ۋەتەن ئىشقىدا

زۇلفىيە مۇھەممەد

ياقا يۇرتنىڭ بۇرجەكلىرىدىن،
غەيرى پۇراق نۇسرەتلىرىدىن،
ئاچچىق پىغان كۈلپەتلىرىدىن،
مىسكىن كۈيلەر رۇجەكلىرىدىن،
دۆلەت بولغان كۈننى ئەسلەيمىز،
قوچاقلىشىپ يۈرەك بەزلەيمىز.

قاراپ قويۇپ يەرنىڭ تېگىدىن،
ھەرخىل رەڭلىك توپلار ئىچىدىن،
ئېچىنىشقان كۆزلەر يېنىدىن،
ئامالسىزلىق باسقان تۇيغۇدىن،
يورۇق ئاسمان، ئارمان چۈشىدىن،
مۇستەقىللىق كۈننى ئەسلەيمىز،
قول سىقىشىپ يۈرەك بەزلەيمىز.

ئىزىن بېسىپ سارغايغان ياپراق،
خىيال قىلىپ چۆلدىكى قامغاق،
بولالمىدۇق يات ئەلگە ئامراق،
كۆزگە سۈرۈپ گۈللىرىن يانتاق…
لازىم ئەمەس بىزگە نام _ ئاتاق…
ئۆز پۇراقتا قوشساقلا قوشاق.
مۇستەقىللىق كۈننى ئەسلەيمىز،
سېغىنىشتىن كۆزنى نەملەيمىز.

جاۋاب يېزىش