دىلدار ئەزىز
بۈگۈن بىز سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىىسى ئالدىدا – كۈمۈش رەڭ مەر – مەر تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان ئەشۇ ھەيۋەتلىك بىنانىڭ ئالدىدا ياڭراق ئاۋازىمىز بىلەن سالىھ خودايارغا ئەگىشىپ «تۇتقۇن قىلىنغان قېرىندىشىمىز ھەمدۇللاھ ۋەلى، نۇرمۇھەممەت روزىلانى تىزدىن قويۇپ بەر! ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختات! خىتايغا غالچىلىق قىلىشنى توختات! ئەگەر سەن راست مۇسۇلمان بولساڭ،نومۇسنى بىل!» دەپ جاراڭلىق ئاۋازدا ۋاقىرىدۇق. بىزنىڭ بۇ قارشىلىق نامايىشىمىز بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە، خۇددى مازارغوجامغا تاش ئاتقاندەك قورقۇنۇچلىق بىلىنسىمۇ،ھەتتا بىزنىڭ نامايىش چاقىرىقىمىزغا قارىتا بەزىلەر جامائەت سورۇنلىرىدىلا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بۇ نامايىشنى «خاتا»غا چىقارغان بولسىمۇ، بىزنىڭ يەنىلا مۇشۇنداق دىيىشكە ھەققىمىز بار ئىدى. چۇنكى ئەشۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇقەددەس بىلەن بىلىنگەن مەككىدە، بىزنىڭ يۇقارقى ئىككى قېرىندىشىمىز دەل ئۆتۇپ كەتكەن جۇمە كۈنى( 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى) شۇ يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار جوڭگوغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپى ئاستىدا تۇراتتى.
دىمىسمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كىتاۋى- قۇرئانىكەرىم ئاپىرىدە بولغان مۇقەددەس جاي مەككىگە پۈتۈن ۋۇجدانى بىلەن، روھى ۋە تېنى بىلەن ئتىقاد قىلىپ كەلدى. ۋەتەندە قولى ئازىراق پۇل كۆرگەن ئۇيغۇرنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى، بالىلىرىنى ياخشىراق مەكتەپتە ئوقۇتۇش،شۇ پۇلىنى مەبلەغ سلىپ بىرەر ئىگىلىك يارىىتىش ئاقىلىق ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ھەج تاۋىبى قىلىش بولدى. مېھرىبان پەرزەنتلەرمۇ قولىغا پۇل كىرگەن ھامان ئاتا ئانىسىنى ھەجگە يولغا سېلىشنى ئۆلىرىنىڭ ئاتا -ئانىلىرىنىڭ ئەجرىنى قايۇرۇشتىكى بىردىن – بىر بۇرچى، چوڭلارغا بولغان مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، دەپ بىلدى. ھەتتا ھەجگە قانۇنلۇق بارالمىغانلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ھەجگە بېرىش يوللىرىنى ئىزدىدى. بۇ يولدا ئۇلار ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا كۆپلەپ پارە بىرىشتىن،باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىقىش باھانىسى بىلەن ھەجگە بارغىنى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن خىتاينىڭ تۇمىلىرىغا تاشلىنىشتىنمۇ قورقمىدى. چۇنكى شۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەج تاۋىبىغا، ئاللاھغا بولغان كۈچلۈك بىر ئىتىلىش بار ئىدى. بۇ ئىنتىلىش ئتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئتىقادنى ھچقانداق بىر زوراۋان كۈچ توسۇپ قالالمايىتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلانىڭ دىننى ئتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادىتى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار يۇرەكلىرىگە كۆمۈلۈپ ياتقان، ھەر بىر نەپەستە ئۆزلىرىنى قىيناۋاتقان دەرتلىرىنى شۇ ھەج تاۋابى جەريانىدىكى ئاللاھغا دەرت ئەيتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق يىنىكلەتمەكچى بولاتتى. بىراق ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشلار شۇ بىچارە ھەج تاۋابىغا تەشنا ئۇيغۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى:
