بەختنىڭ ئۈچ خىل رەڭگى

گۇلمىھرە

          بەخت – ئۇ بىرخىل تۇيغۇ.  بۇ تۇيغۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىسىدە يىلتىز تارتىپ بىخلىنىدۇ، كېيىنكى پۈتكۈل ئۆمرىدە شۇنىڭ مېۋىسىن تېتىپ ياشايدۇ. شۇڭا بالىلىقتا قەلبكە تېرىلغان بەخت ئۇرۇقىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى، پۈتكۈل ئۆمرىڭىزدىكى بەخت تۇيغۇڭىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ.

      مەن ئەسلىدە ئاپام – دادامنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان، ئۇلار بىلەن مەڭگۈ بىرگە ياشاشنى ئارۇ قىلىدىغان بىر قىز ئىدىم. گەرچە ئەسلىدىكى ئائىلە مۇھىتمىدىن ئايرىلىپ، يالىق بولۇپ، يىڭى بىر ئايىلىدە ياشاۋاتقان بولساممۇ، دائىملا ئۆتمۈشۈمنى، ئاتا – ئانامنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ ۋە شۇ تۇيغۇنى سېغىنىپ: « ئەگەر ئۇلارنى كۆرەلىگەن بولسام، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسان بولغان بولاتتىم» دەپ ئويلايتتىم. مەن ئۈچۈن بەخت پەقەت ئاتا – ئانامنىڭ يېنىدا بولۇشلا ئىدى.

          بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدىن ھېچ ئايرىلالمايتتىم، بالىلىلىرىمغا دائىم كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلارنى، چوڭ ئاپىسى – چوڭ دادىسى توغرسىدىكى ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتىم. شۇ ئۆتمۇشۈمنى ئەسلىگىنىمدە، ئۆزەمنى شۇنچىلىك خۇشال، كۆڭۈللۈك ھېس قىلاتتىم.  ئەكسىچە ھازىرقى ھاياتىمدىن ئۇنداق ھۇزۇر ئالالمايتتىم. ئائىلىدە دائىم چېچىلاتتىم، قاقشايتتىم، ھەتتا بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆڭۈللۈك ساياھەتكە چىقساقمۇ «شۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ئاتا – ئاناممۇ تەڭ ھۇزۇرلانغان بولسا» ياكى ئوخشىغان تاماق ئەتسەم « ئاتا – ئانام بولغان بولسا، ئالدى بىلەن بىر قاچا سۇنۇپ بەرسەم» دېگەندەك تۇيغۇلاردا، ھاياتىمدىكى، ئاتا – ئانامنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزگەن گۈزەل خاتىرىلەرنى ئەسلەپ، خۇددى ئۇلارنى مەن تاشلاپ كەتكەندەك، مەن ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندەك، ھەتتا ئۆزەمنى گۇناھكار ھېساپلايدىغانقەلبىمدىكى روھىي يۈكنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە دائىم «مەن نىمىشقا …» دېگەندەك سوئاللار بىلەن ئۆزۈمنى ئازاپلاپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم.  ئۆتمۈشتىكى خاتىرىلىرىم ئىچىدىن ھازىرقى ئەمەلىيەتكە  ھېچ يۈزلىنەلمەي ياشاۋاتقىنىمغا  خېلى يىللار بولۇپ قالغان ئىدى.

          شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە توساتتىن  كەلگەن بىر  تېلېفوندىن كېيىن ھوشۇمنى تاپتىم دېسەممۇ بولىدۇ. تېلېفون قىلغان دوستۇم دىلرابا ئىدى:

       – ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!-  دوستۇم سالامدىن كىيىنلا جىمىپ كەتتى.

!          – ئالو ئاداش، بارمۇ سەن؟ گەپ قىلە! ئالو

           تېلېفوندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.   

        – ئاداش، نېمە بولدى؟ گەپ قىلە، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟-  ئۇنىڭدىن يەنە سادا چىقمىدى.   

          ئاچچىقىمدا جىددىيلىشىپ ۋارقىراشقا باشلىدىم:

          – گەپ قىلە! بالىلارغا بىر ئىش بولمىغاندۇ؟

…. ياق ئاداش ھەممىسى ياخشى، ئەنسىرىمە. شۇ….          – 

           –  نېمە شۇ، ئاداش تىلىڭنى چاينىمىغىنە، بىلىسەن، بۇنداق قىلساڭ بەك جىلە بولۇپ كېتىدىغىنىمنى. ئەمدى گەپ قىلە.

– بۈگۈن دوختۇرغا تەكشۈرتۈشكە بارغانتىم، دوختۇر: «كېسىلىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ» دەيدۇ،- ئۇ شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتى.

       مەن بۇ كۈننىڭ بۇنچە بالدۇر كېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم، ئۇنىڭغا قانداق تەسەللىي بېرىشىمنىمۇ بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. خۇددى ھازىرلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك يۈرىكىم ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى.

     – ئاداش يىغلىما، مەن ھازىرلا ئۆيۈڭگە باراي. ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى- دېيەلىدىم.  

بالىلارنى دادىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. ئۇنىڭ تاتىرىپ، سارغىيىپ كەتكەن سۇلغۇن ھالىغا قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. بالىلار ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز: «گۈل ئاپا!» دەپ ماڭا ئېسىلىپ، چۇقۇرىشىپ كەتتى.

