گۇلنۇر ئابدۇرسۇل
،بۇ قىشتىن چىقالىسام»
،نورۇزغا ئۇلىشالىسام
،يېشىم ئاتمىشتىن ئاشتى
،ھەتتىڭەي
«يەنە بەش يىل ياشىيالىسام
.چوڭ دادامنىڭ دەيدىغىنى مۇشۇ ئىدى
،قارا قىشتىن چىقماق تەس
،بىر يېقىلسا قوپماق تەس
،قىشتىن چىققان قىشقا يېتىدۇ
،قىشقا كۆرگەنلەردىن
.نورۇز كۆرەلمەي جىقلار كېتىدۇ
،ئەسلى
،نورۇز ،ھاياتنىڭ باھارى ئىكەن
،ئاغرىق- سېلاقنىڭ قۇۋانى ئىكەن
،ئەگىز سۈيى
،ئېتىزدىن بېشىنى سەللا كۆتۈرگەن يۇمران بېدىلەر
.شىرىن جانلارنىڭ شەيداسى ئىكەن
،قارا باسقان مۇزدەك يۈرەكلەر
. نورۇز بىلەن سۈزۈلەر ئىكەن
،غۇر- غۇر شامال، يېشىل تەبىئەت
.جېنىمىزغا جان بىرەر ئىكەن
.
2026.3.21
