ئايگۈل «تامچە»
بېشىڭدا مىڭ كۈلپەت، قوينىڭدا مەن يوق،
قىر ئارىلاپ يۈرىيمەن، روھىمدا جان يوق.
ئەگىشەر بىر سايە، قىيامەتتىن قورق،
سېغىندىم دېيىشكە ئۇيالدىم سېنى.
سېغىندىم دېيىشكە ئۇيالدىم سېنى،
سەن ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ چىققان جەڭ قېنى؟!
ئەجەپمۇ شېرىنكەن مۇساپىر جېنى،
ئەگىشەر بىر سايە، قىيامەتتىن قورق.
ئەگىشەر بىر سايە، قىيامەتتىن قورق،
نامەردلەر يۈرۈشەر ئەجەپ قورساق توق.
بۇ دۇنيا بەرگەنمۇ خىيانەتتىن زوق،
ئەجەپمۇ شېرىنكەن مۇساپىر جېنى.
بۇ دۇنيا بەرگەنمۇ خىيانەتتىن زوق،
ۋەياكى يارالمىش روھى قۇپقۇرۇق.
ئاتلىرى ئەمەستى ئۇنچىلا ئورۇق،
ئەجەپمۇ شېرىنكەن مۇساپىر جېنى.
