بېرىپ كېلەي يېزامغا

زۇلفىيە مۇھەممەد

بېرىپ كېلەي دەيمەن يېزامغا،
سۆزلىرىم كۆپ جېنىم دادامغا
ئېيتقىن سالام سەپەردىكى قۇش،
خوشنا _ خۇلۇم، ھويلا _ئارامغا.
مېنىڭ يېزام كىچىك بىر يېزا،
ئەسكى تاملىق ئۆي،
تار بىر ئۆستەڭ،
قاغجىرىغان كۆل،
ئۈژمىلىك كوچا،
بىدىلىك ئېتىز…
قاپاق تېرەكلەر..    بايلىغى شۇلا.

مىسكىن كۆڭۈل، ئىسسىق چىرايلار،
بۇ يېزىغا دائىملىق بىر يار.
سوراپ كىرسەڭ بىر پىيالە سۇ،
غېرىپ كۆڭلىنى قىلماس ھەرگىز تار.

غازاڭ باسقان تەمكىن مەھەلە،
بىرلىرى ئىدى ساتىراش، تامچى،
بەزى بىرلىرى ياغچى ۋە قويچى.
بىرلىرى مۇخبىر، بىرى بۇغالتىر،
بىرلىرى ناۋاي، بىرى مۇئەللىم،
ھېچكىم سۆزلىمەس » مەندۇر پالانچى «.

سالاپەت ۋە سۆلەت يار ئىدى ھەرۋاخ،
قىزىق پاراڭ، نەغمە _ ناۋا ھەم،
بىلىندۈرمەي ئاچچىق ھاياتنى،
ئۆتكۈزەتتى ئىللىق شەكىلدە،
دىمەستىن
مۈشۈكنى پەش، توخۇنى تاخ_ تاخ.

ئايان بولار بەزەن چۈشۈمدە،
باراڭ ئاستى، شادىلىق باغلار،
گىلەم سالغان قەدىمىي كارۋات.
شۇنچە مىسكىن ئۈزۇملۇك ھويلا…
سېغىنىپ قالىمەن بەزەن،
ئانام ئەتكەن قوي مايلىق ھالۋا.

بېرىپ كېلەي دەيمەن يېزامغا،
تېرىۋېلىپ كۈزدىكى ياپراق،
ئۇزۇن تانا ياساپ ئوينىغان،
مەكتەپ تۈگەپ قايتقان بالىدەك…

بىراق،
بۇسۇغا داۋان _ چەكسىز سېغىنىش،
بىر _بىرىنى ئىيما قىلىشار  .
بىر يول قويساڭ ئۆتۈۋالسام،
مىسكىن يېزامنى كۆرۇۋالسام،
ئۆستەڭ سۈيىدىن ئىچىۋالسام،
ئانام بېشىغا گۈلۈمنى قويسام…

جاۋاب يېزىش