يۇلتۇز ئۆچتى، قەلبلەرگە ھەسرەت سېلىپ!

 

نەبىجان تۇرسۇن

ھاياتى قەدىرلەنمىگەن، ئەمما ۋاپاتى ھۆرمەتلەنگەن  ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر شېئىرىيىتىنىڭ ئانىسى— زەينۇرە ئەيسا خانىم

ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى بىز  بىلمىگەن ۋە بىز قەدرىنى قىلمىغان ھەم قىلىشنى ئويلىساقمۇ كۈندىلىك ھايات كۈنتەرتىپلىرىمىزگە قويمىغان  يەنە بىر  ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى، مىللىتى يولىدا ھاياتى بويى يىغلىغان، ئازابلانغان، تەر تۆككەن، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسى ۋە دۈشمىنىگە بولغان نەپرىتىنى بىر كۈنمۇ  بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشنى توختاتمىغان ئۇيغۇر مىللىي  شېئىرىيىتىنىڭ ئانىسى- زەينۇرە ئەيسا قىزىنىڭ  بۈگۈن ئاخىرەتكە  ھەسرەت ۋە ئۈمىد -ئارزۇلىرىنى قالدۇرۇپ سەپەر قىلىشىغا قايغۇرماقتىمىز!    روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلماقتىمىز!  ئۇنى ئەسلەپ مەرسىيەلەر يازماقتىمىز! ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلىمەكتىمىز، سۈرەتلىرىنى بەس-بەستە چاپلىماقتىمىز! ئەپسۇس ھايات ۋاقتىدا يېشى چوڭىيىپ كۈچ-قۇۋۋەتتىن قالغان، مېھرى-مۇھەببەتكە، ئىنسانىي ھۆرمەت، ئىللىق سۆزلەرگە، سۆيگۈ ھەم كۆيۈنۈشلەرگە موھتاجلىق ھېس قىلغانلىرىدا مەرھۇمنى قانچە ئادەم ئىزدىگەنلىكى ماڭا نامەلۇم! قانچە ئادەم ھېيت كۈنلىرىدە تېلېفون بېرىپ بولسىمۇ تەبرىكلىرىنى ئىپادىلىگەندۇ؟ قانچە ئادەم ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرىغا ھازىر ئوقۇۋاتقان مەدھىيەلىرىنى ۋە ھېچ بولمىغاندا ئىللىق سۆزلىرىنى تەقدىم قىلغاندۇ؟     ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان بىر ئۇيغۇرشۇناس غەربلىك دوستۇمنىڭ « سىلەر ئۇيغۇرلار ھاياتلىرىڭلاردىن ئۆلگەنلىرىڭلارنى بەكرەك قەدىرلەيسىلەر، ھۆرمەتلەيسىلەر» دېگىنى دائىم ئېسىمدە.
ئاھ، زەينۇرە ئەيسا  قىزى! بۇ ئەسلىدە نېمە دېگەن جاراڭلىق ئىسىم – ھە ؟! 1980-يىللاردا بۇ ئىسىم تولىمۇ جاراڭلىق ئىدى!  تېيىپجان ئېلىيوف، رەخىم قاسىم، ئارسلان، ئوسمانجان ساۋۇت ۋە باشقا يېتۈك  شائىرلار بىلەن  بىر قاتاردا،  ئەمما شائىرەلەر ئارىسىدا ئەڭ ئالدىدا  جاراڭلايدىغان ئىسىم ئىدى!   زەينۇرە ئەيسانىڭ 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى  ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى دەسلەپكى دوتسېنتلىك ئالاھىدە ئورنى ۋە ۋەتەن ئەدەبىياتىدىكى  چاقناپ تۇرغان نام -ئابرۇيىنى تاشلاپ، ئومۇمەن ۋەتەننى تەرك ئېتىپ ئىستانبۇلغا ماكانلىشىش بىلەن ۋەتەن يولىدىكى  ئوچۇق مەيدان كۈرىشىگە ئۆزىنى ئېتىشى ئەينى ۋاقىتتا زور تەۋرىنىش، تارىم- ئىلى  دولقۇنلىرى  كەبى نەرە پەيدا قىلغانىدى.  1985-يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىپ، ئەمدى زەينۇرە ئەيسا خانىمنى كۆرىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ خىزمىتىمگە قەدەم قويغىنىمدا بۇ خانىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاشلاپ تۈركىيەگە كەتكەنلىكى، « ئەيسا گۇرۇھى» غا قاتنىشىپ « جۇڭگوغا قارشى» ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم.
زەينۇرە ئەيسا شېئىرلىرى مەتبۇئاتلاردا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇرغان بولغاچقا ھەر بىر شېئىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيتتۇق.
زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ  تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە  ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش، مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەسەرلەرنى يېزىش، ھەر خىل ئىلمىي، ئاممىۋى  ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن توختىماي شۇغۇللىنىپ، ھېچقاچان ئۆز ئىجادىيىتى ۋە مۇجادىلىلىرىنى  توختاتمىغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم.

2015-يىلى ئىستانبۇلدا زەينۇرە خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن سۆزلىشىش پۇرسىتىدىن ناھايىتى خۇشاللانغانىدىم. چۈنكى زەينۇرە ئەيسا خانىم مېنىڭ مەرھۇم ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىمنىڭ دوستى ئىدى.  ئۇلارنىڭ  ئائىلىسى بىلەن بىزنىڭ ئائىلىۋى دوستلۇق رىشتىمىز بار ئىدى.  ئۇلار بۈيۈك ئەجدادىمىز مەخمۇت قەشقەرىي « دىۋانى» دا تىلغا ئالغان،  1765-يىلى مانجۇر-خىتاي باسقۇنچىلىرى  ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىپ 6 يىلدىن كېيىن مانجۇ ئوردىسىنى زىلزىلىگە سالغان ئاشۇ «جىگدە يېغىلىقى» يۈز بەرگەن، شۇنىڭدەك 1945-يىلى 8-ئايدا  لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر بىلەن « شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچقۇنى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە ماسلىشىپ پۈتۈن ئاقسۇنى ۋە جەنۇبنى ئازاد قىلىشقا ماسلىشىپ كۈرەش قىلىش يولىغا ئاتلىنىپ، خىتاي جاللات ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدا 18 ياشنىڭ كوللېكتىپ قىرغىن قىلىنىشى تارىخقا پۈتۈلگەن  ئۇچتۇرپاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنىدى. زەينۇرە ئەيسا قەلبىگە ئەنە شۇ شانلىق تارىخ روھى سىڭگەن ۋە شېئىرلىرىدا ئەنە شۇ مىللىي روھ مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى.
مانا بۈگۈن بۇ ئانىمىزنىڭ  روھىغا ئاتاپ قولۇمنى  دۇئاغا كۆتۈرۈۋاتىمەن ۋە ئۇ ھايات ۋاقتىدا نېمىشقا دائىم تېلېفون قىلىپ بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ تۇرمىغاندىمەن ، دەپ ئېچىنىش ئىچىدە ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن جەننەت تىلىمەكتىمەن! ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى، يەنى خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلماقتىمەن.

2022- يىلى، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

جاۋاب يېزىش