— ئىنسانلىقى چەيلەنگەن ھەمشىرلىرىمگە ئاتاپ
راھىلە كامال
ياشلانغان كۆزۈڭنى ئويلىيالمايمەن،
سەن مېنى چاقىردىڭ ئۈمىدتە چوقۇم.
ئەلەمدە تىترەيمەن جىم تۇرالمايمەن،
نە مەنا ھاياتتا بارىم ھەم يوقۇم؟
شۇ كېچە يۇلتۇزلار تۆكۈلدى كۆكتىن،
گۈللەرمۇ ئۆزىنى يۇلدى بەرگىدىن.
سەزدىممەن ئۆزۈمنى شۇنچە نائىلاج،
ئايرىلغاچ سېنىڭدىن، ھۆرلۈك،ئەركتىن.
ئىنسانلىق ھەققىدە سۆزلىمە دۇنيا،
زىبالىق ھەققىدە كۈيلەر يىغلىسۇن،
چىدىماي قەلەممۇ يىرتتى قەغەزنى،
ئۆلگەن قەلبلەر، ۋىجدان ئىڭرىسۇن!