راھىلە كامال
سارغايغان بىر ياپراق كەچكۈزدىن دېرەك،
ئالتۇنرەڭ قۇياشتا چاقنىدى لېكىن.
تىكىلدى كۆزۈمگە خىياللىرىمدەك،
ئەسلىسەم يىراقتا، يىغلىسام يېقىن.
قورقىمەن ياپراقتىن باردەك بىر توزاق،
بۇ سېرىق ياپراقلار سېنىڭ كۆزۈڭدەك،
باقىدۇ كۆزۈمگە غەمكىن ھەم ئۇزاق.
چۈشلەردە،خىيالدا تويماي مۇڭداشساق.
(بەرىبىر بۇ كۈزدە كەلمەيسەن بىراق.)
يېشىل، سېرىق ياپراقلارنى سۆيەتتىڭ ھەتتا،
ئۈمىدلىرىڭ ئەمدى ئۆچكەنمىكىنتاڭ!
نىچۈن سارغايدىڭ؟ ئۈنلىرىڭ ئاستا،
ئەزىزىڭ ئۆمرۈڭدىن يۈتكەنمىكىنتاڭ!؟
تەنھامەن شۇقەدەر يوقتۇر ھىچكىمىم،
بارلىغىمسەن قەدرىڭگە يېتىشىم كېرەك.
ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم ئاڭلىماس ھىچكىم.
سەبىرنىڭ قولىغا ئۇلاشتى تىترەك.
ئاھ ! مېنىڭ مەپتۇنكار سېرىق چېچىكىم !
سەزمىسۇن چىگىشتىن تامغان ئازابنى،
بىۋاپا پەسىللەر، پىتكۆز دۇنيادا،
قالدىمۇ مەن تارىتمىغان ئازاپلار ئاخىر؟!
سەزمىسۇن چىگىشتىن تامغان ئازابنى،
بىۋاپا پەسىللەر،پىتكۆز دۇنيانى ،
يەنىلا قىزغىنىپ سۆيدۈممەن ياپىر!
كەچكۈزنىڭ شامىلى چېچىمنى سۆيگەچ،
سارغايغان ھۆسنۈمنى قاچۇردۇم سەندىن.
ئاخىرقى بىر ئۈمىد ئوتلىرى كۆيگەچ،
ئىسسىق جان كەچمىدى روھتىن ھەم تەندىن.
چۇۋۇلغان چېچىمنى بولۇپ ئۇچۇرماق،
سارغايغان چېھرىمنى بولۇپ يوشۇرماق،
ئاسمانغا قارىدىم يالغاندىن كۈلۈپ،
يەنىلا ئاسماندا سانسىز يوپۇرماق..