ئەركىن سىدىق
بۇ ماقالە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھارپىسىدا يېزىلدى.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئېغىر دەپسەندىلىكلىرى ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ھەتتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ تەسىرلەر كۆپ ھاللاردا پىسخولوگىيە ياكى روھىي جەھەتتە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەگەر بىز داۋاملىق چۈشكۈنلىشىپ، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىش يولىدا ھېچ ئىش قىلماي ياشىساق، پەقەت ئۆلۈمىنىلا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەردىن ھېچبىر پەرقىمىز قالمايدۇ بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىمىزغا، ئۈمىد بىلەن ياشىشىمىزغا تولۇق ئاساسىمىز ۋە ھەقىمىز بار. شۇڭلاشقا مەن پۇرسەت تاپقاندا ئۈمىدۋار بولۇشىمىزنىڭ ئاساسلىرى ۋە توغرا ياشاش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى كۆپچۈلۈك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۆردۇم. مەزكۇر يازمامنى شۇنداق بىر مەقسەتتە يازدىم.
بىر مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى، زېمىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى، يەنى ئۇنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى داۋاملىق تۈردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ئۇ پەقەت ئۆتمۈشتە ۋە ھازىردىلا ياشاپ، كەلگۈسىدە ياشىيالمايدىغان بىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ. ئىزچىل تۈردە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدىغان بىر مىللەتنىڭ پىسخولوگىيەلىك ھالىتى ئۇنىڭ ئۆتمۈشكە تەۋە بارلىق ئەسلىمىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەلىكلىرى بىلەن تويۇنۇش، بۈگۈنى ئۆزىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ياكى ھايات قېلىش ئۈچۈن بەرداشلىق بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشى، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بولسا سىستېمىلىق ھالدا ئىنكار قىلىنىشى مۇمكىن.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ۋە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2009-يىلىدىن باشلاپ «ئۆتمۈشنىڭ ۋە ھازىرنىڭ مىللىتى» بولۇش دەۋرىگە قەدەم قويدماقتا. 2014-يىلى باشلانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر-تۈرمىلەرگە سولىنىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە تارقاق شەكىلدە كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈلۈشى بىزنىڭ يۇقىرىقىدەك ھالىتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇلار بىلەن تېلېفوندا ياكى ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈش مۇمكىن بولمىدى، ياكى ئۇنداق قىلىش خەتەرلىك بولۇپ قالدى. خىتايغا باش ئەگمەي ياشاۋاتقان، خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ ياشاۋاتقان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ تۇققان يوقلاش ئىشىكى پۈتۈنلەي تاقالدى. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەندىكىئۇرۇق- تۇققان قېرىنداشلىرى بىلەن داستىخاندا بىللە بولۇش، توينى بىللە ئۆتكۈزۈش، بالىلىرىنى بىللە بېقىپ چوڭ قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى. ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى دەۋرنىڭ ھايات كۆرۈنۈشلىرى نامايان بولۇۋاتىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، 2014-يىلىدىن بۇرۇنقى بالىلىق ۋاقتىمىزدىن باشلاپ توپلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇللار، ئۇيغۇرچە تاماقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ئەسلىمىلەر؛ يەنە بىرى بولسا، چەت ئەلدىكى پاناھلىق تىلەش سۆھبەتلىرى، يېڭى دۆلەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ۋە جان بېقىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلار ۋە ھەر كۈنلۈك قايغۇ-ھەسرەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي ھالەتلەر. ئەمما كەلگۈسىگە تەۋە كۆرۈنۈشلەر، مەسىلەن، بالىلارنى ئانا تىلدا تەربىيەلەپ چوڭ قىلىش، چوڭلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاش ۋە يۇرت مەنزىرىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشتەك كۆڭۈللۈك مەنزىرىلىرى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدىن پۈتۈنلەي غايىب بولدى.
مەن يېقىندا بىر دوستۇمغا: «مەن ھازىر YouTube تىكى ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا ئەگىشىپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتماقچى بولسام كۆزۈمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپ، ئاۋازىم بوغۇلۇپ قالىدۇ» دېسەم، ئۇ دوستۇم: «مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم» دېدى. مەن YouTube قا چىقارغان «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە» ناملىق ئۆزۈمنىڭ نەق مەيدان ۋىدىيوسىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇپتۇ. ھازىر يۇرتىمىز ھەققىدىكى بەزى ۋىدىيولار ۋە رەسىملەرمۇ بىزدە تۇيۇقسىزلا كونترول قىلالمىغۇسىز دەرىجىدىكى قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئازابنى پەيدا قىلىدۇ. كۆزىمىزدىن تۆكۈلگەن ياشلار يالغۇز بىز ھازىرغىچە يوقىتىپ قويغان نەرسىلەر سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ يەنە بىزنىڭ مىڭ يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيىتىمىز ۋە ياشاپ كۆنگەن ئۆرۈپ ئادىتىمىز شۇنداقلا مەھەللىلىرىمىزنى كەلگۈسىگە ئۇلايدىغان ئامىللارنىڭ يوقلۇقىدىندۇر. ئۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق ۋە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى غەۋغالار ۋە باشقا ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان دۇنياۋى كىرىزىسلارمۇ بىزنىڭ زېھنىمىزنى تېخىمۇ بەكرەك ئۇپرىتىۋاتىدۇ. ئۈمىدلەر كەينى-كەينىدىن غازاڭغا ئايلانغاندا ۋە سىرتقى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر پاجىئەسىنى يىراق كەلگۈسىدە قاراپ چىقىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ تەسەۋۋۇرى قورۇلۇپ كىچىكلىمەكتە. ئادەملىرىمىز داۋاملىق ياشايدۇ، خىزمەت قىلىدۇ ۋە بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت قاتتىق پېچەتلەنگەن ئۆتمۈشنىڭ ۋە چىقىش يولى قالمىغان ھازىرقى زاماننىڭ گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ياشايدۇ.
