گۈلنۇر ئابدۇرسۇل
يىراقتىن تۇيۇقسىز كەلسىكەن دەيمەن.
يۈرەكنى تېترىتىپ، باھارنى ئىلىپ.
مەن كەلدىم، دەپ ئىشىك چەكسىكەن دەيمەن،
جۇدالىق كۈنلەرگە خاتىمە بېرىپ.
يىراقتىن تۇيۇقسىز كەلسىكەن دەيمەن.
ئاق چاچلىق جان ئانام باغرىنى ئېچىپ.
ئەجەپمۇ سىغىندىم نەۋرىلەرنىمۇ ،
دەپ قانات چىقىرىپ، يۈرەككە سېڭىپ.
يىراقتىن تۇيۇقسىز كەلسىكەن دەيمەن.
قىرىنداش مىھرىنى تاغاردا يۈدۈپ.
ئاتام ھەم ئانامنىڭ تەۋەرۈكلىرى،
كۆرۈشسەك يىغلىشىپ، چىڭ قۇچاقلىشىپ…
يىراقتىن تۇيۇقسىز كەلسىكەن دەيمەن،
ئاي يۈزلۈك ئاي قىزىم ئىشىكنى چېكىپ،
شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە، ئەتىلا،
يۈرىكىم قېپىدىن كىتەرمۇ چىقىپ؟
يىراقتىن تۇيۇقسىز كەلسىكەن دەيمەن،
ھەركىمنىڭ ھەسرىتى كەتسىكەن، ئېقىپ.
جۇدالىق دەردىنى تارتتۇق يەتكۈچە
بارالماي چارىسىز تاغ- داۋان ئېشىپ.
2025.5.15
