۇنىڭدا مەن بۇ ھىكايەمنىڭ دەسلىۋىدە بايان قىلىپ ئۆتكەن سوتقا چىقىش ئورنى ۋە ۋاختى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بار ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە ئەگەر سوتقا كېلىشنى خالىمىغانلار ئۇچۇن جەرىمانە تولەش ئالاقىلىشىش تېلڧون نومۇرىمۇ بار ئىدى.

– بۇ سوت چاقىرىغىمۇ ئەپەندىم، -دەپ سورىدىم مەن مەيۈسلەنگەن ھالدا ھېلىقى سېرىق رەڭلىك قەغەزنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
– – شۇنداق خانىم،-دىدى ھېلىقى ساقچى ئەدەپ بىلەن. ئەگەر سوتقا بېرىشنى خالىمىسىڭىز ماۋۇ تور ئارقىلىق ياكى ماۋۇ تېلڧون نومۇرى ئارقىلىق جەرىمانىسىنى تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ..
– بۇ مىنىڭ ئامېرىكىغان كەلگەندىن بىرى تۇنجى قىتىم ماشىنا ھەيدەپ سوتقا چاقىرتىلىشىم. – دىدىم مەن كۆڭلۇم يېرىم بولغان ھالدا.
– – مىنى كىچىرىڭ خانىم، -دىدى ھېلىقى ساقچى خۇددى خاتالىقنى مەن ئەمەس، ئۇ سادىر قىلىپ قويغاندەك خىجالەتچىلىك ئىچىدە.
ئۇ كۈنىدىكى ئانىلار بايرىمى تولىمۇ كۆڭۈللۇك ئۆتتى. كۆڭۈلدىكى دوسلارنىڭ ھەممىسى بۇيەرگە جەم بولغان ئىدى. كۆڭۈللۈك ئۇيغۇر مۇزىكا سادالىرى، دوستىمىزنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ، ۋەتەن تۇپرىقىغا بىرەر قىتىممۇ دەسسەپ باقمىغان قىزىنىڭ ۋەتەننى كۆيلەپ كىشىنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەككۇدەك مۇڭلۇق ئاۋازدا ئەيىتقان يېقىملىق ناخشا سادالىرى، ئاخىرىدا ھەممىمىزنىڭ ھاياجان ئىچىدە ئوتتۇرغا چۇشۇپ ساما ئۇسۇلى ئويناپ كىتىشلىرىمىز، ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ساھىپخاننىڭ قىزغىن مېھماندوسلىقى، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ بايىقى يول ئۇستىدە يۇز بەرگەن كۆڭۈل غەشلىگىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ كۆڭلۈمدىن نېرى قىلغان ئىدى.

