چاشقان   

                    ( ھېكايە)
                   دېنو بوزارت
         تەرجىمە قىلغۇچى: مېھرىنسا ئىسمائل
كېرو ئاىلىسىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ دوجانېرا يېزىسىدىكى كونا داچىسىدا نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟ ئۇلار ئەزەلدىن ھەر يىلى يازدا مىنى ئۇ يەرگە بېرىپ، بىر نەچچە ھەپتە تۇرۇپ كېلىشكە تەكلىپ قىلاتتى. بۇ يىل ئۇنداق بولمىدى. چاۋان پەقەت ئىككىلىك خەت يېزىپ ئەپۇ سوراپلا قويدى.بۇ چۈشىنىكسىز خەتتىن ئۇلارنىڭ بىرەر ئاۋارىچىلىككە ياكى كۆڭۇلسىزچىلىككە دۇچ كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. لېكىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەنىدى.
  ئۇلارنىڭ داچىسى جىمجىت ئورمانلىقىنىڭ ئچىدە بولۇپ، ئۇ يەردە مەن نۇرغۇن خۇشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنىدىم. ئەشۇ يىللاردا قىزۇققۇچىلىكى يوق ياكى كارى چاغلىق دەپ قارىغان  ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كونا ئەسلىمىلىرىم مانا بۇگۇن ناھايىتى روشەن ھالدا  پەيدا بولدى.
    ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ياز كۈنىدىكى ئش (بۇ مېنىڭ كىرو ئائىلىسىدە ئىككىنچى قېتىم مېھمان بولىشىم ئدى) كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى:
   مەن ئۇچۇنچى قەۋەتنىڭ دوقمىشىدىكى ئۆيگە قايتىپ كىرىپ(كېيىنكى بىر نەچچە  يىلدا گۇللۇككە قارايدىغان بۇ مېھمانخانىدا ياتقان ئدىم) ئۇخلىماقچى بولۇپ تۇرسام بوسۇغىنى تاتىلىغان بىر ئاۋاز قۇلۇغۇمغا كىرىپ قالدى. بېرىپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا كىچىك بىر چاشقان چاتىرقىمدىن ئۇتۇپ، ئۇدۇل بېرىپ ئىشكاپ ئاستىغا مۆكىۋالدى. ئۇنىڭ يۇگرۇشلىرى تولىمۇ ئەپسىز بولغاچقا دەسپ ئۆلتۈرىۋېتىشكە تامامەن ئۈلگۈرەلەيتىم. بىراق ئۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۇرەتتى ھەم شۇنچىلىك ئاجىز ئىدى.
     ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن بۇ ئىشنى چاۋانغا ئېيتتىم.
   -ھەئە، شۇنداق، -ئۇ  سەل پاراكەندە بولغاندەك جاۋاب بەردى، — ئۆيدە چاشقانلار دائىم  مېڭىپ يۇرىدۇ.
  — ئۇ بەك كىچىككەن… جايلىۋېتىشكە قولۇم بارمىدى…
  — راست ،مەن تەسەۋۋۇر قىلالايمەن. بىراق ئانچە ئويلاپ كەتمە.
  ئۇ خۇددى سۆزۇمگە ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەندەك، گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا بۇرىدى.
  ئىككىنچى يىلى، يېرىم كېچە بولسا كېرەك، بىز قارتا ئويناۋاتاتتۇق. كارىدۇرنىڭ چىرىغى ئۆچۇرۇلۇپ بولغانىدى. ياندىكى ئۆيدىن غەلىتە بىر ئاۋاز كەلدى.
  — بۇ نېمە ئاۋاز؟ — سورۇدۇم مەن.
    — مەن ھېچنېمە ئاڭلىمىدىم، — دېدى چاۋان مۇجىمەللا قىلىپ، — ئېلىنا بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
   — ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىم — خانىم جاۋاپ بېرىۋېتىپ لاپپىدە قىزىرىپ كەتتى.
  — بۇ قانداق بولغىنى؟ — دېدىم مەن– مېنىڭچە  مېھمانخانا تەرەپتىن بىر ئاۋاز كەلگەندەك قىلدى… — مەن ئۇنىڭ ئوڭايسىزلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، — ماڭا نۆۋەت كەلدىمۇ؟– دېدىم.
