ھېيتلىق

زۇلفىيە مۇھەممەد

يالاڭئاياغ بىر نەچچە نەۋرە،
قىززىق پاراڭ كۈلكىلەر بىلەن،
توپا يولىدا ئىزىن قالدۇرۇپ..
كېلىشمەكتە ھېيتلىق ئۈچۈن…

ساقلىماقتا بوۋا _ مومىسى…
تەييارلىشىپ ھېيتلىق سوۋغىسى..
قايناق ئىدى كەڭ  _كەڭرى ھويلا،
يىغىلىشقان ھەممە تۇققانلار…
تۆكۈلىدۇ بال _ شىكەر تىلدىن،
جاراڭلايتى ھېيتلىق سالاملار.
بېر _ بىرىگە ھېيتلىق بېرىشەر،
ئاكا_  سىڭىلغا،تاغا  _ جىيەنگە…
دادا  _ بالىغا…بوۋا  _ نەۋرىگە…
قايچىلىشىپ كەتكەن مۇھەببەت،
ئەجدادلاردىن قالغان سەلتەنەت.
يەيدىغىنى بىر تاۋاقلا ئاش…
كۆڭۈل ئىدى  ئالغاندەك بىر تاغ،
موما ئۆيى  گوياكى بىر باغ…
ھەممەيلەننىڭ كەيفى ئىدى چاغ..
سوۋغاتلىرىڭ چەكسىز ھېيتلىق.

ئېچىۋىتىلگەن بارچە ئىشىكلەر،
ھېيتلىشىش بىزگە ئەنئەنە….
داستىرخانلار كۈلۈپ قاربشار،
ئانا  مۇلايىم، مىھمان ساقلىشار.

قەلبلەر تولغان شادلىق كۈيىگە،
مىھىر _ مۇھەببەت، بايرام تۈسىگە….
يۈرەككە شىفا بەرگەن ھېيتلىق…
چۇقىرىشىپ كېرەر بالىلار،
مىھمان كەلدى، پەتىچى كەلدى…
بىر مەھەللە جامائەت كەلدى..
قولىغا سۇ بەر…لۆڭگىنى تاشلا….
پەگا بوپ قالدى، تۆرگە باشلا….
ئاۋال سۇيۇقنى…ئاندىن قويۇقنى…
ساھىپخانلار پالاقشىپ يۈرەر،
پۇت _قولىغا يېتىشمەي كېتەر.
مىھمان   ئىدى شۇنچە قىممەتلىك،
ئۆيىلىرىمىز شۇڭا  بەرىكەتلىك.
سېخى ھايات بەرگەن ھېيتلىق..
بالىلىق ،تەلەپ قىلار ھېيتلىق،
ئۇماق كۈلۈشى بىلەن،
سەبى خۇلقى بىلەن…
ھاياتقا زىناق قاتار…
قەلبى مۇھەببەتتىن يانار…
ئازغىنە پۈل ئەمەس ئالغىنى…
ئىززەتلەنمەك ئىدى ئارمىنى.
خۇش كەيپىيات،مەھەللە ئاۋات….
ئائىلىلەر جەم،بەھىرلەنگەن تەم…
يۈرەكلەرنى شاد  قىلغان ھېيتلىق.

پاراڭلىشىپ بىر نەچچە نەۋرە،
ھېيتلىقىنى سانىشىپ..
پىچىرلىشىپ كۈلۈشۈپ….
ئاستاغىنە چىقىشتى ئۆيدىن،

كىچىك دۇككان ئىدى نىشانى..
ھېيتلىق خەجلەپ چىقار پىغانى.
بەكلا ئاددىي بالا ئارمىنى…
بەخت ئاتا قىلغان ھېيتلىق…..

جاۋاب يېزىش