ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بۈگۈنكى پەلەستىن پاجىيەسى ئۆتمۈشتىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ خاتا قارارى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان. خاتا قارارغا سەۋەپ بولغان ئامىل ئۆزى ئۈچۈن، نەپسى ئۈچۈن، ئۆز ئىتىقادى ئۈچۈن باشقىلارنى، ئاۋامنى، ئاۋامنىڭ يېرى، ھاياتى، غۇرۇرى، ئەۋلاتنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ زېمىنىنى قۇربان قىلىش.
1880-يىلدىن 1947-يىلغىچە بۈگۈنكى پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئەڭ مۇنبەت ئالتە پىرسەنتى يەھۇدىلارغا سېتىلىپ بولغان. يەھۇدىلار دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن پەلەستىنگە يىغىلغان. ئۇلار كەلگۈسىدە ئاشلىقتا ئەتراپقا بېقىنماسلىق ئۈچۈن ئۈنۈملۈك يەرلەرنى سېتىۋېلىشقا كىرىشكەن.
يەھۇدىلار مەخسۇس يەر سېتىۋالىدىغان پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار بىرلىكتە يەھۇدى مىللى فوندىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ تەشكىللىك زېمىن سېتىۋالغان ۋە كېلەچەكتە قۇرۇلماقچى بولغان دۆلىتىگە ئۇل سالغان.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ شۇ خاتالىقى سەۋەپلىك دەردى يەتكىچە، ئەۋلاتلار بوۋىلاردىن قالغان ئازاپنى تارتىۋاتىدۇ. ئەمما نېمە بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ھېلىمۇ دۆلىتى بار، ئارمىيەسى بار، ھەر يەردە ئەلچىخاناسى بار. ئەمما بىزنىڭ يوق!
پەلەستىنلىكلەر قىلغاننى بىز قىلمىغانمۇ؟ ئۇيغۇرلار يەر ساتمىغانمۇ؟ ساتقان، بىز ئۇيغۇرلارمۇ 90-يىللاردىن باشلاپ ھۆددە يېرىمىزنى خىتايلارغا ساتقان، پۇلنى سورۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ خىتايلارغا چاكار بولۇپ ئىشلىگەن. ئەمما بىزنىڭ ساتقىنىمىز ھۆددە يەر ئىدى. ۋەتەن بىزنىڭ بولغان بىلەن يەر دۆلەتنىڭ ئىدى. خىتاي يەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرمىغان ئىدى. شۇڭا بىز ساتمىساق خىتاي ھۆكۈمىتى تارتىپ ئالالايتتى، سۇنى قىسىپ، باجنى ئۆستۈرۈپ ساتقۇزاتتى.
بۈگۈنكى مەغلۇبىيەتلىك پەلەستىندىن، غالىپ ئىسرايلىيەدىن بىز نېمىنى خۇلاسە قىلىمىز؟ باشقىلارنىڭ مەغلۇپلۇقىدىن، پاجىيەسىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنىمىز. پەلەستىنلىكلەر يەر ساتقاندا ۋەتەننى ساتقانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىغان، ئەمما يەر ئالغان يەھۇدى بولسا ئۆزىنىڭ بىر دۆلەتنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. قانداقمۇ ئۆزىنىڭ راھىتى ئۈچۈن يەر ساتقان پەلەستىنلىك بىلەن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلىتى ئۈچۈن يەر ئالغان يەھۇدى تەڭ بولالايدۇ؟ ۋەتەن ساتقانلارنىڭ ۋەتىنى بولامدۇ؟
ھەر كىشى، ھەر قانداق پىشكەللىكتىن، ھەر مىللەت ھەر قانداق مۈشكۈلاتتىن ئۆزىگە خاس نىسىۋە ئالىدۇ. بۈگۈنكى پاجىيەلەردىن، مەغلۇبىيەتتىن چىقارغان توغرا خۇلاسە، توغرا قارارلار بۈگۈنىمىزنىلا ئەمەس كېلەچەكنىمۇ بەلگىلەيدۇ.
بىز بۈگۈن قىلغان توغرا ھەرىكەت، ھازىرقى ئاقىلانە قارارلار كەلگۈسى بەختنىڭ ياكى بەختسىزلىكنىڭ بىشارىتى.