  ئون مىنۇت ئۆتمەيلا يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بۇ قېتىمقىسى كارىدۇر تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. بىرەر جانىۋارنىڭ چىرىلدىغان ئنچىكە ئاۋازى ئىدى.
  — ئېيتقىنە چاۋان، — سورىدىم مەن، — تاختامۇشۇك قويغانمىتىڭلار؟
  — بىلىشىمچە ئۇنداق ئەمەس، شۇنداققۇ ئېلىنا؟ تاختامۇشۇك قويغانمۇ – يە ؟
  — نېمىلەرنى دەيدىغانسىز؟ شۇنچىلىك چاشقانغىمۇ تاختامۇشۇك كېتەمتى؟! — جاۋاب بەردى خانىم.
  بىر يىلدىن كېيىن، داچىغا كىرىپلا چىرايلىق ئىككى مۇشۇكنى كۆردۇم. ئۇلاردىن ئالاھىدە ھاياتى كۇچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. مۇشۇكلەر چىپار مۇشۇك نەسلىدىن بولۇپ، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، تۇكلىرى چاشقان يەپ چوڭ بولغاندەك يۇمشاق، پارقىراق ئدى.مەن چاۋانغا:
  ئاخىرى بىر نىيەتكە كەپسىەن –دە. ئۇلارنىڭ قانداق مېزىلىك غىزالارغا ئېغىز تەككەنلىكىنى كىم بىلىدۇ. بۇ يەردىكى چاشقانلار ئۇلارنىڭ يېيىشىگە يېتىدىغۇ،– دېدىم.
  — دەل ئەكسىچە دېدى ئۇ، — پەقەت ئاندا – ساندىلا تۇتۇپ قالىدۇ. ئەگەر چاشقانغىلا تايىنىپ قالسا ئاچلىقتىن…
  — بىراق،ناھايىتى سېمىز تۇرىدۇ بۇ مۇشۇكلەر.
  — شۇنداق ئۇلار ناھايىتى ياخشى چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئاشخانىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ موللىقىنى بىلىسىەن.
  يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىنقى يىللاردىكىدەك داچىغا كىرىپلا ھېلىقى ئىككى مۇشۇكنى كۆردۈم. بىراق ئۇلار بۇرۇنقى مۇشۇكلەرگە ئوخشىمايتى.سالپىيىپ ھورۇنلىشىپ كەتكەن، مۇسكۇللىرى بوشىغان، روھسىز ئورۇق ئىدى. ئۆيمۇ- ئۆي چېپىپ يۇرمەيتى ئەكسىچە خوجايىننىڭ ئايىغىدا ئېزىلەڭگۇلۈك بىلەن سولىشىپ  ياتاتتى.
  — ئۇلار  ئاغرىپ قالدىمۇ- نېمە؟ ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتىغۇ؟ يەيدىغانغا چاشقان قالماپتۇ-دە؟- دەپ سورىدىم.
  — توغرا ئېيتتىڭ، — چاۋان ھاياجان بىلەن جاۋاب بەردى — ئۇلار مەن كۆرگەن ئەڭ دۆت مۇشۇك.  ئۆيدە چاشقان قالمىغاندىن كېيىن، ئاغزىنى دومسايتىپلا يۇرۇيدۇ… چاشقانلارنىڭ نەسلىنىمۇ قۇرىتىۋەتتى،– ئۇ ئۆز سۆزىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق كۇلۇپ كەتتى.
  كەچتىرەك ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى چائل جور مېنى چەتكە تارتىپ سىرلىققىنە:
  — نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ قورقىدىغاندۇ؟ — دېدى.
  — كىم قورقىدۇ؟
  — مۈشۈك بولمامدۇ. دادام باشقىلارغا دېگىلى قويمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ بېشىنى ھەممىدىن بەك ئاغرىتىدىغان ئش. چوقۇم مۈشۈك قورقىدۇ،- دېدى.
  — كىمدىن قورقىدۇ؟
  — قىززىقكەنسىز، چاشقانلاردىن بولمامدۇ! بىر يىل ئىچىدە بۇ پاسكىنىلار ئوندىن يۈزگە كۆپەيدى.. نەدىمۇ ئەسلىدىكى كىچىك چاشقانلار  بولسۇن، خۇددى يولۋاسقىلا ئوخشايدۇ. تۈكلىرى يېرىك،پۇتۇن يېرى قاپ- قارا. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۈشۈكلەردە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغۇدەك مادار يوق.
