نوزۇگۇم قوشاقلىرى

 

 

 

 

.ئەپيۈنكەش جاللاتلار، ماجاڭ ئويناپ ياتىدۇ

قاراڭغۇ زەي زىنداندا، نۇزۇك يالغۇز ياتىدۇ

ئاتام مېنى ئانام مېنى، نېمىشقا ئارزولاپتىكىن؟

بۇ كۈنگە قا لا رىمنى، باشتا ئويلىماپتىكىن؟

 

قومۇشلۇققا ئوت ياقسا، گۈرۈلدەپ كۆيۈپ كەتسە. 

مۇنداق كۈننى كۆرگۈچە، ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە.

مۇز داۋاننىڭ يولىدىن،  ئۆتمەسكە ئامال بارمۇ؟

 ئېلىخوغا بارغۇچە، جېنىم ئامان قالارمۇ؟ 

 

ئالتە ئايدىن يالغۇزمەن،  قەشقەر يولىنى بىلمەسمەن.

 خۇدا مېنى ساقلىسا، سەن زالىمغا تەگمەسمەن.

 

 

يايى چىقتى تۇتقىلى، ئەجدىھار بولۇپ يۇتقىلى.

ئونلاپ يايى كېلىپتۇ، مەن نازۇكنى يۇتقىلى.

مانجۇلا رنىڭ ياڭزىسى، غۇلاچچە بار غاڭزىسى.

 چاقاي دىسەم چېقىلماس، قولۇمدىكى كويزىسى.

 

مويتۇڭزىدا چاپقاندا، مەنمۇ ئۇندا ئۆلەرمەن.

موللىلارنىڭ سۆزىچە، ئەھلى شېھىت بولۇرمەن. 

ئالدىمىزدا جاللاتلار، قىلىچىنى ئوينىتار.

مېنى ئۇشبۇ ئۆلۈمدىن، قانداق كىشى قۇتقۇزار؟ 

 

تۆگىلەر جايى تاغ باشى، مەنزىلىمىز يار باشى.

 شۇ مەنزىلگە يەتكەندە، توختىمايدۇ كۆز ياشى. 

قۇمۇش ئارىلاپ كۈن چۈشتى، يالغۇز باشقا مۇڭ چۈشتى.

 مەن نۇزۇكنى تۇتۇشقا، سولۇن چىرىكلەر چىقتى. 

 

كىرسەم قەشقەر يولىغا، قەشقەر يولى يول بولغاي.

نۇزۇك ئاجىز بەندىنى، بىر خۇدايىم ساقلىغاي. 

قۇمۇشلۇققا ئوت قويسا، قېچىپ كىرەي دەرياغا.

ھەرگىز خوتۇن بولمايمەن، سولۇن يۈزى قارىغا.

 

ئاسماندىكى سار بولدۇم، يولدا يۈرۈپ خار بولدۇم.

قەشقەردىكى ئاتامنى، بىر كۆرۈشكە زار بولدۇم. 

يوللارنى تولا مېڭىپ، ھالسىزلىنىپ تېلىقتىم.

مەن بۇياققا كېلىپلا، يامان كۆزگە چېلىقتىم. 

 

ھاۋا بىردىن تۇتۇلدى، قار-يامغۇرلار ياغقىلى. 

 قانداق چاغدا تۆرەلدىم، بۇ دەردلەرنى تارتقىلى. 

ئاخىرى ئاشكارا بولدۇم، يوشۇرغىلى يەر بارمۇ؟

ماڭا قاتتىق كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ 

 

تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى، سۈزۈپ ئىچەر يەر بارمۇ؟ 

نازۇك باشقا كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ 

ھېچكىم مەندەك بولمىسۇن، مۇنداق بالاغا قا لمىسۇن.
بىزگە كەلگەن جاپا لا ر، ھېچ بەندىگە كە لمىسۇن. 

تەييارلىغۇچى: راھىلە كامال

جاۋاب يېزىش