‎ئۇيغۇر بۆشۇگى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى بۇشۇك مەدىنىيىتى

‎          خەيرىنىسا ياسىن                                                            

‎بۇشۇك ئۇقۇمنى ھازىرقى زامان ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىلىقلار “بالىلارنىڭ بوباقلىق مەزگىلدىكى كارۋاتى» دەپلا چۈشۈنىشى مۇمكىن. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ بۆشۈگى ياۋروپالىقلار ۋە لاتىن ئامېرىكىلىقلار بوباق بالىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كارۋاتلاردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ.

‎ بۆشۇكنى، ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش بولغان ئۇزبەك ، تاتار، قىزغىز، تاجىك، قازاق قاتارلىق تۇركى  مىللەتلەر خېلى ئۇزۇن تارىختىن بىرى ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ پۇتۇنلەي ياغاچتىن ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ياسالغان بوباقلارنىڭ كارۋىتىدۇر.(1)
بۇشۇك ساپ ياغاچ ماتىرياللىرى بىلەن، قۇلى گۇل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەپىس نازۇك نەققاشلىق ھۆنۈرى بىلەن ،ناھايتى رەڭدار گۇزەل ياسىلىدۇ.
‎  بۇشۇكنىڭ ئۇزۇنلىغى1مىتىر ،كەڭلىگى 50 سانتىمىتىر، ئىگىزلىگى 60 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
‎ بۇشۇكنىڭ جابدۇقلىرى توۋەندىكىچە: كورپىسى، يوگىكى ، تاڭغۇچىسى، جاگاك قاپىغى(قولايلىق ئوبۇرنىسى)، شۇمەك، ئۇستىگە ياپىدىغان پەسىللىك يوتقان قاتارلىقلار. بۇ بويۇملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇش تەرتىۋى مۇنداق بولىدۇ:
بۆشۈكنىڭ كارۋات قىسمىغا قېلىن ھەم يۇمشاق قىلىپ تىكىلگەن كورپە  سېلىنىپ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە يوگىكى يېپىلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش يەرىدىن يۇمىلاق تۇشۇك ئېچىلىپ، بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرى شۇ يەردىن جاگاك قاپىغىغا
چۇشىدۇ.
‎  بۇشۇكنىڭ ئىككى يىرىگە تىزلىق قويۇلغان بولۇپ، بىرىنچىسى پۇتىنىڭ دەل تىزئاستى قىسمىغا، ئىككىنچىسى بولسا بالىنىڭ يۇقىرى بىلەك قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.بۇ تىزلىقلارنىڭ كەڭلىگى 20 سانتېمېتىر، ئۇزۇنلىغى بولسا 80سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.بۇ تىزلىقلارنىڭ رولى ئۆزگۈچە بولۇپ، بالىلارنىڭ قول ۋە پۇت سۆڭەكلىرىنىڭ تۆز يىتىلىپ چىقىشىغا، شۇنداقلا بەدەن قۇرلۇشىنىڭ سۇپەتلىك ، كۆركەم يىتىلىشى ئۈچۈن ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. سىز دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولسىڭىز، بۆشۇككە تېڭىپ چوڭ قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پۇت قولى ۋە بەدەن قۇرۇۇشى ئۆزگىچە گۈزەل بولۇپ، ئەيىۋى يوق دىيەرلىك.

