ئابىدە ئابباس نەسىردىن
ياش شائىرە ئابىدە ئابباس نەسىردىننىڭ شېئىرلار توپلىمى ئاخىرى نەشىردىن چىقتى. بۇ ھەقتە باشقا ئالىملار ئۇنىڭغا نۇرغۇن يۈكسەك باھالارنى بەردى ۋە ياردەملەردە بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ بۇ يەردە دىگەن ھەرقانداق بىر ئېغىز سۆزۈم مۇئەللىپنىڭ ئۆزى توغۇرسىدا ۋە شىئرىيەت توغۇرسىدا يازغانلىرى ئالدىدا خۇددى رەڭگىنى يوقاتقان قوياشقا ئوخشاپ قالغىدەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئابىدە سىڭلىمنىڭ بۇ ھەقتە ياغىنىنى بۇ يەردە ئەينەن قويۇشنى ئەڭ مۇئاپپىق دەپ قارىدىم.—-دىلدار ئەزىزدىن
ئەدەبىيات سۆيەر ئىكەنلىكىمنى ئېتراپ قىلىمەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى دادام ۋە تاغىلىرىمدىن قايسىدۇر بىرىنىڭ رەسىم سىزىۋاتقان ، قوشاق دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان ، دۇتار – تەمبۈر، راۋاپ- ساتارغىچە قولىدىن چۈشۈرمەي چېلىۋاتقان، پات – پات يۇرت سەھنىلىرىدە نومۇر ئورۇنلاپ تۇرىدىغان سەنئەتكار چوڭ ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
كېچىلەردە ئويغانغىنىمدا دادامنىڭ كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغىنىغا تالاي قېتىملاپ شاھىت بولۇشۇمغا قوشۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز بولۇشى سەنئەت تۇيغۇمنى ۋە سەنئەت سۆيگۈمنى كۈچەيتىشىمگە تۈرتكە بولغان يەنە بىر ئامىل دەپ قارايمەن .
بالىلىقىمدىن تا بۈگۈنۈمگە قەدەر تەكشىلىك ئۈستىدە داۋام قىلمىغان ھايات مۇجادىلىسى ئىچىدىكى بىرىمەن. نۇرغۇن كىشلەر باشتىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزىۋاتقان ھايات كارتىنىلىرىغا مەنمۇ ئېلىنغۇچىمەن .
مەن ئۈچۈن ئېيىتقاندا شېئىر رىئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇر ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى زەرەتلەنگەن چاغدا چېقىلىپ چىققان چېقىندۇر.
كىچىكىمدىنلا خىيال سۈرۈشكە تەسەۋۋۇر قىلىشقا ، يالغۇزلۇققا ئامراق ئىكەنلىكىمنىڭ كەلگۈسىدە شېئىر يېزىشىمدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتىم .
مەن ئۈچۈن شېئىر بەك گۈزەل ، بەك ياخشى نەرسىمۇ ئەمەس ،كۆرۈمسىز، يامان نەرسىمۇ ئەمەس ، گۈزەل بىلەن كۆرۈمسىز ، ياخشى بىلەن يامان ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىمۇ ھەم ئەمەس .
شېئىر تەبىر بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز مەجھۇللۇق بولۇشىغا قارىماي، شائىرنىڭ مەڭگۈ يوقۇتۇپ قويالمايدىغان مۈلكىدۇر .
شائىرنىڭ ساپ تۇيغۇسى ۋە مەغرۇرلۇقىدىن باشقا كۆپ نەرسىسى بولمايدۇ . ئۇ نۇرغۇن نەرسىلىرىنى يوقىتىدۇ، ۋاز كېچىدۇ، ئېرىشىدۇ ، تاللايدۇ . شېئىردىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، ئۆز جىنسىنى مىللىتىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغاندەك شېئىر بىلەن قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، يوقىتىپ قويالمايدۇ.
ئۇ شېئىرلىرى بىلەن شائىر ئاتالغان بولسىمۇ ،ھاياتىدا شائىر بولسامكەن دەپ بىرەر قېتىم ئارزۇ قىلىپ باققان ئەمەس ، ئۇ يېزىش ئۈچۈن ئولتۇرغىنىدا مۇنداق بىر شېئىر يازىمەن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ يازغانلىرى يېزىپ بولغىنىدىن كېيىن شېئىرغا ئايلانغان .
بەلكىم بۇ مېنىڭ ئىچىمگە سىغمايۋاتقان ، مېنى ئىچىگە سىغدۇرمايۋاتقان ئىچىمدىكى شائىردۇر.