        دىلرابا بەك ئاقكۆڭۈل، نازۇك، ھەمىشە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپلا يۈرىدىغان، يولدىشى بىلەن بىرەر قېتىممۇ سەن – پەن دېيىشىپ باقمىغان، بالىلىرىغا پۈتۈن ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان مېھرىبان ئانا ئىدى.

               ئۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:- ئاداش، بىلىسەن. مەن تىرىشتىم، ئەمما بولمىدى، مېنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ئىدى. دىلدار، دىلناز ساڭا ئامانەت جېنىم دوستۇم! – دەپلا يىغلاپ كەتتى.     

        مىنىڭ گەرچە ئۇنىڭغا :«ياق، ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۇنداق دېمە! سەن بولمىساڭ بىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ ۋارقىرىغۇم كەلگەن بولسىمۇ، ئۈن چىقىرالمىدىم. مەن پەقەت ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىمچە، كۆزلىرىگە قاراپ  تۇرۇپ: «خاتىرجەم بول. كۆزۈڭ  ھەرگىز ئارقىدا قالمىسۇن» دېيەلىدىم.

        بىز بىر – بىرىمىزنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كەتتۇق. ئۇ بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدى. كرىسلودا ئۇخلاپ قالدى. مەنمۇ ئۆيگە قايتتىم . ئۆيگە كېتىۋاتىمەن، كاللام قۇپقۇرۇق. تۇيۇقسىز ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ بىزنى تاشلاپ كېتىشگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى. شۇ دەملەردە ھاياتنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. قەدەملىرىم ئېغىرلىشىپ، ئۆيگە ئاز قالغاندا، يېقىندىكى بىر باغچىدا ئولتۇرۇپ، ھاياتىمدا تۇنجى قىىتم ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.

        مەن ئۆزۈم ئۈچۈن «ئەگەر مەن ئاغرىپ قالسام ياكى مەن يوق بولۇپ قالسامچۇ؟» دېگەنلەرنى ھېچقاچان ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. كاللامدا پۈتۈنلەي: «ئەگەر ئاتا – ئانامغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ئۇلار ئاغرىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟» دېگەن خىياللا بار ئىدى. مەن ھەتتا ئۆزەمنىڭ يىراقتا-  ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئاتا- ئانامغا  بىر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېنىمدا، ھەر دائىم  مەن بىلەن بىللە ياشاۋاتقان  يولدىشىم ۋە پەرزەنتلىرىمنى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. «ئەگەر مەن كېتىپ قالسام، مېنىڭ بالىلىرىم قانداق قىلىدۇ؟ يولدىشىمچۇ؟» دىگەن بۇ سوئال

مېنى قاتتىق چۆچۈتتى.

      قەدىرلىك ئوقۇرمەن،  سىزمۇھاياتىڭىزدا  مەندەك تۇيغۇلاردا بولۇپ باققانمۇ؟ مەن بەختىمنى دائىم يىراقلاردىن ئىزدىگىنىمنى، بىر بولسا ئۆتمۇشتىن، بىر بولسا كەلگۈسىمگە باغلاپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى بەختىمنى سەزمەي، شۇ ئىللىق ئائىلەمدە پەرزەنتلىرىم بىلەن ئىسسىق بىر ۋاق تاماقنى خۇشال – خورام يېيىشنىڭ، بالىلىرىمنىڭ ھىدلىرىنى قانماي پۇراپ، قۇچاقلاپ سۆيۈشلىرىمنىڭ ئۆزىلا بىر بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغانلىقىم قاتتىق  ئۆكۈندۈم.

        شۇ كۈندىن باشلاپ مەن بەختنىڭ پەيزىنى ئۆز  ۋاقتىدا سۈرۈشنى ئۆگەندىم. مەن ئۈچۈن بەختنىڭ ئۈچ خىل رەڭگى بار. بۇ رەڭلەر مېنىڭ ئۈچ پەرزەنتىم. ئۇلار مەن ئۈچۈن رەڭگارەڭ گۇللەر بىلەن تولغان گۈزەل بىر باغچىغا ئوخشايدۇ. بۇلار ھەرۋاقىت ئائىلەمگە ئازادىلىك، ھۇزۇر، خۇشپۇراق ئاتا قىلىدۇ.

        شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۆيدە ھەمىشە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، بالىلىرىم بىلەن بىللە ئوينايدىغان، سىرتلارغا چىققاندا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن  ۋاقىتنى خۇشال ئۆتكۈزىدىغان، خۇشچىراي بىر ئانىغا ئۆزگەردىم. ئەسلىدە مەن قانچە خۇشال بولسام، ئەتراپىمدىكىلەرگىمۇ شۇنچە خۇشاللىق تارقىدىكەنمەن. بەلكىم ئاتا – ئاناممۇ مېنىڭ خۇشاللىقىمنى كۆرسە، مەندىن خاتىرجەم بولىدىغىنىنى چۈشەندىم.

        ھەر بىر ئادەمنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. مەن دەيمەنكى،  ھازىردا ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، قانائەتنىڭ ئۆزى چوڭ بىر نېمەت. ئەلۋەتتە ساغلاملىقىممۇ شۇنداق. ھەر سەھەردە سالامەت ئويغىنىپ، يەر – زېمىنغا سېخىيلىك بىلەن ئىللىق نۇرىنى چېچىۋاتقان قۇياشنى كۆرگەنلىكىمنىڭ ئۆزى تېپىلغۇسىز بىر بەخت.

جاۋاب يېزىش