ئۇيغۇر ۋىجدانىنىڭ بىر يۇلتۇزى ئۆچتى

دىلدار ئەزىز

مەن ئۇستازنى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەكلا ئويلاپتىكەنمەن. ئۇنىڭ دائىم خۇشخۇي، كۈلۈپلا تۇرىدىغان رەڭگەر كۆزلىرى، تۇگىمەس يومۇرلۇق  چاقچاقلىرى، مېھماندوستلىقى ۋە مۇڭداشقاقلىقى مىنىڭ قەلبىمدە ئۆچمەس تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، ئەگەر مەن قەشقەرغە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىسەم، بىرگە ئولتۇرۇپ قەشقەرنىڭ خەلق باغچىسى يېنىدىكى لەغمەنخانىدا  چارەك لەغمەندىن كىيىن مۇڭداشقاچ بىر چەينەك چاينى بىرگە ئولتۇرۇپ ئىچمىسەم، قەشقەرغە بارغاندەك بولمايىتتىم. دىمەك بىزنىڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۇشكەن ۋاختىمىز 2011- يىلنىڭ ماي ئايلىرى بولۇپ، ئاغرىق تۇرۇپ يەنىلا مەن ۋە يولدۇشۇمنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن باشقا يېقىنلىرىمىز بىلەن بىزنى تۇران رېستۇرانىدا مېھمان قىلغان ئىدى. مەن بۇ ئاق كۆڭۈل، غورۇرلۇق، بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئۇستازنىڭ بۇنداق تىز ئالەمدىن ئۆتۈشىنى زادىلا ئويلىمىغان بولۇپ،  ئۇستاز تاھىر تالىپ مىنىڭ كەلگۈسىدە ۋەتەنگە بارغاندا چوقۇم يوقلايدىغان كىشىلىرىمنىڭ تىزىملىگىنىڭ تۆرىگە يېزىلغان ئىدى.  شۇ سەۋەپتىن ئۇستاز تاھىر تالىپنىڭ ۋاپاتى ماڭا خۇددى بىرسى مىنى بوشلۇقتا ئۇزۇن چۆگۈلۈتۈپ قويىۋەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.

ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ خەۋىرىدىن بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان ۋاختىمدا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. ئاۋازىم ئۆچۈپ، بوغۇزۇمغا يېغا تىقىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان ئىدى:

«ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان تۆھپىكار ئەدىب، ئۇستاز تاھىر تالىپ 2026-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئۇيغۇر پوچتىسى مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېجتىمائى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالغان ئ‍ۇچۇرلارغا ئاساسەن جەزىملەشتۈردى.

ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، تەتقىقاتچى تاھىر تالىپ 1946 – يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانياردىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان. 1963 – يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ۋە ناھىيەلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1978-يىلى «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يېزىغا چۈشكەن كادىرغا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە «چۈنكى، مەن ئادەم»، «ئادەمنىڭ <سۈنئىي ھەمراھى>» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە «لارسىننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «پەرھاد – شېرىن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «دىيانەت»، «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق رومانلارنى، «قاچقۇن ما جۇڭيىڭ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ «چۈنكى مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «خەير، ياشلىقىم» (1989 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «مەن-ئادەم» (2014 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئەتىكى قۇياش» (2016-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق ئۈچ پارچە شىئىرلار توپلىمى بار. شۇنداقلا، بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. «ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ماھىيىتى» (ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى) ۋە «زادى كىملەر زىيالىي» (چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر) قاتارلىق ئىككى پارچە كىتابى پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.»

يۇقۇرقى ئۇچۇرلاردىن باشقا مەن يەنە ئۇستاز تاھىر تالىپنىڭ 2014- يىللاردىن كىيىن خىتاينىڭ جازالاگىرىغا باشقا بارلىق زىيالىلارغا ئوخشاش بىر مەزگىل سولانغانلىقىنى، ئۇستازنىڭ سالامەتلىگى ياخشى بولمىغاچقان، ئۆيىدە نەزەر بەنتكە ئېلىنغانلىغىدىن  خەۋەر تاپقان ئىدىم. مەن ئادەمخۇمار ئۇستازنىڭ ئۆيىدە نەزەربەنتكە ئېلىنىش جەريانىدا قانچىلىك ئازاپ تارتقانلىغىنى، ئىچىنىڭ قانچىلىك سىقىلغانلىقىنى  تەسەۋۇر قىلمىغىم تەس ئەمەس ئىدى. ئۇستازنىڭ دۇشمەنگە ھەرقاچان مىختەك سانچىلالايدىغان، دوستنىڭ كۆڭلىنى ھەرقاچان ئىللىتالايدىغان خاراكتىرى مىنى دائىم تەسىرلەندۈرۈپ تۇراتتى. گەرچە بىز ئۇستازدىن ئايرىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ روھى بىزگە ھەر دائىم قەيسەرلىكنى، غورۇرلۇق ياشاشنىڭ نەقەدەر موھىم ئىكەنلىگىنى  ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. بىز جانابىي ئاللاھدىن مەرھۇم تاھىر تالىپ ئۇستازغا جەننەت ساۋابىنى تىلەيمىز. پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلە تەۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمىز.

2026-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىنىڭ مەرىلاند شىتاتىدا يېزىلدى

 

جاۋاب يېزىش

جاۋاب يېزىش