شېئىرلار

راھىلە كامال

يېتەلمىدىم

كەچتىم ،دېدىم ھېچبىر سەندىن كېچەلمىدىم،

ساڭا سەۋدا بۇ كوچىدىن كېتەلمىدىم.

بۇ بىناۋا كۆڭۈلنى شاد ئېتەلمىدىم،

يېتەلمىدىم، ئوت مېھرىڭگە  يېتەلمىدىم.

مارجانلىرىڭ سىرتماق بولدى بوينۇمدىكى،

گۈل ۋىسالىڭ ئاپەت بولدى قوينۇمدىكى.

نەگە كەتتى گۈلگۈن جانان ئويۇمدىكى،

يېتەلمىدىم گۈل چېھرىڭگە  يېتەلمىدىم.

كەتمىكىمنى قىلغانىدىڭ سەن ئىختىيار،

يىتمەك بىلەن بولسام ئىدىم ھەم بەختىيار.

قارا سەۋدا ئۆمرىمىزگە بولدى يار،

يېتەلمىدىم ھۆر ئىلكىڭگە  يېتەلمىدىم.

خوش ئانا

ئاتا-ئانىسى لاگىرغا سولىنىپ، قارانچۇقسىزلىقتىن سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن 2 ياشلىق رەھمىتۇللاغا بېغىشلايمەن

مۇزلىدى تېنىم بىر نۇر ئىستىدىم،

ئازابتا جېنىمغا ھۇزۇر ئىستىدىم.

ئېرىدىم ئاقىۋەت ئاقتىم جەننەتكە،

خوش ئانا دىيەلمەي ئۆزۈر ئىستىدىم.

بالىلىق ، غەمسىزلىك يوقالغان نەۋاق،

سادايىم ، ئۈنلىرىم بوغۇلغان نەۋاق،

مەن ھايات ، نامىزىم ئوقۇلغان نەۋاق،

خوش ئانا دىيەلمەي ئۆزۈر ئىستىدىم.

ئانامنى ئەڭ كېيىن كۆردۈمكىن قاچان؟

ئاتامنى ئەڭ ئاخىر سۆيدۈمكىن قاچان؟

جەننەتتەك ھويلامدا يۈردۈمكىن قاچان؟

خوش ئانا دىيەلمەي ئۆزۈر ئىستىدىم.

ئانامنىڭ قارنىغا پاتقان بۇ تېنىم،

ئاتامنىڭ قوينىدا ياتقان بۇ تېنىم،

كىملەرنىڭ كۆزىدە قاتقان بۇ تېنىم،

خوش ئانا دىيەلمەي ئۆزۈر ئىستىدىم.

رەھمىتۇللاھدۇر ئىسمىم ئۇنۇتماڭ،

ئىككى ياشتىدۇر جىسمىم ئۇنۇتماڭ،

قاپقارادۇر قىسمىتىم ئۇنۇتماڭ،

خوش ئانا دىيەلمەي ئۆزۈر ئىستىدىم.

جەننەتتىمەن، ئانامدىن ئۆزۈر ئىستىدىم ،

قەلبىڭىز يىرتىلار ئاھ رەھمىتىم ، دەپ.

شىرباقى دادامدىن مۆھۈر ئىستىدىم ،

ئەنتىمنى ئالماققا ئاھ رەھمىتىم، دەپ.

مېنى بار قىلغان ، باردىن يوق قىلغان،

مۇھتاجدا بولساممۇ يەنە توق قىلغان،

بەك قىسقا ئۆمرۈمگە مېنى زوق قىلغان،

ئاللاھىم ئانامنى سىزگە تاپشۇردۇم.

ئاللاھىم ئاتامنى سىزگە تاپشۇردۇم.

جاۋاب يېزىش