ئۆزەمگە خىتاپ

دىلدار ئەزىز

تىرىكمۇ مەن، يا- ئۆلۈكمۇ؟

تومۇرۇمدا بارمۇ قان؟

ھېلىمۇ سوقۇۋاتمامدۇ يۈرۈگۈم؟

بىلمىدىم ھېچ،

تىرىكمۇ يا – ئۆلۈكمۇ مەن؟

شۇ كۆندىن باشلاپ،

بېشىمدا چاقماق،كۆزلۈرۈمدە ياش،

قولۇمغا ئىش بارماس، تاماق تېتىماس،

كۆرىمەن ئۆزەمنى دائىم  سولاقتا، تۆمۈر قەپەزدە،

چۈشلىرىمدە سەن،  ئۇيقۇ بولدى ماڭا يات،

كۆز ئالدىمدا پەقەت سۈرەتلەر…….

 

يەتمىش ياشتىن ئاشقان، پەرىشتە سۈپەت  ئانىلار،

خەزىر چىراي دادىلار،ئاچا – ئاكىلار،

نارىسىدە سىڭىللار، ئوماق بالىلار،

ھايۋان كەبى باغلانغان قوللار،

چەيلەنگەن غۇرۇر،بۇلغانغان ئىپپەت،

مانا بۇلار ئادالەتسىز زاماننىڭ،

ئىگىسىز، باش- پاناھسىز ئۇيغۇرۇمنىڭ،

خورلۇق خاتىرلىرى…….

قولىغىم تۈۋىدە ياڭراۋاتقان  ئاۋازسىز نالىلىرى….

 

چەيلەنگەن ئىپپەت …..

باغلانغان قوللار…….

خورلۇقتا ياشلانغان كۆزلەر،

زورلانغان تەبەسسۇم،

 

بەلكى بۇ ئۇلارچۇن ئاخىرقى خاتىرە؟!

بۇ دۇنياغا كېلىپ كەتكىنىنىڭ،

ئادالەتسىز ھاياتنىڭ،

ئاخىرقى ئىزناسى؟!

ئىزدىدىم مەن ئۇلار ئىچىدىن،

تۇنۇش چىراينى،

تۇققانلىرىمنى،

دوستيارلىرىمنى.

شۇندا بىلدىمكى،

ھەممىسى ئىكەن،

يۈرەك پارىلىرىم، قېرىنداشلىرىم،

مىنىڭ ئۇيغۇرۇم.

سورىدىم مەن ئۆزەمدىن:

ھاياتمۇ سەن، ئۆلدۈڭمۇ ياكى؟

بارمۇ تىنىقىڭ؟

ئاڭلىدىڭمۇ يۈرەك تىۋىشىنى؟

زارلاش، يىغلاشلامۇ سىنىڭ ھايات قىممىتىڭ؟

كەلدى بىر سادا:

«دەس تۇر ئورنىڭدىن،

ئالغىن قورالنى،ئۇ سىنىڭ قەلىمىڭ،

ئاتقىن بەتلەپ، يۈرىكىنى چەنلەپ،

تاپارسەن شۇ چاغ، ھايات قىممىتىڭ.»

2022- يىلى ماينىڭ 28- كۈنى

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند  شىتاتىدا يېزىلدى

جاۋاب يېزىش