خوش، پەلەستىنلىكلەردىن كۈرەش كۆسەن چىقمىغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى ئەجدادى يەر ساتقاندا ئەۋلادىنىڭ ۋەتەنسىز قالدىغانلىقىنى ئويلىغانمۇ ئويلىمىغانمۇ؟ بەلكىم شۇنداقلار چىققان، خەلق ئاڭلىمىغان دەيمىز ئۇنداقتا بۈگۈنچۇ؟
ئۇنداقتا گازادا خاماس قۇرغان ھۆكۈمەتنى كىم سايلىغان؟ گازادا 2006-يىلى ئەركىن سايلام بولغاندا خەلق خاماسنى سايلىدى، خاماس ئۇتۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ غەلىبەسى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئالقىشلاندى. گازالىقلار يەھۇدىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى، ئىسرايىلىيەنى يوقۇتۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان خاماسنى باش قىلىپ سايلىغاندا ئاقىۋەتنى ئويلىغانمۇ ئويلىمىغانمۇ؟
خاماسنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئەزالارنىڭ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن شېھىتلىكنى تاللاپ قاتىللىق قىلىدىغانلىقىنى ئاۋام بىلمەمدۇ؟ بىر گورۇپ كىشى سەۋەپلىك بىر شەھەرنىڭ دوزاققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاللاھۇ ئەكبەر توۋلاپ ئالقىش ياڭراتقانلار بىلمەمدۇ؟ بىلىدۇ.
ئەرەپ سەرخىللار، پەلەستىنلىك ئالىملار بۇنداق ھۇجۇمنىڭ مىللەتنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانمۇ؟ يۈزلىگەن يەھۇدىنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىھمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى سەۋەپلىك مىڭلىغان سەبىنىڭ، بوۋاي مومايلارنىڭ خاراپ بولىدىغانلىقىنى بىلەمدۇ، بىلمەمدۇ؟ مەنچە بىلىدۇ، ئەمما ئۇنداقلار سەھنىدە ئەمەس. بىلىدىغانلار تەشكىلاتلاردا ئەمەس، ئۇنداقلارنىڭ نە كۈچى، نە ھوقۇقى يوق.
بىزدىن كۈرەش كۆسەن چىقتى، ئەمما ئۇ يەر سېتىشنى توسقانلىقى ئۈچۈن خىتايدا ياشىيالماس بولۇپ، ئۇيغۇرغا ھۆرلۈك ئىزدەپ چىقىپ كەتتى، يات تۇپراقلاردا قايناپ تۇرۇپ جان بەردى.
پەلەستىنلىكلەردىن كۈرەش كۆسەن چىقتىمۇ بىلمەيمەن، مۇشۇ كۈنگىچە ئۇنداق بىر ناخشا ئاڭلاپ باقمىدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ يەر ساتقانغا، ۋەتەننى سۆيمىگەنگە تويغاندەك ئازاپلىق چۇقانى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنى ئويلاپ قالىمەن، بىز بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىنى سېتىپ ۋەتەنسىز قالغانلارغا ئوخشامدۇق ياكى تۇپراق ئېلىپ دۆلەت قۇرغانلارغىمۇ؟ بىزنىڭ قايسى ئىشىمىز مەغلۇبىيەتلىك پەلەستىنلىكلەرگە، بىز قىلغان قايسى ئىشلار غالىپ يەھۇدىلارغا ئوخشايدۇ؟
يەرنى ساتماڭلار
كۈرەش كۆسەن
يەر ئاتا، يەر ئانا، يەر ئەجداتلار مىراسى،
يەر ئۇلۇغ، يەر بۈيۈك، يەر ھاياتنىڭ مەنبەسى.
دېھقان ئاكا، ئىلتىماسىم يەرنى ساتماڭلار!
دېھقان ئاكا، ئىلتىماسىم يەرنى ساتماڭلار!
ئەجداتلار يېرى بۇ سېنىڭ ھەققىڭ يوق،
ياكى بىر مۆجىزە ياراتقىنىڭ يوق.
ئەتىدىن كەچكىچە يەر بىلەن بولدۇڭ،
گالغا يوق ئۇچاڭغا يا ئارتقىنىڭ يوق.
ئۇزۇندىن بىر نانغا زار بولۇپ كەلدىڭ
ئۆيىڭمۇ يوق تېخى خىش بىلەن سالغان.
قىشۇ – ياز زەيلىكتە يۈرۈسەن ھامان.
بۇ جاپا – مۇشەققەت كىملەردىن قالغان؟
بۇ پۈرسەت ساڭا خاس يەر دېگەن بايلىق،
ھەر يوغان سۆزلىگەن ئامبالمۇ چاغلىق.
بىر ئوبدان يېرىڭنىڭ قەدرىنى بىلمەي
بولمىسۇن ماكانىڭ ئاخىرى سايلىق.
يەر سېتىپ يانچۇقنى تولدۇرماقچىمۇ؟
بوۋاڭنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەكچىمۇ؟
ئەۋلاتقا قالغۇدەك مال بىساتىڭ يوق،
دەردىڭگە دەرت قوشۇپ قالدۇرماقچىمۇ؟
يەر ئاتا، يەر ئانا، يەر ئەجداتلار مىراسى،
يەر ئۇلۇغ، يەر بۈيۈك، يەر ھاياتنىڭ مەنبەسى.
دېھقان ئاكا، ئىلتىماسىم يەرنى ساتماڭلار!
دېھقان ئاكا، ئىلتىماسىم يەرنى ساتماڭلار!