  — ئەمسە سىلەرچۇ، كارىڭلار يوقمۇ؟
  — ھەي، ئەمەلىيەتتە بىرەر ئىش قىلساق بولاتتى. بىراق دادام زادىلا بىر نەرسە دەپ باقمىدى. مەنمۇ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم. لىكىن ئەڭ ياخشىسى بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز ئاچماڭ. بولمىسا دادام شۇ ھامان خاپا بولۇپ كېتىدۇ…– ئۇنىڭ  جىددىلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
  يەنە بىر  يىل تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. تۇنجى ئاخشامدىن باشلاپلا ئۆينىڭ ئۈستىدە  بىرسى يۈگرەۋاتقاندەك، قۇلاقنى يارغۇدەك دوكۇرلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنشقا باشلىدى. ئۈستىدە ئادەم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۇنكى ئۇ يەر كونا ئۆي جاھازلىرى،ئەسكى ساندۇقلار دېگەندەك قالايمىقان نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئادەم تۇرغىلى بولمايتتى. «قىزىق بۇ قانداق رېتساردۇ؟» ئۆز-،ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم. » خېلى چوڭ چاشقان ئوخشىمامدۇ؟».بۇ قاتتىق ئاۋازلار مېنى زادىلا ئۇخلاتمىدى.
  ئىككىنچى كۈنى تاماق يىگەچ سورىدىم:
  — چاشقانغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمامسىلەر،؟ ئاخشام ئۇستىدىكى تاراق-تۇرۇقلار زادىلا توختىمىدى.
  چاۋاننىڭ چىرايى دەرھال تۇتۇلدى:
  — چاشقان؟ قايسى چاشقاننى دەيسەن؟ خۇداغا شۈكرى، ئۆيدە  چاشقان قالمىدى.
  ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىسىمۇ :
  — نەدىكى مىسىر چاشقىنىكەن،چۈش كۆرىۋاتقان ئوخشايسىز سۆيۈملۈكۈم،- دېدى.
  — بىراق،- دېدىم مەن، – سىلەرگە كاپالەت بېرىمەنكى،ئاخشام ئۈستۈنكى قەۋەتتىن راستتىنلا ئەسكەرلەر  مەشق قىلغاندەك قالايمىقان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئازراقمۇ مۇبالىغە قىلمىدىم. ھەتتا بەزىدە تورۇسنىڭ لىڭشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
چاۋان مەيۈسلەنگەن ھالدا:
  ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ساڭا ئەزەلدىن دەپ باقمىدىم. چۇنكى بەزىلەر چىدىيالمايدۇ. بۇ ئۆيدە راستتىنلا نۇرغۇن شەيتانلار بار. بىزمۇ دائىم… ئاڭلاپ تۇرىمىز. بەزىدە ئۇلارغا ئالۋاستىلار چاپلىشىۋالىدۇ!
  مەن كۈلۈپ كەتتىم:
  — مېنى كىچىك بالا چاغلىمىغىنە! نەدىمۇ شەيتان بولسۇن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى چاشقان. شۈبھىسىزكى،قورقۇنچلۇق چوڭ چاشقان، – تۇيۇقسىز  ئېسىمگە كېلىپ سورىدىم، – ھېلىقى ئىككى مۈشۈك نەگە كەتتى؟
  — باشقىلارغا بېرىۋەتتۇق. بىلىشنى خالىساڭ..، نېمىشقا چاشقان بىلەنلا قالىدىغانسەن، خۇددى چاشقاندىن باشقا گەپكە تىلىڭ كەلمەيدىغاندەك! بۇ دېگەن سەھرا،ئۇنچە قىلىپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ…
  مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ نېمىشقا بۇنچە ئاچچىقلىنىدىغاندۇ؟ ئادەتتە ئاقكۆڭۈل، خۇشپېىل ئىدىغۇ؟
  ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ماڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ قويدى:
  – دادامنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ. ئۇ ئاۋازلار راستتىنلا  چاشقانلارنىڭ ئاۋازى. بەزىدە بىزمۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ئۇخلىيالمايمىز. ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن بولسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالۋاستىلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتىڭىز.  ئۇلار كۆمۈردەك قاپ-قارا. تۈكلىرى ئۇچلۇق شاخلارغا ئوخشايدۇ… ھېلىقى ئىككى مۈشۈكنى سورىسىڭىز، مۇشۇ  چاشقانلار قوغلىۋەتتى. ئۇ ئش بىر كۈنى كەچتە يۈز بەردى. ھەممىسى ۇخلىغىلى خېلى بولغان ئىدى. تۇيۇقسىز ئاڭلانغان مۈشۈكنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتۇق. مېھمانخانىدىن غەيرىي بىر ئاۋاز كەلدى. دەرھال ئورنۇمدىن  تۇردۇم. بىراق مۈشۈكنىڭ سايىسىمۇ كۆرۇنمەيتى…يەردە بىر تۇتام، بىر تۇتام تۈك ۋە قان داغلىرى تۇراتتى…
 —  بىرەر تەدبىر قوللانمىدىڭلارمۇ؟ تاختا مۈشۈكچۇ؟ چاشقان دورىسىچۇ؟ دادىڭىزنىڭ  قۇلىقىنى يوپۇرۇپ يۇرگېنىگە بەكلا ھەيرانمەن.