سوتتىن چىقىۋېتىپ ئىختىيارسىز كۆڭلۇمدە بىر سۇئال تۇغۇلدى. ئەگەر بۇ ۋەقە ئامېرىكىدا ئەمەس، ۋەتەندە يۈز بەرگەن بولسا قانداق بولاتتى؟ بەلكىم مىنىڭ بۇ ھىكايەمنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان ھەر بىر كىشىنىڭ كاللىسىىدىمۇ شۇ تاپتا تەبىيى ھالدا يۇقارقى سۇئال تۇغۇلغان بولىشى مۇمكىن. توغرا، ئەگەر بۇ ئەھۋال ۋەتەندە، بىر ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇخراسى بىلەن ساقچى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولامتى؟ بولۇپمۇ ھازىر قاتناش ساقچىلىرىغىمۇ راست مىلتىق ۋە ئۆزلىرى «جىنايەت گۇماندارى» دەپ قارىغان ھەر قانداق كىشىگە ھېچقانداق سوتنىڭ ھۆكۇمىسىزلا ئوق چىقىرىش ھوقوقىي بىرىلگەن بۈگۈنكى كۇندە، ئەگەر مەن سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەر ۋەتەندە سادىر بولغان بولسا قانداق بولاتتى؟ مىنىڭ ھېكايەمغۇ تۈگىدى، بىراق يۇقۇردىكى مەسىلىلەر يوغان بىر سۇئال بەلگىسىنى پەيدا قىلىپ، يۈرىكىمنى خۇددى ئېغىر بىر تاشتەك بېسىپ تۇرماقتا ئىدى. گەرچە مىنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغىنىمغا ئالتە يىللار بولغان بولسىمۇ، ۋەتەندىكى چاغلاردا ئۇيغۇر بولغىنىم ئۇچۇن دۇچچار بولغان ئادالەتسىزلىكلەر،تەڭسىزلىكلەر ۋە خورلۇقلار ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمەيىتتى. شۇ ئازاپلىق ئەسلىمىلەر خۇددى بېسى گال ھەرىدەك يۈرىكىمنى توختىماي ھەرىدەپ، يارىلاندۇرۇپ تۇراتتى. شۇ ئازاپلار يەتمىگەندەك، مۇشۇ خىلدىكى ئازاپلاشلار مۇساپىرچىلىقتا ۋەتەنسىز بولۇپ ياشاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى مىللەتنىڭ» سەركەردىسى» دەپ ئاتىۋالغان ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىۋاستا ۋە ۋاستىلىق ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، بۇ مەنلا ئەمەس، مىللەت ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئەركىن سىدىق، ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەن)، ئەزىز ئەىيسا (ئەلكۈن)… قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىللەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئورتاق قىسمەتلەر ئىدى. مۇشۇ خىلدىكى خورلاش، پۈتۈن ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى ئىچىدە نامىنى سېسىتىشقا، زىيالىلىرىنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىشقا ئۈرۈنۇشتەك خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭمۇ قولىدىن بىۋاستا كەلمەيدىغان بۇ خىل ئازاپلىق قىسمەتلەر بۈگۈنكى كۈندە مىنىڭمۇ بېشىمغا كېلىۋاتقان بولۇپ، مەندىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش نىمە قىلارىمنى بىلىلمەي، گاڭگىراپ ، كۆزلىرىمنى چەكچەيىتكىنىمچە ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قېلىشتىن باشقا ئامالىم بولمىدى. چۇنكى ئەنە شۇ تۆھمەتخورلار، روھى زەيپانىلەر مىنىڭ ئۇيغۇرۇم بولغىنى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ئۇستىدىن سوتقا ئەرىز بەرگىلى بولمايىتتى. بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئادەم قېلىپىدىن چىقىپ كەتكىنى ئۇچۇن، ئۇلارنى كەچۇرگىلى تېخىمۇ بولمايىتتى. بۇ ئىنسانلارنىڭ رەزىللىگى ئۇلار ئۆزلىرى ئاغىزىدىن چۇشۇرمەي تىللاپ يۈرىدىغان خىتاي مۇستەبىتچىلىرىدىن زادىلا قېلىشمايىتتى. خىتاي مۇستەبىتچىلىرى ئادەمنى مىلتىق بىلەن، تاياق توقماقلار بىلەن ئۆلتۇرسە، بۇ «روھىي زەيپانىلەر» ئادەمنى توھمەتلىرى بىلەن، قولىدىكى سېسىقلىرى بىلەن، ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىغا سالغان تۈگىمەس زىددىيەتلىرى بىلەن، خەلقارالىق تېلېفونلاردا پۈتۈن دۇنياغا ھارماي تارقىتىدىغان پىتنە – پاساتلىرى بىلەن زىيالىلىرىمىزنىڭ زېھنىنى خورىتىپ، ۋەتەن مىللەتنىڭ خىزمىتىدىن ئۆزىنى يىراق قاچۇرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا ھەممەيلەننى بىر – بىرىدىن قورقىدىغان، بىر بىرىدىن گۇمانلىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بۇرۇختۇملۇقتا ئۇلارنىڭ روھىنى ۋە تەن سالامەتلىگىنى نابۇت قىلماقتا ئىدى. بۇگۇنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەشۇ نادان «سەركەردىلىرى» تەرىپىدىن ئۆز زىياليلىرىدىن ئىبارەت يول باشچىلىرىدىن ئايرىلغان، نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان، نەگە قاراپ كىتىۋاتقىنىنى ئاڭقىرالمايدىغان بىر توپ ھەقىقىي پادىچىسى بولمىغان قويلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلماقتا ئىدى. پادىچىسى بولمىغان بۇ قويلارنىڭ بارار جايى پەقەت قاسساپخانىلا بولماقتا، خالاس. بىراق تارىخ ھەر بىر ئىنساننىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىكەن.» ئەلقىساسىي مىنەلھەق»، دىگەن سۆزگە ئىشەنمەي ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەسكەن.

(تۈگىدى)

2016-يىلى 6-ئاي. ۋاشىنگتون .ئامېرىكا

جاۋاب يېزىش