(بىر مىللى ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ بايانىدىن)
گۇلباھار ھاكىم
غاچىلداپ تۇرغان، ئاق قار ئۈستىدە،
جەڭلەر بولغانتى مەھەللىمىزدە.
رىزۋانگۈل بىلەن جەڭگاھتا تۇرۇپ،
ئۈمىد باغلىغان كەلگۈسىمىزگە.
.
يېزىلىدۇ تارىخ ئالتۇن قەلەمدە، «
تۆكۈلسە قانلار ھەربىر قەدەمدە.
ھەققانىي كۆرەش يېڭەر ئەلۋەتتە،»
دېگەن ئىدى ئۇ ئەشۇ كۈنلەردە.
تاشلاپ پاراشوت، جەڭنىڭ بىر كۈنى ،
ئېلىپ قاچتى كۆكتە»سبۇراپ» بېشىنى،
ۋەزىپە شۇكى، قالدۇرماي بىرنى،
غەنىمەت ئېلپ، ئېتىپ دۈشمەننى.
سايراپ پىلىمۇت، كۆزلەپ نىشاننى،
ئاتلاندۇق ئالغا، تىكىپ بۇ جاننى.
قاچتى«سۇغۇر »لار ئىزدەپ تۆشۈكنى ،
غەلىبە بىلەن بىز، ئالدۇق ئولجىنى.
«ھۇررا !» ياڭرىتىپ، قارشى ئىلىشتى،
ھەرەمباغدىكى سەپداشلار بىزنى.
رىزۋانگۇلمۇ با،چېپىپ ھەر يانغا،
تونۇشتۇراتتى زوقتا ھەر كىمنى:
«مانناپ ئاكام بۇ،بۇ بىر مەرگەندۇر،
ئۇكام شاكىچىك، ھاكىمجانغۇ بۇ!
ئون يەتتە پاراشۇد، ئولجا ئالغىنىنى ،
داڭلاپ گېزىتتە،خەۋەر يازغانغۇ!»
«كۆلكا ،دانچىنكسا،سىلەرمۇ بارمۇ؟
ۋۇي ، ھېبەم ئاكا، سىزمۇ كەلگەنمۇ ؟
ياشا! ئەزىمەتلەر،دېگەنتىڭىزغۇ ،
ئاخىرقى سۆزكەن بۇ، ئويلىمىدۇققۇ ؟
ئۆتتى ئون كۈنلەر،يەنە جەڭگاھتا،
ئىبراھىم پوستقا، ھەجەپ كەلمەيدا ؟
كىرىپ ناشتىغا،ئۇنى كۆردۇم ، ئاھ!
چىرايى سۇلغۇن،ھەسرەت قايغۇدا.
ئۇ دېدى: «تىكىپ، رىزۋانگۇل جېنىنى ،
ئوق يامغۇر ئىچىدە، قۇتقۇزدى جاننى.
ئاق قار ئۈستىدە، قىزىل گۆل كەبى ،
تۆكتى ئۇ قېنىنى ۋەتەن ئىشقىدا.»
چاقماق چاققاندەك زىمىن تەۋرىدى ،
يىپسىز مارجاندەك ياشلار تۆكۈلدى.
«رىزۋانگۇلدۇر گىرويگىروي قىزتى»دەپ،
باشلىق كونىكې بىزنى بەزلىدى.
دېدى ئىبراھىم،غۇلجا ماتەمدە،
تەكبىر ساداسى ھەر يۈز قەدەمدە.
بەيتۇللاھمۇ ئىغىر سۈكۈتتە ،
ئاي – يۇلتۇز بايراق تاۋۇىت ئۈستىدە.
ناماز چۈشۈردى ئەلىخان تۆرەم،
دېدى ئۇ: «ئاياللار شېھىتلەر بۇدەم.
خەلپەم بۈزرۈكۋار تۇپراق بېشىدا ،
كەتمەنلەر تۇتاش بولدى ھەر قولدا.
ئېتىلدى ساليوت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ،
قالدى ئىبراھىم ئۈنسىز ياش تۆكۈپ.
زىمىستان قىشتا، زىمىستان خەۋەر ،
توڭلىدى يۈرەك، تاپالماي مەلھەم.
ئەلۋىدا »دەپ قالغىنىمىز راستمۇ ؟ «
ئوڭۇممۇ ياكى غەپلەت چۈشۈممۇ ؟
رىزۋانگۈل مىنىڭ سەبدىشىمتىغۇ ،
مەكتەپداش ھەمدە يىتەكچىمتىغۇ ؟
ساقلايتتۇق ئۇنى ھەر كۈنى سەھەر،
كوچا دوقمۇشىدا ئۇ كەلگەنگە قەدەر.
رىزۋانگۇل تەبەسسۇم ئەيلەپ،
چۇقۇرشاتتۇق چۈجەكەبي ئۇنى چۆرىدەپ.
باراۋەت كۈنى مەكتەپ بايرىقىنى،
تۇتۇپ رىزۋانگۈل سەپنىڭ ئادىدا.
ئۇ بىر »قوماندان» قەدەم ئىزىنى ،
ئىزلاپ ماڭاتتۇق قالماي ئارقىدا.
«ئۈمىد مەكتىپى» ئانا مەكتىپىم ،
مەكتەپنىڭ گۇلى ئىدى رىزۋانگۈل.
ئۇ ئۇرغاندا توپنى مۇسابىقىدا،
ئالقىش ياڭراتقان، سۇنۇپ دەستەگۇل.
ئوقۇشتىن يېنىپ،شەيتانچاق مىنىپ،
غۇيۇلداپ ماڭاتتى، سالاملار بېرىپ.
«بىردەم تۇرمامسەن»،دەپمۇ قالاتتىم ،
زەڭگەر باشنىسىغا،كۆزۇمنى تىكىپ.
نويابىر ئېيى قۇياش قوينىدا،
ئارمانلار بىلەن بولدۇق پىدائىي.
ياقۇپجان ساتراچ،دوختۇر ئاكامغا ،
يەتكۈزۈپ دورا، ئاتىلىپ »ئوغرى».
ئايدۇروم جېڭى، ھەرەمباغلاردا ،
يۈرگەن ئىدى ئۇ، پەرىشتە كەبى.
ئۈچ دەرۋازىدىكى،ئاشۇ ئۆيۈمگە ،
كىرگەن ئىدىغۇ،ئۇ بىر چولپان ئەينى.
رىزۋانگۇل – ئۇ بىر لاۋۇلدىغان ئوت ،
ئۆچمەيدۇ پەقەت،ئۆچۈرمەيمىز ھىچ.
ئۇ قەھرىمان قىز، مىنىڭ مەبۇدەم ،
ئەۋلاد ياد ئېتىپ،ئالىدۇ كۈچ!
ئۆتتى تالاي يىل، ئەجدادلار قىنى؟
ئەزىز تەنلىرى،تۇپراققا سىڭگەن.
قىنى ئۇ، جەڭگاھتا، داستانلار يازغان؟
كۆز ياشلىرىدىن، بۇلاقلار ئاققان!
ياد ئەتتۇق ئۇلارنى تۇنۇگۇن، بۇگۇن ،
يەتمىدۇق ئارمانغا، يا چىقمىدى ئۇ كۈن.
قېنى سەن دادا، ئەسلىمە يازغان،
گۇل تىزىپ قەۋرەڭگە، بارىمىز بىر كۈن.
ھاكىم تۇرسۇن سادىرۇفنىڭ«مەن ھەقدار بولغان ئىشلار»ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا ئاساسەن 2021- يىلى ئاۋۇستىراليەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە يېزىلدى.