راھىلە كامال
ئۇيغۇر ئانا تىلىمنىڭ گۈلزارىدا بىز سەككىز,
سوزۇق تاۋۇش نامىمىز قىممىتىمىز ھەم چەكسىز,
سەككىزىمىز ئايرىلماي ھەممە سۆزدە كېلىمىز,
بىز بولمىساق تىلىمىز بولۇپ قالار كېرەكسىز.
ئاپا، دادا دىگەندە، ئەتلەس، دوپپا كىيگەندە,
لەڭمەن، پولۇ يىگەندە،ئىلىم پەننى بىلگەندە,
ئۇيغۇر دىگەن نامىمنىڭ مەنىسىگە يەتكەندە,
كۈلۈپ تۇرۇپ زوق بىلەن ئۇيغۇرچىدا سۆزلەرسىز.
ئىزھار قىلىپ كۆڭۈلنى سەككىزىمىز يىغۇلدۇق,
بىزگە بېقىڭ دوستلىرىم يۇلتۇز بولۇپ چېقىندۇق,
تىلىڭىزنى سۇغۇرۇپ ياشناتقىلى ئېقىنتۇق,
بىزنى پۇختا ئۈگىنىپ زىناقلاردا كۈلەرسىز.
ئا
بويۇم ئىگىز ، چىرايلىق،
ئانامدىكى <ئا> دۇرمەن.
ئالما دېسەم قوش كېلىپ،
يالغۇز كەلسەم ئايدۇرمەن.
ئە
ھەممە مېنى <ئە> دەيدۇ،
باتۇر، كىچىك ئەر دەيدۇ.
قەشقەر دېسەم دوستلىرىم،
ۋەتەندىكى يەر دەيدۇ.
ئې
ئېيىقتىكى < ئې>دۇرمەن،
كېيىكتىمۇ كېلىمەن.
ئېسىل مېجەز بولغاچقا،
ئېرىقتىمۇ كېلىمەن.
ئى
بىر دېگەندە ئارىدا،
ئىككى دىسە ئىككى رەت.
ئىنىم مېنى <ئى> دېسە،
مېھرىم ئاقار تا ئەبەت.
ئو
ئورغاق، ئوسما، ئورماندا،
مەغرۇر كۈلۈپ تۇرىمەن.
پولۇ يىسە بالىلار،
كۈچ—قۇۋۋەتكە تولىمەن.
ئۆ
ئىسمىم گۈزەل <ئۆ> دۇرمەن،
باشتا كەلسەم ئۆي دەيدۇ.
ئۆل دېگەنگە ئۆلمەيمەن،
ھۆسنۈم گۈزەل سۆي دەيدۇ.
ئۆردەكتىمۇ ھەم< ئۆ> بار،
سۇلاردا شوق ئوينايدۇ.
ئۆتۈك كىيسەم پۇتۇمغا،
مېنى ئىسسىق ساقلايدۇ.
ئۇ
ئۇلار بىلەن خۇش بولۇر،
«ئۇ» دىگەندە ئۇيغۇرۇم.
ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق،
ئۇيغۇر بولماق غۇرۇرۇم.
ئۈ
ئۈجمە دېسە كۈلىمەن،
جۈملىلەرنىڭ كۈيىمەن.
شۇڭا مېنى«ئۈ» دەيدۇ،
گۈزەللەرنىڭ گۈلىمەن.