ئايگۇل ئالىم «تامچە»شىئېرلىرى

سەن ،مەن دېمە ،بىز دەپ ئۆتەيلى

ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلدۇق بىز ھەق،
شۇڭا ئۇيغۇر بولۇپ ياشايلى.
قىنىمىز ساپ ،دىلىمىز ھەم ئاق،
سەن مەن دىمە بىز دەپ ئۆتەيلى.

ياراشمىدى يىللاردىن بۇيان،
سەن بىلەن مەن بىلەن ماڭغان يولىمىز.
كەلگۈسىنى قانداق قۇرۇمىز،
سەن مەن دېمە بىز دەپ ئۆتەيلى.

ئاداشماقتا بۈگۈن بالىلار،
ئۇيغۇرلۇقتا ئىزسىز ئىزىقىپ.
قاچانغىچە يۈرەرمىز تېزىپ،
سەن مەن دىمە بىز دەپ ئۆتەيلى.

بىز دىمەككە قىينالساڭ ئەگەر،
مەن يولىدا چاقنىغىن گۆھەر.
ئۇتۇق پەقەت بۇ يولنى تۈزەر،
سەن مەن دېمە بىز دەپ ئۆتەيلى.


ياشا يەركەنىت ئۇيغۇرى
«تامچە»
سۆزلىرىدە بۇغداي ناننىڭ كۈچى با،
ئانا تىلغا  ھۆرمىتى با ،زوقى با،
ناخشا ئېيتسا يۇرت بۇلبۇلى مۇڭى با،
ھۆرمەت ساڭا  ياشا يەركەنىت ئۇيغۇرى.

ئۆيىدىكى بىزەكلەردىن كۆرىمىز،
ئۇيغۇر ئەسلى ئۆينى قانداق تۇتىمىز.
جامائەتلىك سورۇنلىرى بەك سەرخىل،
ئەل قەلبىنى سەمىمىيەتتە ئۇتىمىز .

رەستىلەردە نۇر چاقىنىغان  ھۈنەرلەر،
ئۇيغۇر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز گۆھەرلەر،
دىل يارىغا مەلھەم بولار شىپالەر،
ئاتا قىلغان ياشا يەركەنىت ئۇيغۇرى.

ئېتىزلىرىڭ باشلاپ كېتەر خىيالنى،
ئۇنتۇلدۇرۇپ ۋەتەنسىزلىك رىئالنى،
كۆردۈم ھەيران  ئاتام بېغى قايتقاندەك،
باغلىرىڭدا سەن ئۆستۈرگەن چىلاننى.

ئەمگەك سۆيگەن ئۇيغۇر يۈرەك يەركەنتلىك،
ھەركۈنلىرىڭ ئۆتكەي يەنە بەرىكەتلىك.
قېرىندىشىم ساپ قېنىمنىڭ پارچىسى،
ئامان قىلسۇن سېنى ئېگەم شەپقەتلىك.
       


ReplyForward


كۆككە تەشنا تەنھا ھېلال ئاي


           «تامچە»

غۇنچە بويلۇق ،ھېلال يۈزلۈگۈم،
مەن ئويۇڭدا،ئاتەشتە ياندىم.
قولۇمدا بار كۆك رەڭلىك قەلەم،
سېنىڭ ئۈچۈن داستانلار يازدىم.

قويىۋەتتىم بارچە ئۈنۈمنى،
سېنىڭ ئۈچۈن قاتقان كۈيۈمنى .
ئاھ نىگارىم قىينىلىپ يۈردۈم،
ئۇلىيالماي تاڭغا تۈنۈمنى.

رەنجىدىڭمۇ كەتتى دەپ مىنى،
ئۇنۇتتى دەپ قىلغان ئەھدىنى.
كۆز ياشلىرىڭ سۆزلەيدۇ ماڭا،
قان تامچىغان دەردۇ ھالىڭنى.

كۆككە تەشنا،تەنھا ھېلال ئاي،
مەن ھۆسنىڭگە ئاشىق بىقارار.
يەتمەك ئۈچۈن بىز كۈتكەن تاڭغا،
قەلبىمدە بار كۆك رەڭلىك پانار.

كەتتى دىمە، قالدۇرۇپ تەنھا،
مەن يېنىڭغا بارىمەن ھامان.
كۆك ئاسمانغا قوندۇرماق ھېلال،
بۇ يۈرەكتە ئاداققى ئارمان…..



ReplyForward
ئانام ۋەسيىتى

ھەسرەتلەرنى  مەن يۈدۈپ كەتتىم ،
يىغلىماستىن كۈلۈپ قال بالام .
جاھالەتتە خارلانغان روھنى ،
سەن  قايتىدىن قېزىپ ئال  بالام .

ئەلنى يۈتتى  يالـماۋۇز  بۇدەم ،
ئۇيغۇر بولۇپ ئۈنۈپ قال بالام .
كۆك ئاقارتقان تاملىرىم قالدى ،
رەڭگە  ئاينى قوشۇپ ئال بالام .

مەنسىز روھىڭ سۇلـمىسۇن پەقەت ،
دەرت ئەلەمدىن غالىپ كەل بالام .
يىراقلارغا   قەرزىدار     كەتتىڭ ،
ھەقنى شۇندىن يۇلۇپ ئال بالام .

ئۈزۈلـمىسۇن  سەندىكى ئۈمۈت ،
يورۇق تاڭنى كۈتۈپ ئال  بالام ،
قاراڭغۇلۇق  بىز بىلەن كەتسۇن ،
تاڭ نۇرىدا  يورۇپ  قال  بالام .

            – «تامچە »ReplyForward

جاۋاب يېزىش