سىز….

راھىلە كامال

مەن بۇ شىئېرىمنى ھۆرلۈك جەڭچىسى، ئاتاغلىق كومپوزىتور، ۋەتەن كۆيچىسى- مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىم ۋاياتىنىڭ 20 يىللىقىدا ( 1959–2006) مەرھۇمغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

ناخشىلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئاڭلايتتۇق،
ئاڭلاپ يەنە قانمايتتۇق.
سىز
سۇمبۇل چېچىمنى كەستۈرمىگەن،
دادامنىڭ يېرىنى ساتقۇزمىغان،
سەنەم ماڭغان،غېرىب يانغان
پارىزدا يوق، ئىستانبۇلدىمۇ يوق،
رەيھان پۇرايدىغان تار كوچىنى چاقتۇرمىغان.
سىز
كۆزىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ
ئاتا ئانىمىزنى ئايرىمىغان،
بىز سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىز.
كۈيىڭىزدە يىغلاتتى كۆزلەر
ھاياجاندا يۈزلەر
ئەمما سۈكۈتتە سۆزلەر.

سىزنى كەتتى ،دىدى
ئۆزگە بىر جەننەتكە يەتتى دىدى.
لېكىن بىلمىدۇقكى،
ھىجراندا قىلدەك تولغانغىنىڭىزنى
سىز چەككەن رىيازەت، خۇسۇمەتلەرنى
ئويغان دەپ سايرىغان دۇتتارىڭىزنى
يۇلتۇزسىز ، ئايسىز سوغۇق تۈنلەرنى
گەر بولسىدى دۇتتىرىڭىزنىڭ تىلى
سىز ئۈچۈن قان يىغلاپ
سۇنارىدى قىپقىزىل ئەتىر گۈللەرنى.

سىز
ئاشىق ئىدىڭىز تاڭغا، ساباغا،
سىز
مەشۇق ئىدىڭىز نۇرغا، ساباھقا،
ئىزلىدىڭىز  زەيتۇن چىشلەپ كەلگەن كەپتەرنى،
قاتتىڭىز ئۆزىڭىزنى ھەم بۇ تۈگىمەس دەردلىك ناۋاغا.
شىمالنىڭ بۇ ئارال دۆلىتى،
پاراۋىنى ھەمدە سۆلىتى
كۆڭلىڭىزگە بەرمىدى ئارام،
قىلالمىدى ياكى سىزنى رام.
ئۇھسىنىش، ھەسرەتلەر
دەردلەردىن ئۆتۈپ تەگدى يۈرەككە،
بۇ كەڭرى ئالەمدە نىچۈن ؟
ئەجەلنىڭ كۆزى چۈشمىدى سىزدىن بۆلەككە.
يا رەببىم ھۆكمۈڭگە سوئال قويۇلماس
كېلەمدۇق پانىيغا بىر كۈن ئۆلمەككە!؟
ئۇنتۇلدى كۆپ ئىشلار ئۆتكەندىن كېيىن
ئۇنتۇلدى كۆپ ئىنسان يۈتكەندىن كېيىن.
سىز
ئۇنتۇلمىدىڭىز قەلبلەردىن كۆچمىدىڭىز
يۇلتۇزلاردەك يېنىپ تۇردىڭىز، ئۆچمىدىڭىز.
ناخشىڭىز، كۈيىڭىز ياڭراپ قالدى،
كۈرەشچان روھىڭىز چاقناپ قالدى،
سۆيگەنلىرىڭىز كۆزىنى ئەمەس يۈرىكىنى ياشلاپ قالدى.
سىز تىككەن ئەركىنلىك كۆچىتى
جانلاردا، قانلاردا ياشناپ قالدى.
سىز
ھاياتلىقىڭىزدا ۋەتەن سەھنىسىنى گۈلزار قىلغان،
ياقا يۇرتلاردا ئۇيغۇر روھىنى ئاۋات قىلغان ،
جەڭگىۋار كۈيىڭىزدە دۈشمەننى زار، زار قىلغان
ئويغىتىپ قەلبلەرنى ئازات قىلغان.
سىز
بارغانلا  يەرلەردە مەنا ھەم قىممەت تەرگەنسىز
ئىشىنىمەنكى جەننەتتىمۇ يەنە بىزنى ئويلايسىز.
سىز
بارلىقىڭىزدا
كۈيلىرىڭىزگە يىغلاتتىڭىز.
سىز
يوقلۇقىڭىزدا
سېغىندۇرۇپ،
ئەلىمىڭىزنى ئۆتۈلدۈرۈپ
باغرىمىزنى تىلىم تىلىم تىلغاتتىڭىز.

جاۋاب يېزىش