  – نېمىشقا كارى بولمىسۇن؟ بۇ ئش ئۇنى يۈرەك كېسىلى قىلىۋەتتى. بىراق ھازىر قورقۇپمۇ قالدى. دادام ئۇلارغا قايتا چېقىلمايلى،بولمىسا تېخىمۇ چاتاق، دەيدۇ. يەنە تېخى بەزىبىر ئامالمۇ قالمىدى، چاشقانلار بەك كۆپىيىپ كەتتى.. بىردىنبىر ئامال شۇنداقلا ئوت يېقىپ ئۆينى كۆيدۇرۇپلاۋېتىش.. ، دېدى. كېيىن، كېيىن ئۇنىڭ يەنە نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئويلىسام  تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇ چاشقانلار بىلەن قارشىلىشىش مۇۋاپىق ئەمەس، دېدى.
  – كىم بىلەن قارشىلىشىش؟
  – چاشقانلار بىلەن بولمايچۇ. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چاشقانلار كۆپەيسە، ئۆچ ئالىدۇ…دەيدۇ. بەزىدە دادامنىڭ نېرۋىسى تازا نورمال ئەمەسمۇ نېمە، دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇنىڭ قازناققا كولباسا تاشلاپ قويىۋاتقانلىقنى كۆرۇپ قالدىم، بىلەمسىز؟ شۇنچىلىك ياخشى يېمەكلىكنى ئەشۇ يىرگىنىشلىك ھايۋانغا بەردى! ئۇ  ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ ھەم  قورقىدۇ. ئۇلار بىلەن تېنچ، ئناق ياشاشنى خالدۇ.
 شۇنداق قىلىپ يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇلتۇر يازدا، مەن يەنە تورۇستىن ئۆتكەن يىللاردىكىدەك شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتۈم. بىراق ھەممە يەر جىمجىت بولۇپ، كېچە شۇنچە خاتىرجەم ئۆتتى. گۈللۇكتىن پەقەت قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
  ئەتىگەندە،پەلەمپەيدە چاېل جور بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم:
  سىلەرنى تەبرىكلەيمەن، ئۇلارنى قانداق يوقاتتىڭلار، ئېيتىپ بېرىڭە. كېچىچە پۇتۇن قورودىن بىرەر  چاشقاننىڭمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىم،- دېدىم.
  چائل جور ئەنسىزلىك بىلەن كۇلۇمسىرىگىنىچە ماڭا قاراپ قويغاندىن كېيىن:
  كېلىڭە،كېلىپ كۆرىڭە، – دېدى.
  ئۇ مېنى يەر ئاستىدىكى قازناققا باشلاپ كىردى. ئۇ يەردە بىر ياغاچ ئشىك بار بولۇپ، ھىم يېپىلغانئىدى.
  – چاشقانلارنىڭ ھەممىسى يەر ئاستىدا، – ئۇ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى،- بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسكىنا،مەينەت جايلارغا يىغىلىۋالدى. چاشقانلار ئۆيدە ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۇرمەيدىغان بولدى. ھەممىسى مۇشۇ يەرنىڭ  ئاستىدا. قۇلاق سېلىڭە،…
  ئۇ سۈكۈتكە چۆمدى. پولدىن چاشقانلارنىڭ بۇرۇختۇملىقتىن، سىقىلىشتىن چىرىلدىغان، پولنى غاجىغان، تاتىلىغان، بىر بىرىگە سوقۇلۇپ شىرتىلدىغان، بىرلىكتە غالجىرلىق بىلەن ھۆركىرىگەن، ھۇۋلىغان قورقۇنچلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى.
