خەيرىنىسا ياسىن
ئوكيان ئاشتىم مەنزىلىمدە،
يېتەلمىدىم ئاپامغا.
پەرزەنت تۇغدۇم تەربىيىلەشتە،
يېتەلمىدىم ئاپامغا.
ئاق سۈت بېرىپ ئۆستۈردى،
مېھرى بىلەن چوڭ قىلدى.
ئىلىم-ئەخلاق دۆۋلەتتە،
يېتەلمىدىم ئاپامغا.
سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ،
كىر-قات يۇيۇپ ئاش ئەتىپ،
قۇراق تەكە تىكىشتە،
يېتەلمىدىم ئاپامغ.
غۇرۇر بەردى بىزلەرگە،
تامغا چىق دەپ ھەم مەدەت،
يىراق مەنزىل كۆرۈشتە،
يېتەلمىدىم ئاپامغا.
سېغىنىش ئاتەشلىرى،
لەختە قىلار دىلىمنى،
سەۋر تاقەت چىكىدە،
يېتەلمىدىم ئاپامغا.
يىراق ئەلدىن ئىزدىدىم،
ھىلال ئايدەك چېھرىنى،
دۇنيا يىغماي سۆيۈشتە،
يېتەلمىدىم ئاپامغا.
پەرزەنت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر،
قىلدى تەقدىم ئۆزىنى،
ئەشۇ ئىسىل خىسلەتتە،
يىتەلمىدىم ئاپامغا.
بۇ ھايات موساپىسى،
قىلدى مەزمۇت قەددىنى،
تىك تۇرۇپ تىك ياشاشتا،
يىتەلمىدىم ئاپامغا.
چاچ ئاقاردى يەتتىم مەن،
ئۇنىڭ جۇۋان يەشىغا،
ھۆسنى جامال سۆلەتتە،
يىتەلمىدىم ئاپامغا.
يىقىللدىڭ سەن نىمجان بوپ،
كۆز ئۈزمەستىن ئىشىككە،
قىلىپ دۇئا پەرزەنتكە،
يىتەلمىدىم ئاپامغا.
(ئابدۇللا ئابدىريىمنىڭ يىتەلمىدىم ئاتامغا' ناملىق ناخشىسىغا تەقلىت،ۋەقەلەر ئۆز ھاياتىمدىن ئېلىندى)
2020 -يىلى25- ئىيۇل، ياپونىيەنىڭ چىبا ناھايەسىدە، خىزمەت ئورنۇمدا يېزىلدى.