ۋاشىڭنتون پوست گېزىتىنىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەيشەنبە كۈنى ئامرىكىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيەدىكى سايلام نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى ئاخىرقى مىنۇتتىكى ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلغان . بۇ پرېزىدېنتنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىىدن بولغان سايلانغان پىرزىدانت جو بايدىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ. سوتنىڭ قارارىدا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمىگەن، شۇنداقلا باشقىچە پىكىرلەرگىمۇ دىققەت بەرمىگەن. بۇ پىرزىدانت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەلىپىنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن . مەلۇم بولىشىچە بۇ دىلونى رەت قىلىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە سوتچىنىڭ بىرى پىرزىدانت تىرامپ يقىندىلا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئالىي سوتچى ئامىي كونىي باررېىت Amy Coney Barrett مۇ بار ئىكەن.