ئەمما بىزنىڭ قايتىدىن «كەلگۈسىنىڭ مىللىتى» بولۇش ئۈمىدىمىز ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. ئۇ سالاھىيەتنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىدا دەرھال چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ چەت ئەلدىكىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىش ئەمەس. ئەمما «كەلگۈسىنىڭ مىللىتى» دېگەن سالاھىيەتنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ھازىر زور ئەھمىيەتكە ئىگە، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە ئاشۇنداق ئىشلاردىن تۆۋەندىكى بىر قانچىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرغا ئائىت بىلىم-ئۇچۇرلارغا يوقاپ كەتكەن مۇزېي بۇيۇملىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلماي، ئۇلارغا ھايات ماتېرىياللار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى، تارىخنى سۆزلەش يىغىلىشلىرى ۋە رەقەملىك ئارخىپلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش؛ ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى دائىملىق ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە جورا تېپىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇش.
ئىككىنچى، شەخسىي جاراھەتلەر ساقايسىلا يوقاپ كېتىدىغان تەشكىلاتلار ئەمەس، بەلكى مەكتەپ، تەتقىقات مەركىزى ۋە كەسپىي جەمئىيەتكە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئىنستىتۇتلارنى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە مىللىي ساداقەتنى يېتىلدۈرۈش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
ئۈچىنچى، خىتاي ھاكىمىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە ۋەتەندىكى تۇغقانلىرى بىلەن قايتا جەم بولۇش تەلىپىنى ساھىبخان دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش سىياسىي ۋە قانۇنىي ئىشلارنى ئېلىپ بېرىش. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنى سىرتتىكىلەرگە ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلاتمىساق، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشتىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
تۆتىنچى، پىسخىيكا ياكى روھىي ساغلاملىق ۋە ئاممىۋى مۇراسىم-يىغىلىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلەرنىڭ دەردىنى تۆكىدىغان يەر بولماسلىقتىن پالەچ ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ ساھەدە ئامېرىكىدىكى «روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى» (Mental Wellness Initiative) ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە بىر قىسىم قىممەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.
بەشىنچى، ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇم بىلەن ئوخشاش زۇلۇملارغا ئۇچراپ، ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغان باشقا خەلق ۋە قوۋم بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ۋە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېتىبارسىز قارىلىدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.
بىزنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار يۇقىرىدىكى بەش ساھەدە ئىش ئېلىپ بېرىشنى ئاللىقاچان باشلاپ بولدى. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئۇلارنى داۋاملاشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىشتۇر.
ھازىر ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ۋە ئوخشاش خاراكتېردىكى زۇلۇمنى تارتىۋاتقان ياكى تارتىپ باققان باشقا بىر مىللەت تېپىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇرۇن مۇستەملىكە قىلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ كېيىن ئەركىنلىككە چىققان، بۇرۇن «ئىستىقبالى يوق مىللەت» بولۇپ قېلىپ كېيىن «كەلگۈسىنىڭ مىللىتى» بولالىغان باشقا مىللەتلەر مېڭىپ باققان يوللار ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوچۇق. ئۇلار پايدىلانغان پىسخولوگىيەلىك ۋە سىياسىي تاللاشلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تىلنى، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ئەسلىمىلىرىنى ۋە ئومۇمىي خەلق ئادالەت ئىستىكىنى ساقلاپ قېلىشنى «كەلگۈسىنىڭ مىللىتى» بولۇشنىڭ دەسلەپكى كۈرەش نىشانى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بىز بۇ نىشانلارغا ھازىرچە يېتەلمىدۇق، بىراق مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز پەكەت تىرىشساقلا بۇ نىشانغا چوقۇم يېتەلەيمىز.
رەسىم: مەن 2006-يىلى ئارىلىقتىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇرتقا تۇنجى قېتىم بارغاندا دادامنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى توپراق بېشىدا تارتىلغان. دادام 1998-يىلى 11-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ قەۋرىستانلىق ھازىر بارمۇ-يوق، بىلمەيمەن.
2026-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
