بۇلاق بېشى( سانشىخاڭزا )

زۇلفىيە مۇھەممەد

بۇلاق بېشى،
ئۇيغۇر كۆڭلىنىڭ تېشى…
قاراڭغۇلۇقتا قالغان ،
بۇلاق ھاسىل قىلغان،
تۈگىمەس يېشى.

بۇلاق بېشىدا نىمە بار؟
ھايات بار.
ئاشتاختىدا يايغان نارىن،
رەڭدار كەتكەن رەستىلەر،
بۇلاق شەكىلدە گىردىلەر…
خىنە _ ئوسما، تەنزىلەر…
كۈنلىگىنى تاپسا خۇشال بوپ،
جانلىق يۈرگەن ئەركەكلەر….

بۇلاق بېشىدا نىمە بار؟
جاندىن ئەزىز يۈرەك ،
بىر پىلەكتىكى خەمەك..
باراقسان گۈلى بىلەن تەشتەك…
كۆڭۈل تارتىدىغان ئەرمەك…
نىسىپ بولار بۇ يەردە كۈلمەك…

بۇلاق بېشى…
ئۇيغۇر تەخت بۈشۈگى..
ئۆزىمىزنى تاپىمىز…
قەلبىمىزنى ئاچىمىز .
ئاچچىق كۈلكە ئۇنتۇلار بىر دەم،
قۇچاقلىساق بۇلاق بېشى،
ئۇيغۇر مىھىرلىك تېشى…
بۇلاققا سىما بولغان،
ئاققان يېشى…شاھىتتۇر قېشى.

جاۋاب يېزىش