2015 – يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بەش مىللىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز لاگىرلارغا، تۇرمىلارغا سولاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرى،دىننىي ئالىملىرى، يازغۇچى سائىرلىرى، مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تۇرمۇلارغا تاشلاندى ھەتتا قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئالدى مۇددەتسىزدىن، كەينى 15 يىللىققىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇلار گۇناھسىز ئىدى. ئۇلارنىڭ «گۇناھى» بولسا پەقەتلا قولىدىكى قەلەملىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۆز خەلقى بىلەن ھەمبەھىرلەنگەنلىگىدە ئىدى. چۇنكى جوڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «گراجدانلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىگى، يېغىلىش ئەركىنلىگى ۋە مەتپۇئات ئەركىنلىگى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى. بىراق ئەمەلىيەتتە جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزى چىقارغان قانۇننى ئۆزى دەپسەندە قىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس، قان ئاقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر مۇسۇلمان دۆلىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ- زارلىرىغا ھەمنەپەس بولغىدەك بىرەرمۇ سادا چىقمىدى. ئەڭ ئېچىنىشلىغى شۇكى، ئۇيغۇرنىڭ دىننى ئالىمى، ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىممۇ ئاللاھنىڭ قۇرئانىنى تەرجىمە قىلغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەمگىگى بەدىلىگە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە، ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىگى ئۈچۈن، جوڭگۇ ھۆكۈمىتى كەشىپ قىلغان » كەسپىي تەربىيەلەش مەرگىزى»دە 82 يشىدا خورلۇق ۋە قىيىن قىستاقتا ئۆلتۈرلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار خۇددى ئۇۋىسى چۇۋۇۋىتىلگەن جانۋارلاردەك قوزغىلىپ كەتتى،ئازاپتىن تولغۇنۇپ كەتتى. يۈرىگى يوقۇتۇش ئازاۋىدىن پۇچۇلانمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر قالمىدى. بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مىدىرلاپمۇ قويمىدى. ۋەتەندە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى، قۇرئانى كەرىم ۋە جەينىمازلىرى خۇددى ئەخلەت كۆيدۇرگەندەك توپ- توپى بىلەن كۆيدۈرۈلدى، ناماز ئوقۇغانلار لاگىرلارغا، تۇرمىلارغا تاشلاندى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى. ئەكسىچە باشتىن ئاخىرى جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغانلىرىنى قوللاپ كەلدى. كىشىنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جوڭگو ھۆكۈمىتىنى باشتىن ئاخىرى قوللاپ كەلدى. چۇنكى ئۇلار خىتاينىڭ قولى ئارقىلىق ئايىغى ئۇزۇلمەستىن يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان، ئىچىملىك، چىكىملىكتىن، ھارامدىن خالىي بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ » ھاللال ئورگان» لىرىغا ئھتىياجلىق ئىدى. مانا شۇ «ھالال ئورگان»لارنى ۋاختى، ۋاختىدا ، سورىغان ھامان تەمىنلەپ تۇرىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى تېخىمۇ كىرەك ئىدى. چۇنكى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىدىكى ئاقسوڭەكلەرنىڭ ، بايلارنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئھتىياجى بار ئىدى. ياش ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ بۆرەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، داۋاملىق كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ۋە نەۋرىسى دەمەتلىكلەر بىلەن نىكاھلىنىپ، داۋاملىق پەرەنت كۆرۇش ئۇلارنىڭ مەڭگۈ قاندۇرۇلۇپ بولمايدىغان ھاجىتى ئىدى. بىراق «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ بويۇمدا قالدى»،دىگەن مىللىي ئەقىدە ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسا، شۇنچە يىللاردىن بىرى سەئۇسى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ- زارلىرى،نالە- پەريادلىرىنى كۆرمىگەنگە، ئاڭلىمىغانغا سېلىۋالغان بولسىمۇ،ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن نارازىلىقىنى بىلدرىدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر ئەركەك ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات چىقمىغان ئىدى.