مەن شېئىر يېزىش سەۋەبىمنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمەن ، پەقەت ،يازغۇم كەلگىنى ئۈچۈنلا يازىمەن ، شېئىر چەكسىز بىر يول، چەكسىز بىر بوشلۇق بولۇپ ،بۇ بوشلۇققا توختاۋسىز ھەرىكەتتىكى ھەسسىلىنىپ تۇرىدىغان چوڭايغۇچى ۋە كىچىكلىگۈچى ،سەنئەتلەشكۈچى ۋە رەزىللەشكۈچى ، ياخشى -يامان ، ئادالەت ۋە زۇلۇمنىڭ يۇقىرى پەللىلىرى توشقۇزۇلغان بولىدۇ .
بەلكىم شېئىر بىر قۇلنىڭ چۈشىدىكى ئەركىنلىكتۇر.
ھەر قېتىم شېئىر يېزىۋاتقاندا، شېئىر يېزىۋاتقىنىمدىن، شېئىرنى تاشلىيالمىغىنىمدىن ئېچىنىپ تۇرۇپ شېئىر يازىمەن .
شېئىرىم ئۈستىدىن ئۆرلىگەن كۈلرەڭ ئىسلار ئىچىمدە توختىماي ئايلىنىدۇ .
مىسرالارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىيالىغۇدەك قۇدرىتى يوق تۇرۇقلۇق ، قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. بۇ قۇتۇلۇش ۋە قۇتقۇزۇش مۇناسىۋىتى ھەققىدە كۆپ كىشىلەرنىڭ سۆز قىلمىغىنى ياخشى .
بىرىنىڭ شېئىر يازغىنىغا قىزىقىش، تەگسىز قاراڭغۇلۇققا قىزىقىش.
شائىرنى ماختاش جاراھەتنى ماختاشتۇر .
بۇ قەدەر تۇيغۇنلۇق شائىرلاردا ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ئەمما تۇيغۇنلۇق مېنى ئۆزۈمدە يۈتتۈرىۋېتىدۇ. تېپىۋېلىنىشىم يەنە شېئىر يېزىشىم ئۈچۈندەك ، تەگسىزلىككە ئۇرۇلۇش بىلەن قايتا ئۆزۈمدە يۈتۈپ كېتىشكە باشلايمەن.
مەن بۇ كىتابىمنى ماڭا ئاتا ھەم ئانا بولغان، ئون يىلدىن بۇيان كومىنىسىت خىتاينىڭ «تۈرمە، جازا لاگىرى ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى » دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان قاراڭغۇ زىندانلىرىدا ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان، توك كالتەكلىرى بىلەن رەڭلەنگەن كۆك تەنلىك دادامغا بېغىشلايمەن .
ئىلگىرى دادامدىن ئايرىلىپ قېلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ قورقۇپ كەتكىنىمدە ، ئايرىلىشنى ئەجەل بىلەنلا بولىدۇ دەپ ئويلايدىغان بولسام كېرەك ، شېئىر يېزىشىم : «دادامدىن ئاۋۋال مېنىڭ جېنىمنى ئالغىن »دەپ قىلغان دۇئالىرىمنىڭ ئىجابىتى ئىكەنلىكىنى دادامدىن ئايرىلغان دەقىقىدىن باشلاپ بىلدىم ..
مەتبۇئاتلاردىكى ئەسەرلىرىم سىزنى خۇشال قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن تۇنجى كىتابىمنى سىزگە بېغىشلايمەن .
كىتابىم كىتاپخانىغا قويۇلۇپ كىتاپخانلار ئوقۇۋاتقان چېغىدا، كىتابىم بېغىشلانغان سىز ئوقۇيالمايسىز .ئەمما، بېغىشلانمىنى تۇيۇپ قالىدىغانلىقىڭىزغا ، ھېچ بولمىغاندا «دادا ! »دېگەن ئاۋازىمنىڭ قۇلقىڭىزغا ئاڭلىنىدىغانلىقىغا ، چۈشىڭىزگە ئۆتمە – تۆشۈك بىر ئۈمىدنىڭ قىزىڭىز سۈرىتىدە كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
دائىم ئېيىتىدىغىنىڭىزدەك :«ھەقىقىي ئايرىلىش ئاخىرەتتە » . مەڭگۈلۈك ۋىسال ئۈچۈن تىرىشىپ ياشاۋاتقان قىزىڭىزنىڭ ئەجرىڭىز ئالدىدا ئېغىزغا ئالغۇسىز كىچىك بىر ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
مىڭ مىسرا تۈزۈپ باقتىم ،
بىر مۆجىزە كۈتتۈم ..