زۇلفىيە مۇھەممەد
قېرى سۆگەت ئاستىدا,
قەدىم كارۋاتقا يۈكلەنگەن بوۋاي.
ئىزلەپ يۈرەر،
پۇراپ ئۆتەر…
ئۆتمۈش سايىسى.
سۆيگۈ ھاۋاسى…
ئېيتىشىدۇ ئۆز _ئارا،
مۇھەببەت روماندىن پارچە،
كۆڭۈللىرىگە بېرىشىپ تامچە…
سىيلاپ قويار قوۋزاقلىرىنى..
بىر چاغ ئىدىڭ ياپيېشىل ياپراق،
ئۆتكۈزگەندۇق يىللاردىن قانچە….
قېرى سۆگەت سايىسى،
ھوزۇر بېرەر بوۋايغا،
خىياللىرى چىرمىشىپ كېتەر،
ئاشىق تىۋىشى، سۆيگۈ سۆگىتى..
سايە ھوزۇرى، ئۆتمۈش باھارى…
خۇش چاقچاقلار، كۆڭۈل ناھارى…
مىسكىن كۈيلەر، ھىجران ئەنقارى.
قېرى سۆگەت ئاستىدا بوۋاي،
كۆزلىرىنى يۇمۇپ،
ئۆتمۈشىگە يېنىپ،
ۋىسال تۇيغۇسىغا يەنە بىر چۈمۈپ،
غىڭشىپ ئېيتار مۇھەببەت كۈيى.
يۈرەككە قويغاندەك زەم _ زەم سۈيى.
دەرەخ قوۋزىقى غىسىلداپ،
ئىگىلىگەن شاخلىرى شىۋىرلاپ..
خەۋەر بېرەر بوۋايغا…
«كۈي ئىگىسى كەلدى شىپىلداپ.»…
