مۇھەببەتنىڭ مەھبۇسى (2)

رەنا غوپۇر


گۈلسۈم «شاكىلات» ئۆيىدىكى بەش بالىنىڭ كەنجىسى. « شاكىلات» ئۇنىڭ قاراقۇمچاق كەلگەن چىرايلىق يۈزىگە ئامراقلىغى كەلگەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا قويغان لەقىمى. ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىت، پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلۇپ بولغان مەزگىل بولغاچقا، ئاپىسى يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ بوشىنىپ بولغاندىن كېيىن، « سىڭلىمنىڭ بالىسى، بېقىۋالدۇق» دەپ ئەكەلگەنىدى. بۇ ئائىلىدە گۈلسۈمدىن باشقا ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنت بار. بالىلار قەرت شىلىغاندەكلا بىر قىز بىر ئوغۇل، بىر قىز بىر ئوغۇل تەرتىپ بويىچە تۇغۇلغان ئىدى. گۈلسۈم تۇغۇلغاندا ئاتا- ئانىسىمۇ ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان، ئاكا – ھەدىلىرىمۇ چوڭ بولۇپ كەتكەچكە، ئۇنى ئەركىلىتىپ يۈرۈپ چوڭ قىلدى. گۈلسۈم بوي-تۇرقى، چىرايىلا ئەمەس، ئويۇن تاماشىدىمۇ مەھەللىدىكى قىزلارنىڭ ئالدى ئىدى. دادىسى ئۇنىڭغا خاپا بولسا باشقىلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ياكى گۈلسۈم ئۆزى ئەركىلەپ يۈرۈپ ئۇنى ئاچچىقتىن ياندۇراتتى. ئاتا – ئانىسىمۇ گۈلسۈمنى سەل چوڭ بولسا ئوڭشىلىپ قالار دەپ بەك ئەندىشە قىلمىدى.

