ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل

گۇلنۇر

( بۇ يىل رىزۋانگۈل تۇغۇلغانلىقىغا 100 يىل بولدى  )

رىزۋانگۈل
ئۇ ئاران ئون توققۇز ياش،
ئەمدىلا ئۇپۇقتىن بالقىغان قۇياش،
ئارزۇسى پەقەتلا
ھۆر – ئازات ۋەتەن،
جاسارىتى ئالەمگە تۇتاش.

رىزۋانگۈل
ئوتتۇز قىزغا باش بولۇپ،
ھەرەمباغدا بىر بولوپ،
جىنڭىنى قولوڭغا قويوپ
نازۇك قولوڭدا مىلتىق تۇتۇپ،
ۋىژىلداپ ياغقان ئوقلار ئارىسىدا،
زالىم دۈشمەنگە باش ئەگمەي،
يارىدار يىگىتلەرنى تاشلاپ كەتمەي،
ئۈچ يىگىتنى قۇتقۇزۇپ
تۆتىنچىدە
ۋەتەن! دىدىڭ يەرگە يېقىلدىڭ…
چاقماق چاقتى،
تاغلار قاچتى،
زېمىن تىترىدى،
ئاسمان قاتتى…
ۋەتەن !دەپ يەرگە ياققان ئىسسىق يۈرەكتىن،
يەر يېرىلىپ
ۋولقان تاشتى،
ۋەتەن! دەپ چاچراپ چىققان ئىسسىق قانلاردىن،
قۇياش ئېرىپ
مۆلدۈر تۆكتى.
ئانىنىڭ باغرى سەلدەك ئېقىپ كەتتى،
دادىنىڭ سەبىر كۆلى تېشىپ كەتتى
يۈز يىل بۇرۇن تۇغۇلغان  باتۇر  رىزۋانگۈل
ئۆچمەس يۇلتۇز بولوپ
دۈشمەنىڭ ئوقىدا كۆچۈپ كەتتى…

ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل! نىمە دىدى؟
-ۋەتەن دىگەن مەن! دىدى،
-ۋەتەن دىگەن جان! دىدى
-ۋەتەن دىگەن قان! دىدى
-ۋەتەن دىگەن ئەر! دىدى…
ۋەتەن- ئىمان بىر! دىدى،
ۋەتەنسىز ئەل خار !دىدى…
ئەرلەر مىلتىق تۇتسا، مەنمۇ تۇتالايمەن،
ئەرلەر ۋەتەن دىسە، مەنمۇ دىيەلەيمەن،
ئەرلەر ئۇرۇش قىلسا،
مەنمۇ قىلالايمەن،
ئەرلەر شىھىت بولسا مەنمۇ بولالايمەن…
بۇ ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ قىنى بىلەن،
بۇ ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ جىنى بىلەن،
بۇ ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ نېنى بىلەن،
بۇ ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ تېنى بىلەن…
ۋەتەن بولالايدۇ
ئازات بولالايدۇ.

ۋەتەنسىز ئەل، ئەل ئەمەس!
ۋەتەنسىز ئەر، ئەر ئەمەس!
ۋەتەنسىز  جان ، جان ئەمەس!
ۋەتەنسىز يار، يار ئەمەس!
ۋەتەنسىز كۈن ، كۈن ئەمەس!
ۋەتەنسىز بىز، بىز ئەمەس!

رىزۋانگۈل كەلمەسكە كەتتى،
تارىختا ئىسمى يادلىنىپ
لىكىن،
سىزگە ھەم  بىزگە
بۇ ۋەتەننىڭ ھۆرلىكىنى
ئامانەت قىلىپ

ئۇنۇتمىدۇق، ۋەتىنم دەپ جان بەرگەنلەرنى
ئۇنۇتمىدۇق ،ۋەتىنىم دەپ قان بەرگەنلەرنى
تارىخ ئادىل يېزىپ قويار ھەقىقەت بىلەن،
مىلتىق تۇتۇپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغانلارنى…

بۈگۈن،
رىزۋانگۈلنىڭ ئۆچمەس نامى يادلىنىدۇ
مەن ئۇيغۇر، دىگەنلىكى يۈرەكلەردە،
دۈشمەنگە جىنىمنى تېكىپ قويدۇم
بالامنى ۋەتەنگە ئاتاپ قويدۇم،
سەن ئازات كۈنلىرىنى كۆرەلمىدىڭ،
نەۋرەمگە رىزۋانگۈل دەپ ئىسىم قويدۇم…
مومايلارنىڭ
ئانىلارنىڭ
نەۋرىلىرىگە
ئېيتىپ بىرىدىغان چۆچەكلەردە…

رىزۋانگۈل +بىز  سىنى   ئۇنۇتمايمىز.
سەن ماڭغان نۇرلۇق يولدىن  بىز ئازمايمىىز!
ۋەتەنگە ئاتاپ  قويدۇق جىنىمىزنى،
بۇ يولدا ئارقىمىزغا قايتمايمىز!

ۋەتەن دەپ مىڭلاپ  شىھىت  قىنى ئاقتى،
ۋەتەن دەپ، گۈل-غۇنچىلار توزوپ كەتتى…
تۇپراقتىن قەلبلەرگە كۆچۈپ كەتتى،
رىزۋانگۈل! ئۈمۈدۈڭنى بىز ئاقلايمىز!

2026.9.12
ساكارىيا قاراسۇ

جاۋاب يېزىش