مىنىڭ ھەمدۇللاھ ۋەلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىۋاتقىنىمغا بىر ئايلار بوپ قالغان ئىدى. تېلڧون ئارقىلىق كۆپ سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن، مەن بۇ كىشىنىڭ ئىديولوگىيىسىنى تولۇق چۈشەندىم. ئەمدىكى مەسىلە بۇ كىشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە تىزراق بىخەتەر بىر جايغا يۆتكەش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئامرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن،مەن ئېرىشكەن ياخشى خەۋەرنى ھەمدۇللاھ ۋەلى ئەپەندىگە يەتكۈزۈشكىمۇ ئۈلگۇرگەن ئىدىم. ئۇنى قۇتقۇزۇپ بىخەتەر جايغا يۆتكەش ئىشلىرى نورمال تەرتىپ بىلەن كىتىۋاتاتتى. مىنىڭ نۆۋەتتىكى قىلىدىغان ئىشىم پەقەت ئۇنىڭ كۈندۈلۈك ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇنى قۇتقۇزىدىغان ئورگاندىكىلەرگە ۋاختىدا خەۋەر قىلىپ تۇرۇش ئىدى. بىزنىڭ ئاخىرقى قىتىم ئالاقە قىلغان ۋاختىمىز پەيشەنبە كۈنى مەككە ۋاختى كىچە بولۇپ، ۋاشىڭتون ۋاختى پەيشەنبە ئەتتىگەن بامدات نامىزىدىن كىيىن بولغا ئىدى. مەن ھەمدۇللاھ ۋەلى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى بارىدىغان دۆلەتكە قارىتا قويغان كىچىككىنا تەلىۋىنى مۇناسىۋەتلىك خادىمغا يەتكۈزۈپ، ئېرىشكەن جاۋاپنى ھەمدۇللاھ ۋەلى ئەپەندىگە ۋاتىس ئاپ ئارقىلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ماڭا سۆز قالدۇرىشىنى تەلەپ قىلىپ،ئۇنىڭغا بىر نەچچە قىتىم ئاۋازلىق سۆز قالدۇردۇم. دەرھال جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن، كۆڭلۈم بىرەر يامانلىقنى تۇيغاندەك بولدۇم. بىراق بۇ ئاساسسىز گۇماننى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋتىشكە تىرىشتىم. چۇنكى ئۇنىڭ ماڭا دەپ بەرگىنى بويىچە بولغاندا، ئۇنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنى بىخەتەر جاي ئىدى. ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى. مەن قايتا سۆز قالدۇردۇم، يەنە جاۋاپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال بۇ بىنورمال ئەھۋالنى ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەلىك ئورۇنغا يەتكۈزدۇم. بىراق ئىككى سائەتلەردىن ماڭا كەلگەن جاۋاپتىن ھەيران قالدىم. » ھەمدۇللاھ ۋەلى ئەپەندى سائۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولىشى مۇمكىن،بىز دىپلوماتىك يول ئاقىلىق ئۇنى قۇتقۇزۇپ، بىخەتەر دۆلەتكە يولغا سېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.» بۇ گەرچە مۇشۇ دەقىقىدىكى ھەممە كىشى ئارزۇ قىلىدىغان خەۋەر بولسىمۇ، بىراق بىر بىگۇناھ كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىشىنىڭ ئۆزىلا بىر ئادالەتسىزلىك ئىدى.