ئەمما گۈلسۈم چوڭ بولۇپ ئوڭشالغىنىنى ئاتا – ئانىسىغا كۆرسىتىشكە پۇرسەت بەرمەيلا غايىپ بولدى. شۇنداق، ئۇ قېچىپ كەتتى. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بىنا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىگىلى كەلگەن توقسۇنلۇق بەكرى، خۇشچاقچاق مىجەزى بىلەن گۈلسۈمنى ئۆزىگە قارىتىپلاۋالدى. ئىككىسى ئانچە مۇنچە ئىش – پەش تارتىشىشلار باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ، نەچچە ۋاق تاماق يىيىشىپ، نەچچە مەيدان كىنو كۆرۈشۈپلا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى ئىكەنلىگىگە ھىچقانداق گۇمانى قىلىشمىدى. دادا بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قاتتىق چېچىلدى. سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ گۈلسۈمنى ھويلىدا قوغلاپ يۈرۈپ ئۇردى. ئاپا ئوتتۇرىغا كىرىپ يىغلىدى، دادىغا يالۋۇردى، گۈلسۈمنى تىللىدى، بەكرىنى قاغىدى. شۇنىڭ بىلەن گۈلسۈمنىڭ ئەركىنلىكى چەكلەندى. ھەدىلىرى ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ بەكرىنىڭ گۈلسۈمگە ماس كەلمەيدىغىنىنى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا توقسۇنغا كەتسە ئۆيدىكىلەرنى كۆرۈشى تەس بولىدىغىنى……. تەكرار چۈشەندۈردى. گۈلسۈم ھەلا دىدى. ھالبۇكى ھەپتىدىن كېيىن بەكرى تېخى پۈتمىگەن قۇرۇلۇشتىكى ئىشنى تاشلاپ، گۈلسۈمنى ئېلىپ بۇيەرگە قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كۆزدىن غايىپ بولدى.
گۈلسۈمنىڭ توقسۇندىكى ھاياتى ئاشۇنداق تۇيۇقسىز باشلاندى. بەكرىنىڭ ئائىلىسىمۇ ھالىنى ئارانلا ئېلىپ كېتىپ بارغان كىشىلەر ئىدى. بەكرى تېخى بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، كەينىدە ئىككى سىڭلىسى بار ئىدى. ئاچىسى يەنە بىر يېزىغا ياتلىق بولۇپ كېتىپتىكەن. گۈلسۈمنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ بەئەينى توقسۇننىڭ بورىنىدەك كەلدى – دە، بەكرىنىڭ باشلىرىنى دۈشكەللەپ، قۇلاقلىرىنى يۇلۇپ، باشلىرىغا شاپىلاقلاپ تىللاپلا كەتتى. گۈلسۈمنىمۇ ئىنىسىنىڭ بېشىنى قايدۇرغان قانجۇق دەپ دىمىگەن ھىچنىمىسى قالمىدى. بەكرىنىڭ ئاپىسىمۇ قىزغا ئۇستاز بولغىدەك بىشەم ئىدى. ئاغزىدىن چىقمىغان ھىچ گەپ قالماي تىللاپ چارچىغاندا توختىدى. ئۇلار نىيىتىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇيەرگە كېلىش گۈلسۈمنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدا توي ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. خوشنا خۇلۇملار سۆز چۆچەك قىلىپ بولغىچە نىكاھنى ئوقۇتۇپ قويىشى كېرەك. ئايرىم تۇرۇشقا ھالى يەتكۈچە مۇشۇ ئۆيدە بىللە تۇرىدۇ.
بەكرىنىڭ ئاپىسى ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئوغلىنىڭ ئۆزىگە خوتۇنلا ئەمەس، ئائىلىگە بىكارلىق خىزمەتچى ئېلىپ كەلگىنىنى بايقاپ، بەكرىنى ماختاشقا چۈشتى. گۈلسۈم غۇلجا ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بەك ئىشچان ئىدى. ئاپىسى ھەنىم بولسا ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق قىلىپ تەربىيلەپتىكەن. قىسقا ۋاقىتتىلا قېيىن ئاتا- ئانسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. قېيىن ئاچىسى دائىم كېلەلمىگەچكە ، ھەر بىر كەلگىنىدە يەنە نەشتىرىنى سانجىۋېلىپ كېتەتتى. ئەمما ئاپىسى ئۇنىمۇ بېسىقتۇرۇپ كەتتى.
گۈلسۈم يۇرتىنى سېغىندى، ئاتا ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، دوستلىرىنى سېغىندى. ئاپىسى ياققان نان، ئەتكەن قايماق چاي، بېغىدىكى تاشئالما….. ھەممىنى سېغىندى. بۇ سېغىنىش چوڭ ئوغلىغا ھامىلدار بولغاندا كۈچىيىپ كۆزىدىن ياش قۇرىمىدى. قېيىن ئانىسى «ھەممە ئايال مۇشۇنداق قىينىلىپ تۇغقان خېنىم، چىداڭ» دەپلا قويدى. بىركۈنى ئۇ يۈكۈنۈپ يەر سۈرتىۋاتقىنىدا بىر قاتتىق تولغاق بىلەن چىقىراپ كەتتى. تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى تۇتقۇزغىنىدا ئۇ پۈتۈن سېغىنىش، قايغۇلىرىنى بىردولا يىغلاپ چىقىرىۋالدى.
بەكرى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ قانداق ئەرلىكىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئۇ ھورۇن، قولدىن ئىش كەلمەيدىغىنىغا قارىماي ئىش تاللايدىغان، ئاش تاللىمايدىغان رېزىنكىدەكلا بىر ئەر ئىدى. ھىچقانداق يەردە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئىشلىيەلمەيتى. ئۇلار يېڭى ئۆي ئايرىپ چىققاندا گۈلسۈم يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ، قورقۇتۇپ يۈرۈپ بەكرىنى سەل يولغا سېلىۋالدى. بالىسى چوڭراق بولغاندا گۈلسۈممۇ ئىش ئىزدەشكە باشلىدى. ئاخىرى بەكرى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پار قازىنىنى قالايدىغان، گۈلسۈم ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ تازىلىغىنى قىلىدىغان بولدى. بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بىناسىدا ھەممە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولۇپ، گۈلسۈم ئىشچانلىغى ۋە خۇشخۇيلىغى بىلەن ھەممىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بەكرىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە گۈلسۈمگە ئېچىناتتى. چۈنكى گۈلسۈم بەكرىنىڭ يېڭى ئادىتىنى بەكمۇ كېچىكىپ بايقىدى. ئۇ ھاراقكەش ھەم مەس بولسىلا گۈلسۈمنى ئۇراتتى. گۈلسۈم تاياق يىسە يىغلايتتى، قاغايتتى. ئەتىسى يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ياغلىغىنى چىڭ تېڭىپ ئىشقا چىقاتتى. بالىلار ئىككى، ئۈچ بولدى. چوڭ ئوغلى 13 كە كىرەي دىدى. كىچىك قىزى سەككىز ئايلىق بولغاندا غۇلجىدىن تېلىفون كەلدى. گۈلسۈمنىڭ ئاپىسى سەكراتتىكەن. ئۆلۈم ۋە نەزىردە گۈلسۈم بەك يىغلىدى. ئۇ ئۆزىنى گۇناھكار دەپ ئويلايتى. « مەن قاخشاتمىغان بولسام ئاپامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرى سەل ياخشى بولارمىدى» دىگەن سۇئال ئۇنى قىينايتى. دىمىسىمۇ ئاپىسى گۈلسۈمنىڭ دەردىدە ئاغرىقچان بولۇپ كەتتى. دادىسىنىڭ تاپا تەنىسى تۈگىمىدى. ئارىلىقتا توقسۇنغا بارغان بىر مەھەللىدىشىدىن گۈلسۈمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولمايلا قالماستىن ، بەلكى يامانلىغىنى بىلىپ تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتتى. گۈلسۈم ئاپىسىنىڭ قىرىقىدىن كېيىن قايتتى. دادا باشتىن ئاخىرى ئۇنىڭغا قاپىغىنى ئاچمىدى. قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا ئېچىنسىمۇ، گۇناھ ئۇنىڭدا بولغاندىن كېيىن يان باسالمىدى. بەكرى ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆزگەرمىگىنى يەنە غورىگۈل تۇرمۇش ئىدى.
(داۋامى بار)

One Reply to “مۇھەببەتنىڭ مەھبۇسى (2)”

جاۋاب يېزىش