بالىنى بۆشۈككە يۆگەشنىڭ تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: بالا ئالدى بىلەن يوگىكىگە يوگىلىپ، ئاندىن ئىككى پۇتى بىلەن ئىككى قولى تىزلىق بىلەن چىڭ تېڭىلىدۇ، ئاندىن بۇشۇكنىڭ تىگىدىن ئايلاندۇرۇپ، ئۇستىگە چىگىلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى خىل پايدىسى بار: بىرىنچىدىن، بالىنىڭ تەرىتى بىۋاستە تەكتىدىكى جاگاكقا چۇشۇپ كەتكەچكە، بالىنىڭ تەكتى نەملىشىپ كەتمەي ياخشى ئارام ئالالايدۇ. ئىككىنچىدىن بالا بۆشۆگىدە خۇددى ئانىسىنىڭ قۇچىغىدا ئۇخلىغاندەك خاتىرجەم ياتالايدۇ.ئۇنىڭدىن سىرىت
‎ كەچە-كۇندۇز قاچان دەم ئالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئانىلار ئۈچۈن خاتىرجەم ئارام ئېلىش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. ئانىلار بالىسىنى بۇشۇككە بولەپ قويۇپ، مۇڭلۇق “ئەللەي ناخشىسى”نى ئەيتىپ، بۇشۇكنى يىنىك تەۋرىتىپ بالىلارنى ئۇخلىتىدۇ. ھاۋا ئۇچۇق كۇنلىرى بۇشۇكنىڭ يوتقان كورپىلىرى ئاپتاپقا سېلنىپ، پاكىز قۇرۇغدىلنىپ تۇرىدۇ.
‎.“ئەللەي ناخشىسى بولسا » ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇشۇك قەسىدىسىدۇر (2)
مەن گەرچە مۇھاجىرەتتە  پەرزەنتلىرىمنى بۇشۇكتە  تەربىيلەشكە  ئىمكانىيىتىم  بولمىغان  بولسىمۇ، بىراق بالىلارنى ئۇخلاتقاندا, “ئەللەي ناخشىسى”نى ئەيتىپ ئۇخلىتىش ئادىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ھازىرمۇ 4 ياشلىق قىزىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن دائىم شۇ ئەللەي ناخشسىنى ئەيتىپ بەرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
. مەن ئۇزۇمنىڭ ئەقلىمگە كىلىپ،3 ياشقا كىرگۈچىمۇ بۇشۇكتە ياتقىنىم ھېلىمۇ يادىمدا
‎بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە ئاياللار ئادەتتە ھامىلدار بولغاندا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرەپ ئالدى بىلەن بۇشۇك تەييارلاپ بەرىدىغان ئىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلانغان.
‎ تۇغۇلغان بوباق 45 كۇنلۇك بولغىچە ئىسىمى قويىلىپ، 45 كۇنلۇكتىن كىيىن بۇشۇككە سېلىش ئۇمۇملاشقان .ئەگەردە تۇغۇلغان بوباق قىز بولسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى نەۋرىسى ئۈچۈن بۇشۇك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشمۇ قىز تەرەپ ئاتا ئانىسىنىڭ بىر خىل مەجبۇرىيىتى سۇپپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
‎بۇشۇكنىڭ تارىخىغا كەلسەك، 11-ئەسىردە ئوتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى ئوزىنىڭ “تۇركىي تىللار دىۋانى”(3) دا بۇشۇكنى تىلغا ئالىدۇ .دىمەك بۇشۇك ئاز بولغاندىمۇ 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مانا شۇنداق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۆشۈك
‎  ئوز نوۋىتىدە ئەقىللىق، ئىشچان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قولىدا ھازىرقى زامان ئىلىكتىر-ئۇچۇر تەرەققىياتى بىلەن قايتىدىن يىڭىلىنىپ، ھازىرقىدەك زامانىۋى بۇشۇك بولۇپ ياسالدى.
‎زىھنى ئوتكۇر ئۇيغۇر ياشلىرى بۇشۇكنى قاتلاپ, يىغىنچاقلاپ سىرتلارغا چىققاندا قولايلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان شەكىلگە ئەكىلىپ قايتىدىن ياساپ چىقتى. زامانىۋى ئۇسلۇپتا ئوزگىچە ياسالغان بۇ بۇشۇككە ئىلىكتىرونلۇق قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتۇماتىك تەۋرىنىدۇ. سىمسىز تور شاراتىدا ئانىلار بالىسىنى بۇشۇككە بولەپ قويۇپ ، باشقا ئويدە تۇرۇپ بالىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كورەلەيدىغان ئىلىكتىرونلۇق قۇرۇلمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىرەك ئۇيغۇر مىللىتى “بۇشۇك” تىن ئىبارەت ئۇيغۇر قاتارلىك تۇركىي مىللەتلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەلىشىدە بىردىن-بىر كەم بولسا بولمايدىغان بالىلار كارۋىتىنى، ھازىرقى زامان تەخنىكىسى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كوتەردى. بىراق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر ئانا بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن ئۆز پەرزەنتىمنى بۆشۇكتە يېتىشتىن ئىبارەت ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلاردىن بەھرى ئالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ بۇشۇكلەردىن مەنمۇ سېتىۋالماقچى بولۇپ، ئانا دىيارىمىزدىكى تورلاردا بىرىلگەن ئىلانلار ئارقىلىق بۇشۇك ياسايدىغانلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلغان بولساممۇ ، بىراق خىتتاي ھوكۇمىتىنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بەرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىنى چەكلەشى تۈپەيلىدىن، قىزىم ئۈچۈن بىر تال بۆشۇك ئەكەلدۈرۈشكە خۇددى ۋەتەندىكى ئاتا ئانامنى، قېرىنداشلىرىمنى كۆرۈشكە تەشنا بولغاندەك تەشنا بولدۇم، بىراق يەنىلە بىر تال بۆشۈكنى ئەكەلدۈرەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن يۈرۈگەۈم ھېلىمۇ ئازاپ ئىچەدە تولغانماقتا.

ئىزاھاتلار:
(1)،(2) ئۇيغۇر ئورىپ-ئادەتلىرى» رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شىرىپ خۇشتار.

(3)     «تۈركى تىللار دىۋانى» مەخمۇد قەشقەرى

جاۋاب يېزىش