قانداق قىلىش كىرەك؟ئۆيدە ئاھ- ۋاھ، مىللىتىم، خەلقىم، دەپ قۇرۇق ۋەز ئەيتىپ ئولتۇرۇش،بىرەر ئەمەلىي ھەركەت قىلماسلىق مىنىڭ خاراكتىرىم ئەمەس،ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزەمگە ئوخشاش قۇرۇق گەپتىن كۆرە ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ياخشى كۆىدىغان سالىھ خودايارغا تېلڧون قىلدىم. بىزنىڭ نامايىش پىلانىمىز پەقەت ئىككى مىنۇتلۇق تېلڧون سۆھبىتى بىلەنلا ۋۇجۇتقا چىقتى. خىزمەتلەرنى بۆلىشىۋالدۇق. مەن ئەسلىدىنلا بۇ ياش جەڭگىۋار يىگىتكە باشقىچە قايىللىغىم بار ئىدى. بۇ قىتىم ئۇنىڭغا بولغان قايىللىغىم تېخىمۇ ئاشتى. ئۇنىڭ ناتىقلىغى، ئۆزى توغرى، دەپ قارىغان، مىللەتكە پايدىسى بولىدىغان ھەرقانداق ئىشقا قارىتا «ھاردىم، تالدىم» دىمەيدىغان، باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىغا ۋە تۆھمەت، تاياق توقماقلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان مىجەزى مىنىڭ تېخىمۇ قايىللىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ بىزنى باشلاپ شۇئار توۋلىغان چاغدىكى ياڭراق ئاۋازى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئەلچىخانا بىناسىنى زىل- زىلىغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ زىرىكمەي چۈشەندۈرىشى ئەلچىخانىنى قوغداۋاتقان ساقچىلارنىمۇ قايىل قىلدى. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھسىغا يازغان سەئۇدى ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئالغان ئىككى ئۇيغۇرنى قويۇپ بىرىش،ئۇلارنى ھەرگىزمۇ خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان سەئۇدىنىڭ بىرمۇ دىپلوماتىك خادىمى ئالدىمىزغا چىقىشقا جۇرئەت قىلالمىدى. گەرچە سالىھ ئۇنلۈك ئاۋازدا ئۇلارغا: بىزدىن قورىقماڭلار، بىز بۇ يەرگە تىنچلىق ئۇسۇلدا سىلەرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقىلى كەلدۇق. چىقىپ قولىمىزدىكى مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئېلىڭلار،دەپ ئىلتىماس قىلدى. بىراق بىرەرمۇ دىپلوماتىك خادىم ئاخىرغىچە ئالدىمىزغا چىقىشقا جۇرئەت قىلالمىدى. ئاخىرى سالىھ خودايار ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن پادىشاھ ئالىيلىرىغا يازغان مەكتۇپنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىنانىڭ مەرمەر تاشلىرىدا ئەكسى سادا پەيدا قىلماقتا ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر ھىساپتا يەنە بىر خىل مەكتۇپ يەتكۈزش ئۇسۇلى ئىدى.
ۋاشىڭتوننىڭ بۈگۈنكى سوغۇقى ئادەم بەدىنىگە خۇددى يىڭنىدەك سانچىلاتتى. بىراق بۇ نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرىگىدە بىر پارچە ئوت كۆيەتتى. بۇ ئۆز مىللىتىگە، دۇشمەننىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى ئارىسىدا ئازاپتىن ئىڭراۋاتقان، تولغۇنىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا بولغان مۇھاببەتكە تولغان يۈرەكتە يالقۇنجاۋاتقان ئوت ئىدى. بۇگۇنكى نامايىشنى پەقەت بىر قىتىملىق نامايىش دەپ چۇشەنگەندىن كۆرە،ئۇنى بىر قىتىملىق ئىسيان،دەپ چۈشەنسەك توغرى بولاتتى. چۇنكى بۇ تارىختىن بىرى ئەرەپلەرنى خۇددى» تاش ئاتقىلى بولمايدىغان مازارغوجام» دەك بىلىدىغان؛ ئۆزلىرى شۇنچە خورلۇق ۋە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، دىندىشىم، دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن، ھەتتا غورورىدىن ئۈستىن كۆرىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، يۈرىگىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن باشلاپ ئويغۇنىۋاتقانلىقىدىن،ئۇلارنى قاماللاپ تۇرغان روھىي كىشەننىڭ پارچىلىنىۋاتقانلىغىدىن، كۇكۇم تالقان بولىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەمەلىيەتنىڭ نامايەندىسى ئىدى.