كۈلەي دېسەم

كۈندۈزئاي ھامۇت

ھۇزۇرۇڭلار ئۈچۈن كۈندۈزئاي ھامۇت خانىمنىڭ (كۈلەي دېسەم)ناملىق ئاۋازلىق شېئىرى بىرگە يوللاندى

كۈلەي دېسەم گۈلدەك ئېچىلىپ،
كۈلەلمەيمەن روھىمنى سىلكىپ.
ئۈششۈك تەككەن ئاجىز ياپراقتەك،
دىرىلدەيمەن بېشىمنى تىقىپ.
دوستقا مۇھتاج بولغان كۈنلەردە،
يالغۇزلۇقۇم جېنىمغا پېتىپ.

كۈلگەنلەرگە قاراپ باقىمەن،
كۈلگەن ۋاقتىم مېنىڭمۇ بولغان.
لېكىن شۇ چاغ چاقماق تېزلىكتە،
ئەسلىمەمدە ھەيكەل بوپ قاتقان.
مەن كۈلۈشكە ۋاقتىم بولغانمۇ؟
خاتىرەمدە لىق سىر بار ياتقان.

يېتىشەلمەي ئۆتەر ھەر كۈنلەر،
ئۇچىرەتتە يىغا ۋە كۈلكە.
بەزى غەزەپ ، بەزىدە شېرىن،
تۇرمۇش خۇددى ئاچچىق بىر قەھۋە.
كۈلەي دەيمەن راھەتتە بىر كۈن،
ئېچىلغاندا ۋەتەندە سېرىن

2019 – يىل 10- ئۆكتەبىر

جاۋاب يېزىش