ﺭﺍﺷﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﺘﻮﯞﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﯧﻤﻪﺗﻮﯞﺍ
ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻪﺭ، ﺋﺎﻳﻼﺭ،ﺋﯚﺗﻪﺭ، يىل ﺋﯚﺗﻪﺭ….
«ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﻤﻤﯘ» ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯚﺗﻪﺭ.
ﻛﯜﻟﮕﯜﻧﯩﻤﻤﯘ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ،
ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ، ﻛﯚﺭﮔﯜﻧﯩﻢ.
ﺋﺎﻟﺪﯨرﻏﺎﻧﺪﯨﻢ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ،
ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ يۇﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻨﻰ.
ﮪﻪﻗﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ،
ﺭەنجىپ،ﺳﯚﻛﯜﭖ ﻣﯩﯔ ﻛﺎﻳﯩﺪﯨﻢ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ.
ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻻﭖ ﺗﺎﻻﻱ ﺷﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ،
يېقىلغاندا ﭼﯩﺸﯩﻢ چىشلەپ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﺪﯨﻢ.
ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ،
ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎﻻﻱ،ﺗﺎﻻﻱ ﺳﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯚﺗﺘﻰ ﺋﯚﻣﯜﺭ،ﺋﯚﺗﺘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻏﯘﻳﯘﻟﺪﺍﭖ،
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ.
ﺋﻪﺭﯨﺰﯨﻢ ﻳﻮﻕ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﻮﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ،
ﺭەنجىمەيمەن ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ زارلاپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ.
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ،
ﻧﻪ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻱ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎﺩﺍ،
قەدىرسىز بوپ ﻣﺎﯕﻤﯩﺴﺎﻗﻜﻪﻥ ﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ.
2019