  – زادى قانچىلىك باردۇ؟،- سورىدىم مەن تىترەپ تۇرۇپ.
  – كىم بىلىدۇ، بەلكى بىرەر مىليوندەك باردۇ… كېلىپ قاراپ بېقىڭە، تېزرەك بولۇڭ جۇمۇ!
  ئۇ سەرەڭگە يېقىپ پولنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ئاندىن سەرەڭگە تېلىنى پولنىڭ ئىچىگە تاشلىدى. مەن يەر ئاستىدا قاپقارا نەرسىلەرنىڭ جان جەھلى بىلەن چېپىپ يۈرگەنلىكىنى، قىستىلىپ، بىر- بىرىگە يۆگىشىپ، دۆۋە-دۆۋە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم. ئۇ  پاسكىنىلارنىڭ ئالا توپىلىڭى ئىچىدە يوغان بىر نەرسە بار بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن بەتبەشىرە ۋە توسۇۋالغۇسىز كۈچلۈك ئىدى. بۇ چاشقانلارنىزە!  مەن يەنە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان جۈپ-جۈپ كۆزلەرنىڭ چاقناۋاتقانلىقىنى،ماڭا خىرىس قىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆردۇم! چائل جور دەرھال پولنىڭ ئاغزىنى «گۈم» قىلىپلا يېپىۋەتتى.
  چاۋان خېتىدە مېنى نېمىشقا تەكلىپ قىلالمىغانلىقىنى ئيتماپتۇ. زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟ بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كەلمەكچى،بىرنەچچە مىنۇتقا بولسىمۇ بېرىپ كەلمەكچى بولدۇم. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلسەملا بولاتتى.لېكىن راستىمنى ئېيتسام مەندە ئۇنچىلىك جاسارەتمۇ  يوق ئىدى. مەن ھەر تەرەپتىن ئاجايىپ خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. كىشىلەر ئۇ خەۋەرلەر توغرىسىدا خۇددى ئەپسانە، رىۋايەت ېيتىشىۋاتقاندەك  زوق شوق بىلەن سۆزلىشەتتى،كۈلىشەتتى. بىراق مەن كۈلەلمىدىم
  ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كىرونىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ئۇ داچىدىن بىرەر ئادەمنىڭ چىققانلىقىنى كۆرمەپتۇ. بىر يۇرتدىشى ھەر قېتىم ئۇ يەرگە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بارغاندا، خالتىنى دەرەخلىك يېنىغا قويۇپ قويىدىكەن. داچىغا ھەرقانداق ئادەم كىرەلمەيدىكەن. زالىم چاشقانلار پۇتۇن يەرنى ئگىلىۋاپتۇ. كىرو ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چاشقانلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپتۇ.
  بىر دېھقان ەاچا تەرەپكە ئۆتۈپتۇ-يۇ بەكمۇ يېقىن بارالماپتۇ. چۈنكى داچا دەرۋازىسى ئالدىدا ئون نەچچە  چاشقان يرتقۇچلاردەك خرىس قىلىپ تۇرغانىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ  دوستۇمنىڭ ئايالى كيرو خانىمنى يەنى ئەشۇ نازۇك، سۆيۈملۈك خانىمنى ئاشخانىدا، ئوچاققا يېقىن يەردە ۋەيرانە كىيىملەر بىلەن كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا گۈپۈلدەپ سېسىق پۇرايدۇ پۇرايدىغان چاشقانلار ھەيدەكچىلىك قىلغاچ،يېمەكلىكلەرگە ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ.
  ئۇ  ئىنتايىن ھارغىن بولۇپ، قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرغىدەك. بارغان ئادەم خانىمنىڭ ئۆزىگە  ئۈمىدسىزلىك بىلەن «ئاۋارە بولماڭلار، بەكلا كېچىكتۇق. ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى» دەپ ئىشارەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
1996 يىلى «ئىشچىلار گېزىتى » نىڭ  27.نويابىردكى سانىدا  ئېلان قىلىنغان.

جاۋاب يېزىش